guide
بوۋاي ۋە موماي
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
914 قىتىم
 
    (ﻫېكايە) ۋاڭ دۇڭفىڭ
    بوۋاي شۇنداق تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى، موماي ئۇنى تۈرتۈپ ئويغىتىۋەتتى. ئۇ گاراڭ – گۇرۇڭ ﻫالەتتە كۆزىنى ئېچىپ ۋاگون دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ تاڭ ئاتمىغانلىقىنى كۆرۈپ:
    -يېتىپ كەلدۇقما؟ -دەپ سورىدى.
    -يەنە 40 مىنۇتتىن كېيىن يېتىپ بارىمىز،- دېدى موماي.
    -تېخى ۋاقىت باركەنغۇ، مېنى ئويغىتىپ نېمە قىلىسەن؟- دېدى بوۋاي خاپا بولۇپ، يەنە بىردەم ياتايچۇ دەپ كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىشىغا موماينىڭ ئاچچىقى كەلدى:
    -تۈنۈگۈن كەچتىن ﻫازىرغىچە ئۇخلاپمۇ ئۇيقۇغا قانمىدىلىمۇ؟ تېز ئورۇنلىرىدىن تۇرسىلا، يۈزلىرىنى يۇيۇپ، نەرسە – كېرەكلەرنى يىغىشتۇرسىلا،-دېدى.
    بوۋاي خۇشياقمىغان ﻫالدا:
    -يىغىشتۇرغۇدەك قانچىلىك نەرسە بار؟ نەچچە سومكا شۇ، چۈشىدىغان ۋاقىتتا كارىۋاتنىڭ ئاستىدىن تارتىپ ئېلىپلا ماڭساق بولىدۇغۇ؟ 40 مىنۇتتىن كېيىن بارىدىغان يەرگە، بۇنچە بالدۇر ئويغىتىپ نېمە قىلىسەن دەيمەن؟
    ئۇدۇلدىكى كارىۋاتتا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ئادەم ئۆرۈلۈپ غۇدۇراپ قويدى. موماي بوۋاينى يىنىك بىر نوقۇپ، پەس ئاۋازدا:
    -يۈزلىرىنى يۇيۇپ، چىشلىرىنى چوتكىلىماملا؟- دېدى. ئۇ بۇ قېتىم ئۈندىمىدى. موماي چاققانلىق بىلەن يۇيۇش بۇيۇملىرى قاچىلانغان خالتىدىن بىر ئاق لۆڭگە، ئەتىر سوپۇن، ئىككى دانە يېپيېڭى چىش چوتكىسىنى چىقاردى ﻫەمدە ئۇنى تېزراق بولۇشقا ئۈندىدى. بوۋاينىڭ تازا ئاچچىقى كەلدى ۋە باشقا كارىۋاتتا ئۇخلاۋاتقانلارغا قاراپ قويۇپ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، خالىمىغان ﻫالدا موماينىڭ كەينىدىن ماڭدى. ئىككىيلەن يۈزلىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، موماي چىش پاستىسىنى يېڭى چىش چوتكىسىغا سىقىپ چىقىرىپ بوۋايغا سۇندى. بوۋاينىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كېلىپ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ:
    -ئۆمرۈمدە بۇنداق نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ كۆرمىگەنمەن. ئەمدى ئوغلۇمنىڭ ئۆيىگە بېرىش ئۈچۈن ؟ دېدى. موماي ئاغزى ماغزاپ پېتى غۇتۇلداپلا كەتتى، لېكىن بوۋاي بىرىنىمۇ ئاڭقىرالمىدى. چىشىنى چوتكىلاپ بولۇپ موماي ئۇنىڭ كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، ئاپئاق چېچىنى تاراپ قويدى. بۇ قېتىم بوۋاي قىمىر قىلماي ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا يول قويدى. خىجىللىقتىن يۈزى قىزارغان بولسىمۇ، باشقىچە بىر بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدى. بۇ ۋاقىتتا موماي ئۇنىڭغا:
    -مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇرسىلا. مەن يېڭى پايپاق ئەكىلەي، پۇتلىرىنى يۇيۇپ ئالماشتۇرۇۋالسىلا، دېدى. بوۋاينىڭ يەنە ئاچچىقى كەلدى ۋە:
    -ئەتىگەندە نېمىشقا پۇتۇمنى يۇيغۇدەكمەن؟ -دەپ سۆزلەپ كەتتى. موماي:
    -نەچچە كۈندىن بېرى يۇيماي پۇراپ كەتكەن پۇتلىرىنىڭ سېسىقلىقىدىن تىن ئالالمايلا قېلىۋاتىمەن. ئوغلىمىزنىڭ ئۆيىگە كىرىپلا ساپما كەش ئالماشتۇرىدىغان گەپ، ئاياغلىرىنى سالسىلا، ئۇنىڭدىن چىققان سېسىقچىلىققا ئوغلىمىزغۇ ﻫېچ نەرسە دېمەس، ئەمما كېلىنىمىز دېگەن شەﻫەرلىك، ئۇ سىلىدىن بىزار بولۇپ قالمامدۇ؟ – دېدى. بوۋاي ئۆزىنىڭ يولسىزلىق قىلىپ قويغىنىنى ﻫېس قىلىپ ئۈندىمىدى ۋە تىترىگىنىچە پۇتىنى جۈمەككە تۇتۇپ سۇنى ئاچتى. سۇ بەك سۇغاق بولغانلىقتىن سەسكىنىپ كەتتى. ئۇ پۇتىنى يۇيۇپ بولۇپ يېڭى پايپاقنى ئالماشتۇردى. ۋە سېلىۋەتكەن كونا پايپىقىنى كۆرسىتىپ:
    -بۇنى قانداق قىلىمىز؟ -دېدى.
    -تاشلىۋېتىمىز شۇ.
    پايپاقنىڭ پەقەت بىر قانچە يېرى كىچىككىنە تۆشۈك، ئۇنى تىكىپ يەنە كىيگىلى بولاتتى. ئەمما ئوغلىنىڭ ئۆيىگە يىرتىق پايپاقنى ئېلىپ كىرسە تازا مۇۋاپىق بولمايدىغاندىغانلىقىنى ئويلاپ سەل ئارىسالدى بولدى. ئاخىرىدا يەنىلا تاشلىۋېتىشكە قوشۇلدى.
    پويىز ئاخىرى بىكەتكە كىردى. بوۋاي يەر ياڭىقى، تاتلىق ياڭيۇ، سېرىق پۇرچاق، گۈرۈچ قاتارلىق نەرسىلەر قاچىلانغان چوڭ – كىچىك بىر قانچە سومكىنى كارىۋات ئاستىدىن تارتىپ چىقىرىپ، مومايغا بىر كىچىك سومكىنى بېرىپ قالغىنىنى مۈرىسىگە ئارتتى. بېكەتتىن چىقاي دەپ تۇرغاندا موماي بوۋاينى چاقىرىپ توختىتىۋالدى. بوۋاي:
    -يەنە نېمە ئىش؟ – دەپ سورىدى. موماي بىر بولاق تازىلىق قەغىزىنى بوۋاينىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويۇپ، بۇرنىنى سۈرتكەندە ئىشلىتىشنى جېكىلىدى. ئۇلار ئوغلىنىڭ ئۆيىگە ئاز قالغانچە بوۋاينىڭ يۈرىكى سېلىپ، جىددىيلەشكىلى تۇردى. بۇ چاغدا موماينىڭمۇ جېكىلەشلىرى ئاۋۇدى. بوۋاي بېشىنى لىڭشىتىپ:
    -ئېسىمدە تۇتىمەن،-دېدى. يەنە بىردەمدىن كېيىن مومايدىن:
    -يەنە قانداق تاپشۇرۇقلار بار؟ دەپ سورىدى. مۇماي:
    -بالىلارنىڭ ئالدىدا مېنى كۆپ سۆزلەتمەي، ﻫەر كۈنى ئەتىگەندە چىش چوتكىلاش، كەچتە پۇت يۇيۇش، ئىككى – ئۈچ كۈندە بىر يۇيۇنۇشنى ئۇنتۇپ قالمىسىلا، -دېدى.
    -بولىدۇ، يەنىچۇ؟
    -چاي ئىچكەندە ئۆزىمىز ئەكەلگەن ئىستاكاندا ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالمىسىلا.
   - يەنىچۇ؟
    -يەنە....ﻫە، تۈگىدى، مۇشۇلارنى ئەسلىرىدە تۇتسىلىلا بولدى.
    -ئۇنداقتا ماڭايلى.
    -ماڭايلى!...
    گۈلباﻫار مۇﻫەممەت تەرجىمىسى