خۇشاللىق ۋە ئەپسۇسلۇق
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 779 قىتىم
يۇرت تەسىراتى
مۇختار مەخسۇت
يېقىندا كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن يۇرتۇم خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناﻫىيەسىگە باردىم. بۇ، ئۇزاقتىن بۇيانقى ئارزۇيۇم ئىدى. يۇتۇمدىكى يېڭىلىقلارنى، ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، يۈرىكىم بۆلەكچىلا يايراپ كەتتى. يەنە بەزى ئىشلار كۆڭلۈمنى غەش قىلدى، چوڭقۇر ئويغا پاتتىم.
قېنى ئۇ توپىلىق يوللار؟
ئانا يۇرتۇم تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان يېزا ناﻫىيە بازىرىغا ئون كىلومېتىرچە كېلەتتى. ئەينى يىللىرى ئەگرى – توقاي يوللىرى ﻫوشۇققا كەلگىچە توپىلاڭ ئىدى. يېڭى كىيىملەرنى كىيىپ بازار ئويناشقا ماڭغانلار ئاياغلىرىنى قولتۇقلىرىغا قىستۇرۇۋالاتتى. مەن يەكشەنبە بولسىلا ناﻫىيە بازىرىغا بارمىسام زادىلا ئۇنىمايتتىم. بوۋام يۇلغۇن ياغىچىدىن ياسالغان ئۇچلۇق تاياق بىلەن ئېشەكنى بولۇشىچە ﻫەيدەپ، قاراڭغۇ چۈشكىچە ئاران دېگەندە ئاپىرىپ ئەكىلەتتى. ناﻫىيە بىلەن يېزا ئارىلىقىدا بىر قۇملۇق بولۇپ، نەچچە رەت يولدىن ئېزىپ قالغانلىقىمىز ﻫېلىمۇ يادىمدا.
مانا ئەمدى ﻫەقىقىي مەنىدىكى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزىنىڭ قىياپىتى كۆز ئالدىمدا نامايان بولۇپ تۇرۇپتۇ. ناﻫىيەدىن يېزا – بازارلارغا، يېزا – بازارلاردىن كەنتلەرگە، كەنتلەردىن چەت – يىراق مەﻫەللىلەرگىچە تۇتاشقان تۈپتۈز يوللار ئاسفالتلاشتۇرۇلۇپتۇ. پىيادىلەر، ئات – ئۇلاغلار، ئېشەك ﻫارۋىلىرى ۋە تىراكتورلارنىڭ كەينىدىن ئاسمان پەلەك ئۆرلەيدىغان توپا – چاڭلارنى ئەمدى كۆرگىلى بولمايتتى. سىيلىق، پاكىز يوللاردىن ئاپتوبۇسلار، يۈك ئاپتوموبىللىرى، پىكاپلار، تىراكتورلار، موتوسىكلىتلار تىنماي غۇيۇلداپ ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. بىر دېﻬقان مەن بىلەن مۇڭدىشىۋېتىپ، مەغرۇرانە قىياپەتتە ‹‹ئەمدى ﻫەممىمىز دېگۈدەك <تۆمۈر ئېشەك> مىنىدىغان بولۇپ كەتتۇق›› دېدى. ‹‹يول ئازابى گۆر ئازابى›› دېگەن سۆز راستىنلا كەلمەسكە كېتىپتۇ، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
قېنى خامان؟
مەن سەﻫرايىمغا قايتقان مەزگىل بۇ يۇرتنىڭ داڭلىق ئۆرۈكلىرى مەي باغلاپ پىشقان، بۇغداي ئورمىسى بولغان مەزگىل ئىدى. ﻫەر كۈنلۈكى مۇشۇ يېزىنىڭ ئۆزىدىنلا 100 توننىغا يېقىن ئۆرۈك يەشىكلەرگە قاچىلىنىپ، يوغان يۈك ئاپتوموبىللىرىدا سىرتقا يۆتكىلىدىكەن، سېتىشقا ئۈلگۈرمىگەن پىششىق ئۆرۈكلەرنى دېﻬقانلار كىچىك تىپتىكى گۈلە قۇرۇتۇش زاۋۇتلىرىدا قۇرۇتىدىكەن. بۇنداق زاۋۇتنىڭ ﻫەر بىرىگە ﻫۆكۈمەت 70 مىڭ يۈەندىن بېرىدىكەن، دېﻬقانلار 15 مىڭ يۈەن چىقارسىلا ئۆزىگە تەۋە بولىدىكەن.
