بەش دوللارنىڭ ﻫېكايىسى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 741 قىتىم
بىر يۈرۈش مۇسادىرە قىلىنغان ۋېلىسپىتلەر كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلماقچى بولدى. سېتىلىش مەيدانىدا، ﻫەرقېتىملىق باﻫا چاقىرغاندا ئون ياشلاردىن ئاشقان بىر ئوغۇل بالا باﻫا قوياتتى. قويغاندىمۇ ﻫەر قېتىم پەقەت بەش دوللارلا باﻫا قوياتتى، ئاندىن باشقىلارنىڭ 30 دوللار، 50 دوللاردىن باﻫا قويۇشى بىلەن ۋېلىسپىتنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن سېتىۋېلىشىغا قاراپ تۇراتتى. ئارىلىقتىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدا خىزمەتچى خادىم بالىنىڭ قېشىغا كېلىپ، نېمىشقا پەقەت بەش دوللارلا باﻫا قويۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆرلىمەيدىغانلىقىنى سورىدى. بالا: «مەندە پەقەت بەش دوللارلا بار» دەپ جاۋاب بەردى.

باﻫا تالىشىش يەنە باشلاندى. بالا يەنىلا ﻫەر بىر ۋېلىسپىتىكە بەش دوللاردىن باﻫا قويۇپ كېتىۋەردى. باشقىلار بولسا ئوخشاشلا يۇقىرى باﻫادا سېتىۋېلىشتى. ۋېلىسپىتلەر سېتىلىپ ئەڭ ئاخىرقى بىرسى قالدى. بۇ ۋېلىسپىت يېپيىڭى بولۇپ، سۈرئەت كۆرسەتكۈچ ۋە چىراق قاتارلىق يېڭى ئۈسكۈنىلىرى بار ئىدى. «كىم باﻫا قويىدۇ؟» ئەڭ ئالدىدا ئولتۇرغان بۇ كىچىك بالا ئۈمىدسىزلىنىپ بوش ئاۋازدا يەنە: «بەش دوللار!» دەپ باﻫا قويدى. خىزمەتچى خادىم گەپ قىلمىدى. مەيداندىكى كىشلەر بۇ بالىغا قاراپ ﻫېچقايسىسى قول كۆتۈرمىدى ﻫەم باﻫا تالاشمىدى. خىزمەتچى خادىم «بەش دوللار!» دەپ ئۈچ قېتىم توۋلىغاندىن كېيىن: «بۇ ۋېلىسپىت بۇ شاكىچىكنىڭ بولدى!» دەپ جاكارلىدى. مەيداندا قىزغىن چاۋاك ئاۋازى ياڭرىدى. بالا قېشىدىكى بار يوق بەش دوللار پۇلىنى چىقىرىپ، بۇ ئەڭ يېڭى ۋېلىسپىتكە ئىگە بولدى. ئۇنىڭ چىرايىدا بولسا، خۇشاللىق كۈلكىسى جىلۋە قىلاتتى.
شۇنداق، ئازراق نەپسىمىزدىن ۋاز كېچىپ، بىر گۈزەل ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى! ﻫەر بىرىمىزنىڭ ئازراق تىرىشچانلىقىمىز بىلەن بۇ دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق ۋە گۈزەللىك ئاتا قىلالايمىز.