كۈندە بىر تال ئالما يەپ بېرىڭ
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 816 قىتىم
شارائىت يار بەرسە كۈندە بىر تال ئالما يەپ بەرسىڭىز نۇرغۇن پايدىسى بار. ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە،ﻫەركۈنى بىرتال ئالما يەپ بەرسە بەدەن زىلۋالىشىپ، تېرىنىڭ بوشاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. ئالمىنىڭ پوستىدا ئادەم بەدىنىگە ئىنتايىن پايدىلىق بىر خىل ئۇرسۇلىك كىسلاتا بار بولۇپ، بۇ ماددىنىڭ بەدەندىكى ياغنى پارچىلاپ، ئادەم بەدىنىنى زىلۋالاشتۇرۇش رولى بار ئىكەن. تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالما تەركىبىدىكى ئۇرسۇلىك كىسلاتا قېرىش ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن مۇسكۇللارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت قەنت مىقدارىنى ئازايتىپ، بەدىنىمىزدىكى خولىستېرىن ۋە باشقا زىيانلىق ياغ كىسلاتالارنىڭ تەركىبىنى چۈشۈرۈشكە پايدىسى بار.
