مۇشۇ بىر قانچە كۈننى چىڭ تۇت
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 801 قىتىم
«1-ماي» دەم ئېلىش ۋاقتىدىكى بىكارچىلىقتىن پايدىلىنىپ، بالىلىرىمغا كىيىم ئېلىپ بەرمەكچى بولۇپ، مەلۇم گېزىتخانىدىكى «مۇلازىمەت ﻫەپتىلىك ئىستونى» نىڭ مۇخبىرلىقىنى قىلىۋاتقان دوستۇمغا تېلېفون بەردىم. ئۇ بۇ ساﻫەنىڭ ئەلمى-تەلمىنى بىلىدىغان بولغاچقا، ئەرزان ماللارنى سېتىۋالالايتتى، مۇخبىر دوستۇم تېلېفوننى ئېلىپلا مېنى توسۇغىلى تۇردى:
— بارماي تۇرغىن، ﻫازىرلا بايراملىق تەكشۈرۈش باشلىنىدۇ، بىر تۈركۈم ساختا، ناچار كىيىم-كېچەكلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، شۇڭا سودىگەرلەر بەكلا «زېرەك» بولۇپ كېتىدۇ، سەن شۇ چاغدا سېتىۋالساڭ چوقۇم ﻫەم چىرايلىق ﻫەم ئەرزان نەرسىلەرنى سېتىۋالالايسەن.
«1-ئىيۇن» كېلىشتىن ئىككى كۈن ئاۋۋال سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلەشمە ﻫەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، بالىلار كىيىملىرى، بالىلار ئويۇنچۇقلىرى قاتارلىق ئون نەچچە تۈر بويىچە تور يېيىپ چوڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بىر قانچە سودا-ساراي بىلەن نۇرغۇن مەﻫسۇلاتلارنى ئاشكارىلىدى، بۇ ئىشتىن خەۋىرى بار مۇخبىر دوستۇم شۇ ﻫامان تېلېفون بېرىپ:
— ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ دەرﻫال ئالىدىغان نەرسىلىرىڭنى ئېلىۋال، مۇشۇ بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ كەتسىلا، ساختا مال يەنە بازارغا كىرىدۇ، دېدى...
راخمانجان رۇسۇل تەرجىمىسى