guide
ئەقىللىق ئېشەك
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
516 قىتىم
 
شياۋ يې
 
بىر ئەقىللىق ئادەم يېزىغا تاماشا قىلغىلى بارغاندا، تۈگمەندە بىر ئېشەكنىڭ تۈگمەن تېشىنى چۆرگىلىتىۋاتقانلىقىنى، ئېشەكنىڭ بوينىغا كولدۇرما ئېسىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇ تۈگمەنچىدىن:
— ئېشەكنىڭ بوينىغا كولدۇرما ئېسىپ قويۇپسىزغۇ؟ — دەپ سوراپتۇ. تۈگمەنچى:
— مۈگدەپ قالغىنىمدا، ئېشەك پات-پات ﻫۇرۇنلۇق قىلىدۇ، بوينىغا كولدۇرما ئېسىپ قويسام، ناۋادا كولدۇرما جىرىڭلىمىسا، بۇ ﻫايۋاننىڭ يەنە ﻫۇرۇنلۇق قىلغانلىقىنى بىلىۋالىمەن ئەمەسمۇ، — دەپتۇ. ئەقىللىق ئادەم يەنە:
— ئەگەر ئېشىكىڭىز ئورنىدا توختاپ جىم تۇرۇپ، بېشىنى لىڭشىتىپ قويسا، كولدۇرمىنىڭ جىرىڭلىشىنى ئاڭلىيالايسىز، ئۇ چاغدا قانداق قىلىسىز؟ — دەپتۇ.
تۈگمەنچى چەكچەيگەن ﻫالدا:
— ئەپەندى، نەدىمۇ ئۇنداق ئەقىللىق ئېشەك بولسۇن! — دەپتۇ.
تۇرسۇن پىداقۇل تەرجىمىسى