كېچىكىپ كەلگەن بەخت
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 796 قىتىم
- سىز ماشامۇ ؟ مەن بىئېر
ئوتتۇز نەچچە يىلدىن بېرى زارىقىش بىلەن كۈتكەن تېلېفوننى ئاڭلاپ ماشانىڭ تۇروپكىنى تۇتقان قوللىرى تىتىرەپ كەتتى.
1973-يىلى ماشا قول ئىلكىدە يوق ئاندىرونى ياخشى كۆرۈپ قالغان، ئەمما ماشانىڭ دادىسى بۇ ئىشقا قاتتىق قارشى تۇرغان ئىدى. ماشانىڭ بويىدا بارلىقىنى ئاڭلىغان دادا ئاچچىقىدا كېسىلىپ قېلىپ، ئۇنى ﻫاممىسىنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىپ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن باشقىلارغا بېرىۋەتكىن، دېدى. شۇ ئارىلىقتا ئاندىرو ﻫەربىيلىككە كەتتى، ماشا بولسا ئاندىرو يازغان خەتلەرنىڭ كۆيۈپ كېتىۋاتقىنىدىن خەۋەرسىز ئىدى، شۇنداق قىلىپ ماشا بىلەن ئاندىرونىڭ ئالاقىسىمۇ ئۈزۈلدى. دادىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ماشا ئۆيىدىن خېلى يىراقتىكى بىر ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا باردى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شۇ يەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىشقا ئورۇنلاشتى. ماشا توي قىلمىدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ ئۆز بەختىدىن مەڭگۈ ئايرىلغان بولۇپ، ئەمدى قايتىپ كەلمەيتتى. ئۇنىڭ بىردىنبىر خوشاللىقى پەقەت ئەسلىمە ئىچىدە ياشاش ئىدى.
ئەمما ماشا تەۋرەنمەس بىر غايە بىلەن ياشىدى، ئۇ بولسىمۇ ئۆز ئوغلىنى ئىزدەپ تېپىش ئىدى، بۇ كۈن ئاخىرى يېتىپ كەلدى.
ئانا-بالا كۆرۈشىدىغان كۈنى، بىئېر ئولتۇرغان ئاپتوبۇس بېكەتكە كىرىشىگە، ماشا ئوغلىنىڭ ئىسمى يېزىلغان تاختاينى ئېگىز كۆتۈردى.
ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئۆز ئوغلىنى بىر قاراپلا تونۇۋالدى، ئانا-بالا بىر - بىرىنى مەﻫكەم قۇچاقلاشتى. ئازاب ۋە خۇشاللىق ئارىلىشپ كەتكەن كۆز ياشلار تاراملاپ ئاقتى. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، بىر ئوغۇل بالا بىئېرنىڭ چاپىنىدىن تارتتى.
- دادا، ئۇسساپ كەتتىم.
ماشا كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈشكىمۇ ئۈلگۈرمەي بالىنى كۆتۈردى. بالا ماشانىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ دېگۈدەك يەرگە چۈشۈپ، «بوۋا» دەپ ۋارقىرغىنىچە ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى كىشىگە قاراپ يۈگۈردى.
ماشا نەۋرىسى يۈگۈرگەن تەرەپكە قاراپ قېتىپلا قالدى، «بۇ مۇمكىنمۇ، ئەجىبا راستىنلا شۇمىدۇ؟»
بىئېر ئانىسىنىڭ مۈرىسىدىن مەﻫكەم قۇچاقلاپ تۇرۇپ:
- شۇ، دەل ئۆزى. ئۆتكەن ﻫەپتە ئۇنىمۇ ئىزدەپ تاپتىم. ئۇ ئۆيگە كەپتىكەن، بۈگۈن ئىككىمىزنىڭ كۆرۈشىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ بەك ﻫاياجانلىنىپ، بىز بىلەن بىرگە كەلدى، ﻫە راست، داداممۇ تېخى توي قىلماپتۇ،-دېدى.
ئاندىرو ماشا تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى، ماشا بولسا ئېغىر قەدەملىرىنى ئاران يۆتكەپ ئۇنىڭ ئالدىغا قاراپ ماڭدى. يېقىن كەلگەندە، ﻫەر ئىككىسى قەدەملىرىنى توختىتىپ، بىر - بىرىگە سەپسېلىپ قاراپ كېتىشتى، ۋاقىت خۇددى توختاپ قالغان ئىدى. بىر ﻫازادىن كېيىن ئۇلار بىر - بىرىنى مەﻫكەم قۇچاقلاشتى.
شۇ يىلىدىكى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا بىئېر ئاتا-ئانىسىنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتناشتى.