ياپونىيىلىك باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ماقالىسى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 1058 قىتىم
بەزىدە مەن ئۆزۈمنى يىغلاڭغۇدەك ﻫېس قىلىپ قالىمەن، ياخشىراق بىر پارچە شېئىر ئوقۇساممۇ يىغلايمەن، كىشىنى تەسىرلەندۈرگۈدەك بىرەر يازما ئوقۇپ قالساممۇ مىشىلداپ كېتىمەن. ئالدىنقى ﻫەپتىنىڭ بىر كۈنىدىكى ئەتىگەنلىك ناشتىدا، گېزىتتىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىر پارچە ياپونىيىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ماقالىسىنى كۆرۈپ قالدىم. «بۈيۈك ياپونىيە ئوقۇغۇچىلار ئاگېنتلىقى»نىڭ ئەڭ نادىر ئەسەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇ يەتتە ياشلىق ئوقۇغۇچىنىڭ ماقالىسىدە زادى نېمە يېزىلغاندۇ؟
ماقالىنى ئوقۇپ تۈگەتكىنىمدە، كۆز ياشلىرىم يۈزلىرىمنى يۇيۇۋەتكەن ئىدى.
نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ گېزىتنىڭ باش بېتىدە يەنە مۇنداق سۆزلەرنى ئۇچراتتىم: «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ماقالىسىدىن تەسىرلىنىش داۋاملاشماقتا» ئەسلىدە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان چوڭ كىشىلەرمۇ بۇ ماقالىدىن ماڭا ئوخشاش تەسىرلەنگەنىدى.
تۆۋەندىكىسى ياپونىيە خىروسىما شەﻫىرىدىكى يەتتە ياشلىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى كاتامايا يازغان ماقالە بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى «بۈيۈك ياپونىيە ئوقۇغۇچىلار ئاگېنتلىقى»نىڭ تۆتىنچى نۆۋەتلىك ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىدە نادىر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ماقالىنىڭ نامى «مەن بىلەن دادامنىڭ تاماق قاچىسى» بولۇپ، «بۈيۈك ياپونىيە ئوقۇغۇچىلار ئاگېنتلىقى»نىڭ بۇ قېتىملىق ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى «تەشەككۈر بىلدۈرۈش» ئىدى.
تۆۋەندىكىسى كاتامايانىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى:
دادام كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتۈپ كېتىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن، مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولدۇم. گەرچە دادام مېنىڭ ﻫەممە ئىشىمنى بىلىپ تۇرالايدىغان بولسىمۇ، مەنچە بەزى ئىشلارنى يەنىلا دادامغا دەپ قويۇشۇم كېرەك، دەپ ئويلايمەن. مەن دادامنىڭ تاماق قاچىسىنى ئىشلەتتىم. تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ئۇ ئىشنى ئويلىساملا يۈرۈگۈم ﻫېلىﻬەم قاتتىق سوقۇپ كېتىدۇ. مېنىڭ تاماق قاچامغا چوكا تەگكەندە بەكمۇ يېقىملىق ئاۋاز چىقىرىدۇ. تۈنۈگۈنكى تامىقىم بەكلا ئالاﻫىدە ئىدى. گەرچە سائەت ئەمدى 10 بولغان بولسىمۇ، مېنىڭ كاللام يەنىلا چۈشتە يەيدىغان شۇ تامىقىمدا ئىدى.
تۈنۈگۈنكى تامىقىمنى ئالاﻫىدە دېيىشىمدىكى سەۋەب، چۈنكى مەن دادامنىڭ تاماق قاچىسىنى ئىشلەتكەن ئىدىم. دادام ئۆلۈپ كەتكەن ياقى مەن بەكلا يالغۇز قالدىم، كۆڭلۈم بەك يېرىم ئىدى.
دادام «تەمپۇراخانا»دا (بىر خىل يېمەكلىك ساتىدىغان دۇكان) ئىشلەيتتى. دادام مايدا پىشۇرغان ئۇ «تەمپۇرا» (بىر خىل مايدا پىشۇرۇلىدىغان يېمەكلىك) دۇنيا بويىچە ئەڭ مېزىلىك تەمپۇرا ئىدى. مەن ﻫەر قېتىم دادامنىڭ يېنىغا بارغىنىمدا، دادام ﻫەمىشە ماڭا ئوغۇرلۇقچە مېززىلىك تەمپۇرالارنى پىشۇرۇپ بېرەتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا مەن ئۆزلۈگۈمدىن ئۆزۈمنى ئالاﻫىدە بىر ئادەمدەك ﻫېس قىلىپ قالاتتىم، چۈنكى مەن ئۇنداق چاغدا بەكلا خۇش بولۇپ كېتەتتىم. شۇنىڭدىن باشلاپ مەن تاماقنى كۆپ يېدىم. تېخى يەنە كاراتى گۇمپىسى (قۇرۇق قول گۇمپىسى)مۇ مەشىق قىلدىم، شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ئۆزۈمنىڭ تاماق قاچىسى كىچىك كېلىدىغان بولۇپ قالدى.
«چوڭراق تاماق قاچام بولسا ياخشىتى!» شۇنداق دېيىشىمگىلا ئاپام ئىشكاپتىن دادام ئىشلەتكەن تاماق قاچىسىنى ئېلىپ بەرگەچ: «ساڭا بەك چوڭلۇق قىلىپ قالارمۇ؟» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرىدا يەنە ئىشلىتىشىمگە قوشۇلدى.
شۇنداق قىلىپ، ئەتىگەندىن باشلاپ چۈشلۈك تاماق ۋاقتىنى تەخىرسىزلەرچە كۈتۈشكە باشلىدىم. مەن چوقۇم تامىقىمنىڭ ﻫەممىنى يەۋېتىشىم كېرەك. تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئۆزۈمنى چوقۇم دادامدەك قامەتلىك ﻫەم مۇلايىم بولۇپ قالغاندەك ﻫېس قىلىمەن. دادامنى بەكمۇ سېغىندىم. مانا ﻫازىرمۇ مۇشۇنداق مېزىلىك تاماقنى دادامنىڭ قاچىسىدا يەيدىغانلىقىمنى ئويلىسام يۈرۈگۈم سوقۇپ كېتىپ بارىدۇ. مۇبادا ئەگەر تەڭرى تىلەك تىلە، دېگەن بولسا، مەن دادام، ئاپا، سىڭلىم بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ بىر قېتىم تاماق يېيىشنى تىلەيتتىم. ئەمما دادام ﻫازىر ئاسماندا تۇرۇپ بىزنى قوغداۋاتىدۇ، ئۇ ئالدىراش. دادام يوق بەكمۇ يالغۇزلۇق ﻫېس قىلساممۇ، ئەمما مەن ئۆيدىكى بىردىنبىر ئوغۇل بالا، شۇڭا مەن دادامنىڭ ئورنىدا ئاپام بىلەن سىڭلىمنى قوغدىشىم كېرەك. مەن دادامنىڭ تاماق قاچىسىدا تاماقنى ياخشى يەپ، ئېگىز ﻫەم مۇلايىم بىر ئوغۇل بالىغا ئايلىنىمەن. دادا، سىزنىڭ تاماق قاچىڭىزغا رەﻫمەت!
يۇسران تەرجىمىسى