ئورما مەزگىلى بولغاچقا، خىيالىم يەنىلا خاماندا ئىدى. كەنتلەرنى ئارىلاپ كېتىۋېتىپ بىرەر خاماننى ئۇچرىتىشقا ئالدىرىدىم. كىچىك ۋاقتىمدا خامان ماڭا بەك گۈزەل ۋە خۇشال ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان. بۇغداي خامىنى ئالغاندا، پۈتۈن ئەترەتتىكى دېﻬقانلار مۇشۇ يەرگە يىغىلاتتى. كېچىلىرى قوناق شېخى ۋە مەدەكلەردىن گۈلخان يېقىپ، ئەرلەر ئاي يورۇقىدا توقماق بىلەن قوناق سوقاتتى، ئاياللار بىر چەتتە ئولتۇرۇپ چالا سوقۇلغان قوناقلارنى قولىدا ئۇۋىغاچ، مۇڭلۇق ناخشىلارنى، ئاجايىپ ﻫېكمەتلەرگە تولغان چۆچەكلەرنى، رىۋايەتلەرنى ئېيىتىشاتتى.
بۇغدايلار پىشىپ ئورۇلۇپ بوپتۇ، خامان كۆرمىدىمغۇ؟ دېدىم ماڭا ﻫەمراﻫ بولۇپ كەنتلەرنى ئارىلاۋاتقان يېزا باشلىقىغا. بىردەمدىن كېيىن ئۇ مېنى ئېتىزلىق ئوتتۇرىسىدىكى ‹‹خامان››غا باشلاپ باردى. كىچىك تىپتىكى تىراكتورغا چېتىلغان دان ئايرىش ماشىنىسى توختىماي گۈرۈلدەپ، باغلام – باغلام بۇغداينى چايناپ، داننى بىر ياققا، ساماننى بىر ياققا پۈركۈپ چىقىرىۋاتاتتى. ‹‹ﻫازىر ئېشەك، كالا بىلەن خامان تېپىدىغان ئىش قالمىدى، دېﻬقانلار دېﻬقانچىلىق ماشىنىسى سىتېۋالسا، ﻫۆكۈمەت تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىدۇ›› دېدى ئۇ.
شەﻫەرلىكلەرنىڭ «كۆزىنى قىزارتقان»يېڭى سەﻫرا
يۇرتۇمدىكى ئادەمنىڭ رازىمەنلىكىنى ۋە زوقىنى قوزغايدىغان ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرى ﻫۆكۈمەت ياردەم بېرىپ سېلىپ بېرىۋاتقان ئەمىن ئۆيلەر ئىكەن. بىر تۇتاش لايىﻬەلىنىپ، پىششىق خىشتىن يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ سېلىنغان رەتلىك ئۆيلەر ئىلگىرىكى سوقما تامدىن ياكى شاخ – شۇمبىدىن قوشام قىلىپ كاكىل لاي چاپلاپ سېلىنغان پاكار، قىڭغىر ئۆيلەردىن ئاسمان – زېمىن پەرقلىنەتتى. نۇرغۇن ئۆيلەرگە پىروگراممىنى سۈنئىي ﻫەمراﻫدىن بىۋاسىتە قوبۇل قىلىدىغان تېلېۋىزور، يەنە بىر مۇنچىلىرىغا قۇياش ئېنېرگىيەسىدە ئىسسىيدىغان مۇنچا ئورنىتىلغانىدى.
20–30 مىڭ يۈەننى ﻫۆكۈمەت بەردى، قالغىنىنى ئۆزىمىز چىقاردۇق، پۇلى يەتمىگەنلەرگە ئۆسۈمسىز قەرز پۇل ئېلىپ بەردى، بۇ ئۆيلەردە ئولتۇرساق، يەر تەۋرەپ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشتىن، يامغۇر ئۆتۈپ كېتىشتىن ئەندىشە قىلمايمىز، توكىمىز، تۇرۇبا سۈيىمىز، گازلىق ئوچىقىمىزمۇ بار، تارىختىكى ﻫېچقانداق پادىشاﻫ ياكى ﻫۆكۈمەت دېﻬقانغا ياردەم قىلىپ ئۆي سېلىپ بەرگەن ئەمەس، بىز كومپارتىيەدىن مىڭ مەرتىۋە رازى، دېدى مەتباقى قۇۋان ئىسىملىك دېﻬقان.
بۇ ناﻫىيەنىڭ كۆپىنچە يېزا – كەنتلىرىنى ئايلىنىپ چىقتىم. نەگىلا بارسىڭىز، كۆزىڭىزگە تاشلىنىدىغىنى مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىنىڭ چىرايلىق ئىمارىتى ئىدى. ﻫەتتا كەنتلەرگىچە سەﻫىيە پونكىتلىرى سېلىنىپتۇ. باشلانغۇچتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان مائارىپ پۈتۈنلەي ﻫەقسىز بولغاچقا، قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئوقۇشسىز قالىدىغان بىر مۇ بالا يوق ئىكەن. چۈشلىرى بالىلارغا ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئۈچۈن سۈت، بولكا، تۇخۇم بېرىدىكەن، ﻫەقسىز ‹‹قوش تىل›› يەسىلىلىرى ئېچىلىپتۇ. دېﻬقانلارنىڭ ﻫەممىسى يېڭىچە ﻫەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىپتۇ. يىلىغا 60 يۈەن تۆلىسىلا، داۋالىنىش ﻫەققىنىڭ كۆپ قىسمىنى ﻫۆكۈمەت كۆتۈرىدىكەن.
76 ياشقا كىرىم، دېدى ساقاللىرى چىرايلىق ئاقارغان، ئورۇقراق، ئېگىزرەك بىر بوۋاي، بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان دەمدۇ، كىرىمى تۆۋەنلەر دەمدۇ، ﻫەممىسى ﻫۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىۋاتىدۇ، مانا ماۋۇ ئىمام ئاخۇنۇمنىڭمۇ ‹‹مائاشى›› بار.
ئىككى قولىنى مەﻫكەم قوۋۇشتۇرۇپ، بېشىنى سەل تۆۋەن سېلىپ ئولتۇرغان كەكە ساقال كىشى گەپنى داۋاملاشتۇردى:
ـ شۇنداق، بىز دىنىي زاتلارغىمۇ تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىۋاتىدۇ، پارتىيە، ﻫۆكۈمەتنىڭ دېﻬقانلارغا قىلغان ياخشىلىقىنى ساناپ كۆرسەك، قۇرئان كەرىمدە دېيىلگەن ساۋابلىق ئىشلاردىن نەچچە ﻫەسسە ئېشىپ كەتتى، 80گە يېقىنلاپ قالغان پېنسىيەگە چىققان كەنت كادىرى بېشىدىكى ئاق شاپاق دوپپىسىنى ئېلىۋېتىپ ئاۋازىنى قويۇۋەتتى:
ـ ئىلگىرى ئۆتكەن پادىشاﻫ ۋە ﻫۆكۈمەت خەلققە سېلىق سېلىشنىلا، خەلقتىن ئېلىشنىلا بىلەتتى، كومپارتىيەلا خەلققە بېرىۋاتىدۇ، خەلقنىڭ غېمىنى يەۋاتىدۇ!
تويدا نەغمە – ناۋا يوق، ئۆلۈمدە ماتەم – يىغا
بىز ئۇيغۇرلار تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىمىز، ﻫاياتنى قەدىرلەيمىز، ئىنساننى قەدىرلەيمىز. خۇشال بولىدىغان چاغلاردا راسا خۇشال بولالايمىز، ماتەم – مۇسىبەت ئىشلىرىدىمۇ تەڭ ﻫەمدەمدە بولىدىغان يوسۇنلىرىمىز بار. قىز – يىگىت تويى ئىنسان ﻫاياتىدىكى ئەڭ زور خۇشاللىق، تۇزغا چىلانغان ناننى تەڭ چىشلىگەن قىز بىلەن يىگىت يېڭى تۇرمۇش قەسىرىگە خۇشاللىق بىلەن قەدەم قويۇپلا قالماستىن، ئاتا – ئانىلىرى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، دوست – بۇرادەرلىرى ۋە پۈتۈن ئەل – يۇرت ئۇلار ئۈچۈن تەنتەنە قىلىدۇ، تويغا بېغىشلاپ نۇرغۇن بېيىت – قوشاق، ناخشىلار ئېيتىلىدۇ، ئۇسسۇللار ئوينىلىدۇ، يۈرۈشلەشكەن توي مەشرەپلىرى ئوينىلىدۇ. بۇ، ئۇزاق زامانلاردىن داۋاملىشىپ كەلگەن بەكمۇ ئېسىل ئەنئەنىمىز ئىدى. شۇغىنىسى يېقىنقى يىللاردا يۇرتۇمنىڭ نۇرغۇن يېزا – بازارلىرىدا تويلار تىمتاسلىق ئىلكىدە ئۆتىدىغان بولۇپ قاپتۇ، شادىمان، تەنتەنە كەيپىياتىنى كۆرگىلى بولمايدىكەن. تويلاردا نەغمە – ناۋا قىلىش، ئۇسسۇل ئويناپ بەزمە قىلىش قانداقتۇر بىر كۈچنىڭ تەسىرىدىن تەقىپ قىلىنغاندەك قىلاتتى. بۇ، ئىلگىرىلەشمۇ ياكى چېكىنىشمۇ؟ نېنىمىز پۈتۈن بولۇپ، چاپىنىمىز تىزىمىزدىن ئاشقاندا، تۇرمۇشىمىزغا رەڭ قوشۇلۇپ، كۆڭلىمىزنى شاد ئېتىشكە ئىمكانىيەت يارىتىلغاندا، مەنىۋى ئىنتىلىشىمىز ۋە جۈرئىتىمىز نېمىشكە ئىسكەنجىگە ئېلىنىدۇ؟ خۇشاللىق كەپتىرىنىڭ قانتى مۇشۇنداق بوغىچلىنامدۇ؟!
سەﻫرايىمدىكى كۈنلەردە، بۇرۇن ئوتتۇرا مەكتەپكە مۇدىر بولغان، 30 نەچچە يىللىق پېشقەدەم بىر مائارىپچى قازا قىپتۇ. ئەمما روشەن ﻫازا كەيپىياتى بولمىغاچقا، بۇنىڭدىن دەماللىققا خەۋەرسىز قاپتۇق. ئاڭلىسام، ئۆلۈم بولغاندا يىغا – زارە قىلسا بولماسمىش، نەزىر – چىراغ ئۆتكۈزۈشمۇ راۋا بولماسمىش. ئۇ ئالەمگە كەتكەنلەرنى ئەسلەپ، روﻫىغا سېغىنىپ ئەل – يۇرتقا نەزىر بېرىش ئويىدا بولغانلارمۇ شۇنداق قىلىشقا پېتىنالمايدىكەن. ئەسەبىي دىنىي كۈچلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىمىزگە ئايلانغان تۇرمۇش يوسۇنلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە نېمە ﻫەددى؟ نورمال ئۆرپ – ئادىتىمىزگە ئايلانغان، ئەقەللىي ﻫېسسىيات دائىرىسىدىكى بۇ ئىشلار غەلىتە پەتىۋالار تەرىپىدىن بۇرمىلىنىپ، خەلقىمىزگە تېڭىلماسلىقى كېرەك ئىدى.
قېنى ئايدەك جامالىڭ؟
گۈزەللىككە ئىنتىلىش، گۈزەللىكنى سۆيۈش ئىنساننىڭ ئەسلىي تەبىئىتى. گۈزەللىكنى سۆيمەيدىغان بىرمۇ مىللەت بولمىسا كېرەك. قىز – ئاياللار دۇنيانىڭ كۆرىكى، ﻫاياتنىڭ كۆرىكى، تەبىئەتنىڭ كۆرىكى. شۇلار بىلەن ئالەم گۈزەل، ﻫايات گۈزەل. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، قىز – ئاياللار جەمئىيەتنىڭ گۈزەللىك نىشانىنى بەلگىلەيدۇ.
ئۇيغۇرلار يېڭىلىقنى، ئىلغارلىقنى تېز قوبۇل قىلىدىغان مىللەت. نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنقى قېزىلما يادىكارلىقلاردىكى رەڭدار، سىپتا يىپەك توقۇلمىلار، دەزمال، دەرەخ يىلتىزلىرىدىن ياسالغان چىش چوتكىسى ۋە ئاياللارنىڭ زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇر خوتۇن – قىزلىرىنىڭ گۈزەللىكى، گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغانلىقى تىللاردا داستان قىلىنىپ، ئالەمگە پۇر كەتكەنلىكى ﻫەممىگە ئايان.
سەﻫرا قىز – چوكانلىرى ئەتىياز كەلسە بىر ﻫويلىغا يىغىلىپ، كىچىك جاملارغا ئوسمىنى سىقىپ، پەلكۈچ بىلەن بىر – بىرسىگە ئوسما قويۇشىدۇ، ‹‹قارلىغاچنىڭ قاناتىدەك قاشلار›› ئەنە شۇنداق پەرۋىش قىلىنغان. چاچلىرىنى 40 تال قىلىپ ئۆرۈۋالغان سېكىلەك قىزلار چىرايلىق دوپپىلارنى، يارىشىملىق ئەتلەس كۆڭلەكلەرنى كىيىپ نازاكەت بىلەن يولدىن ئۆتكەندە، ﻫەرقانداق كىشىنىڭ زوقى كەلمەي قالمايدۇ.
مانا ئەمدى يېزىلاردا بۇنداق مەنزىرىنى كۆپ ئۇچرىتالمىدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ خاس يارىشىملىق كىيىملىرى يوقاپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. يېزىلاردىلا ئەمەس، ئوتتۇرا – كىچىك شەﻫەرلەردە، ﻫەتتا مەركىزىي شەﻫەرلەردە بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان قارا پەرەنجىلەر خۇددى قارا تۇماندەك بىلىندى. ﻫەتتا شۇ قەدەر سەبىي، ئۇماق چىرايلارمۇ نېمە ئۈچۈندۇر چۈمكەلگەنىدى. بىز نېمە ئۈچۈن ئۆز كىيىم – كېچەكلىرىمىزنى، ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز؟ نېمە ئۈچۈن زامانغا خاس يېڭىلىقنى، ئىلغارلىقنى قوبۇل قىلمايمىز؟ بۇ، بىزگە زادىلا ياراشمىدى، زادىلا سىڭمىدى، بىز كىمنى دوراۋاتىمىز، نەگە كېتىۋاتىمىز؟!
ئىقتىساد تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، جەمئىيەت ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، تۇرمۇش ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بىز ﻫەرگىز كەينىمىزگە يانماسلىقىمىز، نادانلىق، قالاقلىققا خاتىمە بېرىشىمىز، ياخشى ئەنئەنىلىرىمىزنى ساقلاپ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز، گۈللىنىۋاتقان ئىناق ماكانىمىزدا زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىدىن تولۇق بەﻫرىلىنىشىمىز لازىم ئىدى.
(ئاپتور: ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرى)