گۈزەللىك بۇلىقى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 763 قىتىم
بۇرۇنقى زاماندا بىر قىز ئۆز چىرايىنىڭ كۆرۈمسىزلىكىدىن كۆڭلى يېرىم ئىكەن، ئەينەككە قارىغانسىرى كۆڭلى غەش بولىدىكەن، ﻫەتتا دوسىتلىرى بىلەن ئارلىشىپ ئۆتۈشتىن، باشقىلارغا كۆرۈنۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ تالاغىمۇ چىقمايدىكەن، ئاتا–ئانىسى ئىشقا بۇيرىسا ئۇنىمايدىكەن ۋە ئۆز ﻫوجرىسغا قامىلىپ ﻫەسرەت چېكىپ ئولتۇرىدىكەن، بىر كۈنى ئۇ :
-جېىنىم ئانا، ئۆزىڭىز شۇنداق چىرايلىق تۇرۇقلۇق، مېنى نىمىشقىمۇ بۇنداق كۆرۈمسىز تۇغۇپ قويغان بولغىيتىڭىز؟- دېگىنىچە يىغلاپ كېتىپتۇ .
- يىغلىماڭ قىزىم، چىرايلىق بولۇشنىڭ ئامالى بار! - دەپتۇ ئانىسى ۋە ئۇنى يېتىلەپ ئۆينىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئېلىپ چىقىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا يىراقتىكى تاغنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ، - قاراڭ قىزىم، ئاۋۇ تاغنىڭ كەينىدە «گۈزەللىك بۇلىقى » دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاق بار، سىز ئاشۇ يەرگە بېرىپ، شۇ بۇلاقنىڭ سۈيىدە يۈز – كۆزلىرىڭىزنى يۇيۇپ كەلسىڭىز ئاجايىپ چىرايلىق بولۇپ كىتىسىز !
قىز تاڭ سەﻫەردىلا يولغا چىقىپ گاﻫ ئىتتىك مېڭىپ، گاﻫى يۇگۈرۈپ، چۈش بولغاندا تاغدىن ﻫالقىپ ئۆتۈپتۇ ۋە ئۇ يەردىكى چوڭ بۇلاقنىڭ بويىدا ئولتۇرۇپ يۈز – كۆزلىرىنى يۇيۇپتۇ، ئاندىن قايتىش سەپىرىگە ئاتلىنىپ، كۈننىڭ ئولتۇرىشى بىلەن تەڭ ئۆيگە قايتىپ كەپتۇ، ئۇ ئۆيگە كىرىپلا ئەينەككە قارىغاندىن كېيىن ئانىسىغا شۇنداق دەپتۇ :
- ئانا يەنە بۇرۇنقىدەكلا تۇرىمەنغۇ ؟ چىرايلىق بولماپتىمەنغۇ ؟ مىنى ئالدىدىڭىزمۇ يا ؟
- ياق، سىزنى ئالدىغىنىم يوق – دەپتۇ ئانىسى كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۇ بۇلاقنىڭ سۈيىدە يۈز – كۆزلىرڭىزنى بىر قېتىم يۇيۇپلا چىرايىلىق بولماپتىمەن دېسڭىز بولمايدۇ، ﻫەر كۈنى شۇ بولاق بويىغا بىر قېتىم بېرىشقا، ئىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ تاكى چىرايلىق بولغىچە يۈز – كۆزلىرىڭىزنى يۇيۇپ كېلىشكە جۈرئىتىڭىز بارمۇ قىزىم ؟
شۇنىڭدىن كىيىن قىز ﻫەر كۈنى دېگۈدەك تاغنىڭ كەينىدىكى بۇلاق بويىغا بېرىپ كېلىشكە باشلاپتۇ، دەسلەپكى كۈنلەردە، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ﻫېرىپ – چارچاپ پۇتلىرى قاپىرىپ كىتىپتۇ، ئەمما چىرايلىق بولۇش ئارزۇسى غالىپ بەلگەن قىز كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەتىگەندىن كەچكىچە يول يۈرۈشكە ئادەتلىنىپتۇ، يەنە تېخى تاغدىن ئوتۇنلارنى تېرىپ يۈدىگىنىچە ئۆيىگە ئالغاچ كېلىدىغان بوپتۇ. تاغقا بارمىغان كۈنلىرى ئانىسىنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىپتۇ، غىزا–تائاملارنى شۇنداق مېززىلىك، ئوخشىتىپ ئېتىشنىمۇ ئۆگىنىپتۇ، شۇنداقلا تىنىم تاپماي ئىشلەيدىغان، قىلغان ئىشلىرىدىن خۇشاللىق، بەخىت ﻫېس قىلىدىغان ئىشچان قىزغا ئايلىنىپتۇ . شۇنداق قىلىپ، قىز ئۆزىنىڭ چىۋەرلىكى، ئىشچان – ئەمگەكچانلىقى بىلەن قولۇم–قوشنا، ئەل–جامائەتنىڭ تەرىپلىشىگە، ماختىشىغا ئېرىشپتۇ، قولۇم – قوشنىلار : « بۇ قىز بەكمۇ چىرايلىق ، ئوماق چوڭ بولدى » دىيىشىدىغان بوپتۇ .
شۇنداق، ئادەم ئۆزىگە خاس ئادىمىيىلىك، ئۆزلۈك، گۈزەللىك ۋە قەدىر–قىممەتنى پەقەت ئۆزىنىڭ ﻫالال ئەجىر – مېﻬنىتى ئارقىلىقلا قولغا كەلتۇرىدۇ، شۇنداقلا كىشلەر ئارىسىدا يارقىن ئوبراز – ئىناۋەتنى تىكلەيدۇ، ئەگەر قەددى– قامىتى كىلىشكەن بىر ئەر ئەقىل–پاراسەتسىز، پەمسىز، پەزىلەتسىز، ﻫورۇن بولسا ياكى ئۇنىڭ قولدىن ﻫېچقانداق ئىش كەلمىسە، ئۇنداق ئەرنىڭ قەددى – قامىتىگە ﻫېچكىم ﻫەۋەس قىلمايدۇ. ئوخشاشلا ﻫۆسىن - جامالى تەڭداشسىز گۈزەل ئايال زاتى ئەگەر ﻫورۇن، نادان، پەزىلەتسىز ۋە پەم – پاراسەتسىز بولسا ئۇندان لەۋەننىڭ چىرايىغا، ﻫۆسىن–جامالىغا ﻫېچكىم مەﻫلىيا بولمايدۇ، بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئۆمرى بەكمۇ قسىقا بولىدۇ. تۇغۇلىشىدىنلا ئاجايىپ چىرايلىق، ئەمما قولىدىن ﻫېچقانداق ئىش كەلمەيدىغان ئادەملەر خۇددى مېۋىسىز باراڭغا ئوخشايدۇ، شۇڭا ﻫايات كەچۈرۈشتە ئادەم ئۈچۈن چىراي ﻫەرگىزمۇ دەسمايە بولالمايدۇ، ئاتىلارنىڭ « چىرايىغا سۇ قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس» دىگەن ﻫېكمىتىدىمۇ ئاجايىپ تېرەن مەنە بار . بۇ دۇنيادا ئادەملەرنىڭ سەتى يوق، بەزى ئادەملەر ئۆز چىرايىنىڭ ئايرىم تەرەپلىرىنى ئەيىپ – نۇقسان ياكى كۆرۈمسىز دەپ ﻫېسابلايدۇ، ئەپسۇسكى شۇ « ئەيىپ »، « نۇقسان » ياكى «كۆرۈمسىز» لىكنىڭ ئۆزىگە خويمۇ يارىشىدىغانلىقىنى ﻫەمدە ئۆزگىچە گۈزەللىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ئادەم ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى، چىۋەرلىكى، ئېسىل پەزىلىتى ۋە ئىشچان – تىرىشچانلىقى بىلەنلا ﻫەقىقىي چىرايلىق، ﻫۆرمەتلىك، قەدىر – قىممەتلىك بولالايدۇ .
خۇلاسە شۇكى: ئىنسان ئۈچۈن ئەمگەك قوينى ﻫەقىقىي گۈزەللىك بۇلىقى .
تۇرغۇن يىلتىز