guide
گاچا ۋە ئۈمىد (مىكرو ﻫېكايە)
يوللانغان ۋاقتى :
02-12
كۆرۈلۈشى:
2314 قىتىم
ئۇ بىر كۈنى سىرتقا چىقتى ، مەﻫەللىسىدىكى بالىلار ئۇنى ئورىۋېلىپ كۈندىلىك ئادىتى بويىچە ئۇنى ئۆزىنىڭ گاچا بولۇپ قالغىنىنى ﻫىس قىلىپ يىغلىغاندىن كىيىن قورسىقىنى تۇتۇشۇپ كۈلۈش ئۈچۈن گەپكە سېلىشقا باشلىدى .
 _ چوكا دىگىنە ﻫەي گاچا ،
_ چ چ ك ك ....
_ ﻫاﻫا.....
_ ئىت دىگىنە
_ ئ.....ت...ە ....
_ ﻫاﻫا .....
...
مۇشۇنداق يىگىرمە قېتىم داۋاملاشتى ،ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ يىغلاپ كەتتى ،بالىلار ئۇنىڭ يىغلىغىنىدىن ﻫوزۇرلاندى-دە ئۇنى بىردىن ئىتتىرىپ ئارلىقىدىن چىقىرىۋېتىپ ، ئۆز ئويۇننى ئويناشتى .
يىگىرمە يىل ئۆتتى .
بۇ مەﻫەللە ئەمەس ،پۈتۈن يۇرت «بىر داڭلىق چولپان كىلىدىكەن »دىگەن گەپنى ئاڭلاپ تىترەپ كەتتى . بۇ چولپان ئادەتتىكى چولپان ئەمەس بەلكى دۇنياغا داڭلىق كىنو چولپىنى ئىدى . بۇ يۇرتقا بۇنداق چولپاننىڭ كىلىشىمۇ تۇنجى قېتىم ئىدى . نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا باشلىرىنى سوزۇپ قارىشىپ ،بىر كۆرىۋېلىش ئۈچۈن قارىشىپ تۇراتتى .
ئۇ نۇرغۇن چاۋاكلار بىلەن نۇتۇققا تەكلىپ قىلىندى :
 _ كۆپچىلىككە رەﻫمەت .ئالدى بىلەن سىلەرگە بىر گەپنى قىلىپ بەرسەم ، چوكا ،ئىت .....،مېنى ئەينى ۋاقىتتا مەﻫەللىدىكى بالىلار مۇشۇ گەپلەرنى دىگۈزەتتى ، مەن دىيەلمەيتتىم ،كۈندە يىغلايتتىم ،چەتكە قېقىلىشتىن ،بوزەك بولۇشتىن بەكمۇ بىزار بولۇپ ئۆلىۋېلىش قارارىغا كەلدىم . بىر كۈنى يىغلاپ ئۆيگە كىردىم ،ئانام ماڭا «بالام ،سەندەك بالىلار چوڭ بولغاندا چولپان بولىدۇ » دېدى . مۇشۇ گەپ مىنىڭ قەلبىمدە ئۈمىد ئۇرۇقىنى بىخلاتتى ،كۆڭلۈمدە مەيلى نىمە جاپا چەكمەي چولپان بولىمەن دىگەن غەيرەتكە كەلدىم، مېنى مۇشۇ كۈنگە ئېرىشتۈرگەن ئۈمىدكە رەﻫمەت .......
 ﻫېلىقى ئۇنى بوزەك قىلغان كىشىلەر نۇمۇستىن باشلىرىنى ئىگىشتى .