لەگلەك
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 924 قىتىم
رەشىدە سىيىت
ئەتىيازنىڭ سالقىن شامىلى دالىلارنى سۆيمەكتە. يۇمران، يېشىل يوپۇرماقلار چېچەكلەرنىڭ جۇلاسى بىلەن ﻫەممە يەرنى گۈزەللىككە چۆمدۈرمەكتە. مەجنۇنتاللار، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئېرىقلارغا نازۇك تال چىۋىقلىرىنى تاشلىماقتا. كوچا، مەﻫەللىلەرنى بالىلار ئۆزلىرى سۆگەتنىڭ تېلىدا ياساپ چالغان پېپىپنىڭ ئاۋازى بىر ئالماقتا. مەن دەرىزىدىن قاراپ مەﻫەللىمىزدىكى بالىلارنىڭ ﻫەر خىل ئويۇنلىرىنى كۆرۈۋاتىمەن ﻫەم ئۇلارغا قوشۇلۇپ كۈلۈپ، خىيالى ئويناۋاتىمەن. قىزلار تەپكۈچلىرىنى ﻫارغىچە ئويناپ، خۇشال-خۇرام تانا سەكرەشمەكتە. ئوغۇللار بەزىلىرى بازاردىن سېتىۋالغان، بەزىلىرى ئۆزلىرى ياسىۋالغان لەگلەكلىرىنى ئۇچۇرۇش ئۈچۈن يىپ يۆگەۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قولىدا چۇچىلىرى يەلپۈنۈپ تۇرغان رەڭگارەڭ لەگلەكلەر بار. ئەتىيازنىڭ شامىلى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. لەگلەكلەر بىر-بىرى بىلەن مەنزىل تالىشىپ ئېگىزلەپ ئۇچماقتا. ئەنە ئاۋۇ چوكان سېكىلەك قىزىل، يېشىل، ﻫاۋارەڭ، شاپتۇل چېچىكى چۇچىلىرىنى ئوينىتىپ ﻫە دەپ ئېگىز ئۆرلىمەكتە. ئاۋۇ ئادەم لەگلەك غۇلىچىنى كەڭ ئېچىپ بۇلۇتلارنى قۇچاقلىماقتا. ئاۋۇ ئەجدىﻬا لەگلەك بىلەن تىمساق لەگلەكمۇ كۆپكۆك ئاسماندا خۇددى پايانسىز دېڭىزدا ئۈزگەندەك بەﻫۇزۇر ئۈزمەكتە.
تۇرۇپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى. مەن ئەمدى يۈگۈرۈپ يۈرۈپ لەگلەك ئۇچۇرالمايمەن، دوستلىرىم بىلەن كوماندا تەشكىللەپ پۇتبۇل ئوينىيالمايمەن، ﻫەتتا قولتۇق تاياققا تايىنىپ بەش-ئالتە قەدەم يولنى ماڭالمايمەن. ئويناۋاتقان دوستلىرىمغا قارىغانسېرى كۆڭلۈمنى ئازابلىق خىيال ئىسكەنجىگە ئېلىۋالدى. ئۇلارنىڭ، مەﻫەللىمىزدىكى بالىلارنىڭ يۈگۈرۈشلىرى، سەكرەشلىرى، ۋارقىراشلىرى، كۈلۈپ تېلىقىپ كېتىشلىرى، ﻫەتتا بىر-بىرى بىلەن گەپ تالىشىپ قىزىرىشىپ قېلىشلىرى، ئاخىرىدا كۆڭۈل قويۇپ ئەپۇ سوراشلىرى..... ﻫەممىسى شۇنچىلىك ئوماق ﻫەم شۇنچىلىك سۆيۈملۈك ئىدى. مېنىڭمۇ ئاشۇلاردەك يۈگۈرۈپ يۈرگۈم، سەكرەپ ئوينىغۇم، چىرايلىق لەگلەكلەرنى سېتىۋېلىپ ئاسماندا ئېگىز ئۇچۇرۇپ ئوينىغۇم بار. لېكىن مەن بىر مېيىپ بالا، مېنىڭ ئىككى پۇتۇم تىزىمدىن تۆۋىنىدىن ئۈزۈلۈپ كەتكەن. شۇ تاپتا شامال ئۇچۇپ تۇرغان ياتاق ئۆيۈمدە ئولتۇرۇپ ئاچچىق خىياللار بىلەن مېنى ئىككى پۇتۇمدىن ئايرىغان ئاشۇ قاباﻫەتلىك قاتناش ﻫادىسىنى ئەسلەپ قالدىم.
ئاسمان شۇنچە سۈزۈك، شۇنچە كەڭ، لەگلەكلەر لەرزان ئۇچۇپ پەرۋاز قىلماقتا. ئۇلارغا قاراپ ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ لەگلەكلەرگە ئايلانغۇم كېلىدۇ. بالىلىق قەلبىمنى تار، قورقۇنچلۇق، قاراڭغۇ خىياللىرىمغا سولاپ قويغىلى خېلى كۈنلەر بولدى. مېنىڭ ئارمانلىرىم خۇددى ئاشۇ لەگلەكلەردەك قەلبىم بوشلۇقىدا ئۇچۇشنى خالىسىمۇ ئۇنى ئۇچۇرالمايمەن. ئۇچۇرساممۇ ئۇ ئېگىز ئۆرلەيدۇ-يۇ، ئۇزۇنغا بارالماي يىپى ئۈزۈلۈپ، ﻫىكەنلىرى سۇنۇپ، چۇچىلىرى پۇرلىشىپ ئاسماندىن چاتقاللار ئارىسىغا، ئەخلەتلەر ئۈستىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. خىياللىرىم ئاچچىق-ئاچچىق تولغانماقتا. كۆزۈمدىن ياشلار تاراملاپ تۆكۈلمەكتە. بۇ پۇشايمان ياشلىرى قەلبىمگە ناﻫايىتى سوغۇق تامچىلاپ چۈشمەكتە.
مەن ﻫادىسىگە يولۇققان ۋاقىتمۇ دەل مۇشۇنداق ئەتىياز پەسلى ئىدى. مەن سەﻫەردىلا مەكتەپكە ماڭدىم. نۆۋەتچىلىك ۋەزىپەمنى ياخشى ئادا قىلىش ئۈچۈن پارتدېشىم ناسىر بىلەن سىنىپنى كۆڭۈل قويۇپ تازىلىدىم. سىنىپىمىزدىكى ﻫەر بىر پارتا-ئورۇندۇق، دەرس مۇنبىرى، دوسكا ﻫەممىسى تەلەپكە لايىق پاكىز بولدى. بۈگۈنكى ئىشىمدىن ئۆزۈممۇ ئىنتايىن رازى ئىدىم. ئاسماندا كۈلۈپ تۇرغان باﻫار قۇياشى پاكىز سۈرتۈلگەن دەرىزە ئەينىكىدە يالىلداپ تۇراتتى. ئۇنىڭ سەﻫەردىكى يۇمران نۇرلىرىغا قاراپ كۈلەتتىم. دەرىزە سىرتىدىكى يېشىل يوپۇرماقلار، ئەمدىلا ئېچىلىشقا باشلىغان گۈل-چېچەكلەر شۇنچىلىك گۈزەل بولۇپ، قەلبىمدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇراتتى.
كەيپىياتىم ئادەتتىن تاشقىرى خۇشال بولغاچقىمۇ ﻫەر سائەتلىك دەرس ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىشتا چۈشتىن كېيىنلىك دەرستىن كېيىن ئوينايدىغان پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ پىلانىنى تۈزەتتىىم. ‹‹ئۆزۈم يەنە ۋارتادا تۇرىمەن، مەندىن باشقىسى بىكار››، بۇ مېنىڭ مەغرۇرلۇقۇم ئەمەس. پۈتۈن مەكتەپتىكى پۇتبولچىلار ئىچىدە مەندەك ۋارتاچى يوق ئىدى. ﻫەر قانداق ﻫۇجۇمچى مېنى ۋارتادا كۆرسىلا پۇتى سىرقىراپ يۈرىكى پوكۇلدايتتى. ‹‹شاۋكەت ۋارتا›› دېگەن نامىم بىكار چىقمىغان ئىدى. مانا شۇنداق خىياللار بىلەن تۆت سائەتلىك دەرسمۇ ئاخىرلاشتى. مەن ئۆيگە بېرىپ مۇسابىقىدە كىيىدىغان ئايىغىمنى ئوڭشىتىشىم كېرەك. شۇڭا سىنىپتىن يۈگۈرگەن پېتى چوڭ يولغا چىقتىم. ساۋاقداشلىرىمنىڭ ﻫەممىسى دېگۈدەك يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولى بىلەن ئۆيلىرىگە مېڭىشتى. ئادەتتىمۇ مېنىڭ ئۇ يول بىلەن زادىلا خوشۇم يوق ئىدى. تۈگىمەس پەلەمپەيلەر، ئادەملەرنىڭ جىقلىقىچۇ تېخى. شۇڭا كۆپ ﻫاللاردا غۇيۇلداپ ئۆتۈشۈۋاتقان ماشىنىلارنىڭ ئارىسىدىن قويۇندەك يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ كېتەتتىم. بىر قانچە قېتىم شوپۇر تاغىلىرىمنىڭ ماشىنىنى قاتتىق تورمۇزلاپ ماڭا قاراپ ئاچچىقىدا بىر نېمىلەرنى دېگىنىنى ئاڭلاپمۇ پەرۋايىمغا ئالمايتتىم. ئۇ كۈنىمۇ يولنى توغرىسىغا كېسىپ ئۇچقاندەك ئۆتۈشۈۋاتقان ماشىنىلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان ئىدىم. لېكىن ‹‹ۋاڭ!›› قىلىپ ئۇرۇلغان بىر نەرسىنىڭ زەربىسى بىلەن ئالەم بىر پەس چۆرگىلەپ كۆزلىرىمگە دەسلەپ قىزىللىق ئاندىن قاراڭغۇلۇق تولدى. مەن ﻫوشۇمنى بىلگەندە دوختۇرخانىدا ياتاتتىم. ئانام بىلەن دادام ﻫەتتا مومام بىلەن بوۋام، ﻫاممام، تاغىلىرىم كۆزلىرى ياشتىن قىزارغان، چىرايىنى غەمكىنلىك قاپلىغان ﻫالەتتە كارىۋاتنىڭ ئەتراپىدا ماڭا قاراپ تۇراتتى. مېنى ناﻫايىتى كەلسە ماشىنا سوقۇۋەتتىغۇ؟ ئۇلار مېنى ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قاپتۇ-دە؟ دەپ ئويلىدىم. بۇ چاغدا كۆزلىرىمنى راۋۇرۇس ئېچىپ ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىرمۇ-بىر چاقىردىم. ئۇلار يىغلىشاتتى. ئانچە-مۇنچە سۈرۈلۈپ كەتكەندىن باشقا يۈز-كۆزلىرىم، قوللىرىم ساق ئىدى. لېكىن ئاياغ تەرىپىمنى ناﻫايىتى ئېغىر بىر نەرسە بېسىپ تۇرغاندەك مىدىرلىتالمىدىم. ئەسلىدە پۇتۇم چاقنىڭ ئاستىدا قېلىپ سۇنغان، ياق سۆڭەكلىرىم چۇل-چۇل بولۇپ كەتكەن، دوختۇرلار ئامال قىلالماي ئاخىرى ئىككى پۇتۇمنى كېسىپ تاشلىغان. مەن شۇ چاغدا نېمە قىلارىمنى بىلمەي قالدىم. كۆزىمدىن ياش ئەمەس قان ئاقاتتى. قولۇمنى ئاغزىمغا سېلىپ قاتتىق چىشلىدىم. كىمدۇ بىرى مېنى مەﻫكەم قۇچاقلاپ قولۇمنى ئاغزىمدىن ئاجراتتى. شۇ چاغدا باشقىلارنىڭ ئەمەس، بوۋامنىڭ ﻫۆركىرەپ يىغلىغان ئاۋازى قۇلىقىمغا ئاڭلاندى. بۇ ئىشلارنىڭ بىر قاباﻫەتلىك چۈش بولۇپ قېلىشىنى تىلەيتتىم. بىراق مەن راستتىنلا ئىككى پۇتۇمدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدىم. تېخى كارىۋىتىمنىڭ بېشىدا بىر جۈپ قولتۇق تايىقىمۇ تۇراتتى. مەن ئەمدى شۇنىڭ بىلەن ماڭىمەن.
شۇنىڭدىن كېيىن كۈنلىرىم پۇشايمان بىلەن ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆتتى. مەن قاتناش قائىدىسىگە دىققەت قىلغان بولسام، ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ بۇ ﻫەقتىكى تەربىيەلىرىگە قۇلاق سالغان بولسام، يولدا خالىغانچە ماشىنىلارغا ئېسىلىپ، خالىسام ئۇچقاندەك ئۆتۈۋاتقان ماشىنىلاردىن يول تالىشىپ، يوللاردا قالايمىقان يۈگۈرۈپ يۈرمىگەن بولسام مانا مۇشۇنداق ئۆمۈرلۈك مېيىپ بولۇپ قالمايتتىم. ئائىلەمدىكىلەرگە روﻫىي ۋە ئىقتىسادىي جەﻫەتتە زور زىيانلارنى سالمايتتىم.
ئەتىيازنىڭ شامىلى لەرزان يەلپۈنمەكتە. بالىلار شوخ كۈلۈشۈپ ئويناشماقتا. ئۇلارنىڭ ماڭغان، سەكرىگەن، يۈگۈرگەن چاغدىكى بەختلىك ﻫالىتىنى پەقەت مېنىڭ تۇيغۇملا ﻫېس قىلالايدۇ. مانا مېنىڭ قولتۇق تايىقىغا چۈشۈپ قالغىنىمغا بىر يىل بولدى. بۇ مەن ئۈچۈن بىر يىل ئەمەس، مىڭ يىلغا باراۋەر ئىدى. مەن ئاسمانغا قارىدىم. لەگلەكلەر لەرزان ئۇچۇشاتتى. قەلبىمدە ئارمانلىرىم، ئۈمىدلىرىم ئۇلارغا ئەگەشمەكتە. مەن قولتۇق تايىقىمغا تايىنىپ تالاغا چىقتىم. نېرىدىكى مەيداندا پۇتبۇل مۇسابىقىسى قىززىپ كەتكەن ئىدى. توپ ئويناۋاتقانلارنىڭ ﻫەممىسى مېنىڭ دوستلىرىم، قارىسام ۋارتاچى قىيىن ئەﻫۋالدا قالغان ئىدى. مېنىڭ پۇتۇم ساق بولغان بولسا ئۇنىڭ ئورنىغا ئالمىشىدىغىنى مەن ئىدىم. شۇ چاغدا كاللامغا بىر ئوي كەچتى. ‹‹ئىككى قولتۇق تايىقىمدىن نېمىشقا پۇت ئورنىدا پايدىلانمايمەن!؟›، مەن خىيالىمدا بىر يىل بۇرۇنقى شاۋكەت ۋارتاغا ئايلانغان ئىدىم. مەن بوراندەك كەلگەن توپلارنى چەبدەسلىك بىلەن توسىماقتىمەن. ﻫۇجۇمچىلارنىڭ غەزەپلىك، جىددىي كۆزلىرى ماڭا تىكىلمەكتە. بىزنىڭ كوماندىدىكىلەر چاۋاك چېلىپ غەلىبىمىزنى قۇتلىماقتا. يۈرىكىم ﻫاياجاندىن تېپىچەكلىمەكتە، مۇسابىقە داۋام قىلماقتا.
ئاسمانغا قارىدىم، مېنىڭ قەلبىمدىكى ﻫاياجانلىرىمنى ماڭا قايتا ئۈمىد بېغىشلىغان ئاشۇ تىمساﻫ لەگلەك ﻫېس قىلاتتى. ئۇ بۇلۇتلارنىڭ باغرىنى يېرىپ تېخىمۇ ئېگىز ئۇچماقتا. ماڭا ئىلﻬام ۋە مەدەت بەرمەكتە. بىر مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشتى.
ـــ قانداقراق ئوينىدۇق؟ ـــ دېدى كامىل يېنىمغا كېلىپ تەرلىرىنى سۈرتكەچ، ئۇلار مۇسابىقىدە يەڭگەن ئىدى.
ـــ ياخشى ئوينىدىڭلار، لېكىن ۋارتاچى ئاخىرقى توپتا چاققانلىق قىلمىغان بولسا چاتاق بولاتتى، ـــ دېدىم مەن راست گەپنى قىلىپ.
ـــ راست دېدىڭ، ـــ دېدى ئۇ پۇتۇمغا قاراپ سەل خۇرسىنىپ.
ـــ پۇتۇڭ ساق بولغان بولسا بىزنىڭ كاماندىنىڭ پېشقەدەم ۋارتاچىسى بولۇپ قالاتتىڭ، ـــ مەن تېخىچە ﻫاياجان ئىچىدە ئىدىم.
ـــ مەن ﻫازىرمۇ ۋارتادا تۇرالايمەن، ـــ بۇ سۆزنىڭ ئاغزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمىدىم. كامىل ئاغزىمغا قاراپ ﻫاڭ-تاڭ قالغان ئىدى.
ـــ چاقچاق قىلمىغىنا، ـــ دېدى ئۇ.
ـــ چاقچاق قىلمىدىم، راست دەۋاتىمەن، ـــ ئۇنىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى. ئۇ بىردىن مەيداندا چۇقان كۆتەردى. بالىلارنىڭ ﻫەممىسىنىڭ خۇشاللىقى ئىچىگە سىغمايتتى. لېكىن رەسمىي مۇسابىقىگە چۈشىدىغان چاغدا بەزىلىرى قولۇمدىكى قولتۇق تاياققا قاراپ مەن بىلەن بىر مەيدانغا چۈشۈشتىن يالتىيىپ قالدى. مەن ئۆز لەۋزىمنى ئىشقا ئاشۇرمىسام بولمايتتى. مەن دېگەن ئوغۇل بالا، قەتئىي نىيەت بىلەن مەيداندا ماڭا ئىشەنگەنلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويماسلىقىم كېرەك. كوماندا قايتىدىن تەشكىللىنىپ مۇسابىقە باشلاندى. مەن ئاسمانغا قارىدىم. تىمساﻫ لەگلەك باش ئۈستۈمدە ئۇچماقتا. مەن نىشاننى بېكىتىپ مەﻫكەم تۇردۇم. مېنىڭ قولتۇق تايىقى بىلەن ۋارتادا تۇرغىنىمنى كۆرگەن چوڭلارمۇ مۇسابىقىمىزنى كۆرگىلى كېلىشكەن ئىدى. توپ ناﻫايىتى چىرايلىق ئوينالماقتا. بارغانسېرى جىددىي تۈس ئالماقتا. ئۇ بوراندەك ﻫۆركىرەپ ۋارتاغا يۈگۈرمەكتە. مەن ئۇنىڭغا جان-جەﻫلىم بىلەن ئېتىلماقتىمەن. دەسلەپ ناﻫايىتى ئوسال ئەﻫۋالدا قارشى تەرەپكە ئۇتتۇرۇپ قويدۇق، لېكىن مەن بۇ جەرياندا ئىككى توپنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسقان بولدۇم. ئەتراپتىكىلەرنىڭ مېنى ‹‹قالتىسكەن›› دەپ ماختاشلىرى ئاشۇ ۋاقىتتا قۇلىقىم تۈۋىدە جاراڭلىغان ئىدى. بىراق كېيىن مەن ئۆزۈم ئويلىغاندەك ﻫالەتنى ساقلاپ قالالمىدىم. شۇ چاغدا پۇتۇمغا ئۇرۇپ راسا يىغلىغۇم كەلدى. پۈتۈن مۇسابىقە مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. لېكىن مېنىڭ بارماقلىرىم، جەينەكلىرىم، قاپاقلىرىم، ﻫەتتا كۆتمەك پۇتۇمغىچە سۈرۈلۈپ قاناپ ﻫالى قالمىغان ئىدى. مەن ئاشۇ ﻫالىم بىلەن كاماندىدىكىلەرگە ﻫۇزۇر قويدۇم. لېكىن مەندە ئۈمىد تۇغۇلغان ئىدى، دوستلىرىمدىمۇ ماڭا نىسبەتەن ئىشەنچ پەيدا بولغان ئىدى. مەن توسقان توپلار بۇنىڭ شاﻫىدى ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ ياردىمىدە ﻫەر كۈنى دەرستىن يانغاندا قولتۇق تايىغى بىلەن ۋارتادا تۇرۇشنى مەشىق قىلدىم. ئاخىرى بۇرۇنقىدەك ماﻫارەتكە ئېرىشتىم. بىز مەكتەپتە بىر پۇتبول كوماندىسى تەشكىل قىلدۇق. ساۋاقداشلىرىم ۋە دوستلىرىم كوماندىغا مېنىڭ نامىمنى قوللىنىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، لېكىن مەن قوشۇلمىدىم.
مەن ئەينى چاغدا بۇلۇتلار باغرىنى بۆسۈپ ئاسماندا لەرزان ئۇچۇپ ماڭا غەيرەت ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلغان، روﻫىمنى قۇتۇلدۇرغان تىمساﻫ لەگلەكنى ئەسلىدىم. مەن ئۇنىڭ بىلەن خىيال ئاسمىنىدا ئۇچۇپ ئۆزۈمنىڭ ئەسلىمنى تاپقان، پۇشايمانلىق ﻫاياتىمنى ئەسلىگەن، مېنى ئۇ ﻫايات قاينىمىدا ئورنۇمدىن دەس تۇرۇشقا ئۈندىگەن. شۇڭا كوماندىنىڭ نامىنى ‹‹تىمساق كاماندىسى›› قىلىپ تەشكىللەشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، مەن ﻫازىر ئاشۇ كوماندىنىڭ ئەزاسى.
مەن ئەمدى قولتۇق تايىقىمغا يۆلىنىپ بوينۇمنى قىسىپ باشقىلارنىڭ ئويۇنلىرىغا زارىقىپ قاراپ تۇرىدىغان مېيىپ بالا ئەمەس. مەكتەپتە، مەﻫەللىدە دوستلىرىم بىلەن تەڭ ئويناپ ئۆزۈمگە خۇشاللىق تاپالايدىغان بالىغا ئايلاندىم. قەلبىم ئاسمىنى ﻫەر قانداق چاغدا ئەتىيازنىڭ سۈزۈك ئاسمىنىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدا يىپى چىڭ بىر لەگلەك لەرزان ئۇچىدۇ. ئۇ مېنىڭ ئۈمىد-ئارمانلىرىمنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرىدۇ.
ئاپتورنىڭ شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان ‹‹كىتابخۇمار بالا›› ناملىق بالىلار ﻫېكايىلىرى توپلىمىدىن ئېلىندى