guide
ئىككى جۈپ خۇرۇم ئاياغ
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
894 قىتىم
 
بىر خوجايىن بىلەن بىر ئىشچى بىرلا ۋاقىتتا ئاياغ سېتىۋالغىلى كىرىپتۇ. خوجايىن قىزىل خۇرۇم ئاياغنى ، ئىشچى بولسا قارا خۇرۇم ئاياغنى تاللاپتۇ. قىزىل ئاياغ قارا ئاياغقا :
_ ئارزۇيۇمغا يەتتىم ، بىر ئۆمۈر سالاپەتلىك ئۆتىدىغان بولدۇم - دە ،دەپتىكەن،قارا ئاياغ:
_ باي خوجايىننىڭ ئايىغى بولالىغانلىقىڭ ئۈچۈنما ؟ ئەڭ ياخشىسى يىراققا نەزەر سال! _ دەپتۇ.
بىر كۈنى بۇ ئىككى ئاياغ ئىگىسىگە ئەگىشىپ كىنوخانىدا ئۇچرىشىپ قېلىپ، قىزىل ئاياغ يەنە كۆرەڭلىگىلى تۇرۇپتىكەن ، قارا ئاياغ:«تولا كۆرەڭلىمەي،يىراققا نەزەر سال»دەپتۇ.
 


 

 
بىر كۈنى ئىشچى قارا ئايىغىنى كىيىپ ئەخلەت تۆككىلى چىققان ئىكەن، قارا ئاياغ قىزىل ئاياغنىڭ ئەخلەت ئارىسىدا تاشلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن:
_ ساڭا نېمە بولدى؟ _ دەپ سورىغان ئىكەن .قىزىل ئاياغ: 
 خوجايىنىم ﻫېيتلىق ئاياغ سېتىۋىلىپ ، مېنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتتى. ئۇ مېنى كىيگىلى تېخى ئەمدى يېرىم يىل بولغانىدى. قارىمامسەن ساپساقلا تۇرسام، بۇنداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىمنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن! _ دەپ زارلىنىپتۇ، قارا ئاياغ :
_ خوجايىنىڭ توغرا قىلماپتۇ، لېكىن سەن جاﻫاندىكى ئىشلارنى بەك ئاددىي چاغلاپ قاپسەن، ئىنچىكىرەك ئويلىنىپ كۆرگىن! _ دەپتۇ.
شۇنداق، كۆز ئالدىدىكى بىر مەزگىللىك خۇشاللىقنىڭ كويىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاشماسلىق بەكمۇ خەتەرلىك. جاپا بىلەن راﻫەت، ئېرىشىش بىلەن مەﻫرۇم قېلىش، يېقىن بىلەن يىراق، ﻫازىر بىلەن كەلگۈسى....قاتارلىقلارنىڭ ﻫەممىسى بىرىنچىدىن قارمۇ - قارشىلىق، ئىككىنچىدىن بىرلىككە ئىگە بولغان زىددىيەت مۇناسىۋىتىدۇر. ﻫەرقانداق ئىشنى قىلىشتا زىددىيەتلىك بولغان قوش تەرەپ مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغاندىلا ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز. ﻫەممە بارماق ئوخشاش ئاغرىيدۇ ئەلۋەتتە.