خروئىن بىلەن ساختا دورىنىڭ سۆﻫبىتى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-16
- كۆرۈلۈشى:
- 1347 قىتىم
فېليەتون
تۇرسۇنجان ئابدۇرېﻬىم
بۇ كۈنلەردە خىروئىن بىلەن ساختا دورا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل تۆرىنى تالىشىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.
راستىنى ئېيتقاندا خىروئىن ساختا دورىغا بەكلا ﻫەسەت قىلىدىغان بولۇپ كەتتى.
بىر كۇنى خىروئىن ساختا دورىغا ئىچىنى تازا بوشۇتۇپ ئۇنىڭ شۇنچە بازار تېپىپ كېتىشدىكى سىرىنى بىلمەكچى بولۇپ ئونى چاي سۆﻫبىتىگە چاقىردى.
خىروئىن ساختا دورىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويۇش كويىدا مول داستىخان ﻫازىرلىدى.
ساختا دورا خىروئىننىڭ داستىخىنىغا ئۆز ۋاقتىدا داخىل بولدى. ئۇ بەكلا سالاپەتلىك ﻫەم تەكەببۇر بولۇب كەتكەن ئىدى.
ـــ دوستۇم، ساختا دورا ئېيتىپ باققىنە، بىز بىر يولدىكى دوستمۇ ئەمەسمۇ؟
ـــ ﻫەر ئىككىلىمىز ئىنسانىيەتكە زور زىيان سالىدىغان، ئۇلارنىڭ قىسقىغىنە ﻫەم قىممەتلىك ﻫاياتىنى ناﻫايىتى تېز نابۇت قىلىدىغان مەلئۇن بىز، ـــ دېدى ساختا دورا جاۋابەن.
ـــ سۆزلىرىڭ ئورۇنلۇق دوستۇم، ﻫەر ئىككىلىمىز ئىنسانىيەتنىڭ رەزىل دۈشمىنى. ئەمما مەن بەزىدە شۇنچىۋالا بازار تېپىپ كېتىۋاتقانىڭغا قاراپ، ساڭا ﻫەسەت قىلىپمۇ قويىمەن.
ـــ بۇ دېگەن ﻫازىرقى زامان تىلى بويىچە ‹‹رىقابەت›› دېيىلىدۇ.
ـــ ئېيتىپ باققىنە، سېنىڭ نېمە سىرلىرىڭ بار؟ ـــ دېدى خىروئىن ساختا دورىغا ئېسىل شاراپنى رومكىغا بېلىق كۆزى قۇيغاچ.
ـــ دوستۇم ساڭا ئېيتىپ بېرەي،
مېنىڭ ئىگىلىرىم ﻫېسابلىنىدىغان ئاشۇ بىر قىسىم كىشلەر خۇددى سېنىڭ ئىگىلىرىڭگە ئوخشاشلا رەزىللىكتە ئۇچىغا چىققان بولغاچقا ئۇلاردا ۋىجدان، ئىنساب، دىيانەت نېمە ئىش قىلسۇن؟ شۇڭلاشقا ئىگىلىرىم مېنى ﻫەرقايسى مېدىيە، بۇلۇپمۇ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئارقىلىق بولۇشىغا كۆپتۈرۈپ ماختايدۇ. ئۇنداق پايدا قىلىدۇ-يەي، بۇنداق تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىدۇ-يەي دەپ كۈندە نەچچە قېتىملاپ ئېلان قىلىۋەرگەچكە، ماڭا خېلى كۆپ ساندىكى كىشلەر ئىشىنىدىغان بولۇپ كەتتى.
ساختا دورا بەكلا مەنمەنچى، سۆزمەن بولغاچقا سۆزدىن توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
ـــ ساڭا دېسەم دوستۇم، بىزنىڭ بازار تېپىشىمىز ئىگىلىرىمىزنىڭ ﻫىيلىگەر، قوۋلۇقىغا، چىرايلىق گەپ بىلەن ئېيتقاندا ئەقىل-پاراسىتىگە باغلىق. مېنى ئۇچۇقتىن-ئۇچۇق ماختاپ ساتىدۇ، سىنى بۇلۇڭ-پۇچقاقتا ساتىدۇ. شۇڭا ﻫازىر مېنىڭ ئىگەمگە يەتكۈزىدىغان ﻫارام پايدام سېنىڭ يەتكۈزىدىغان ﻫارام پايداڭدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى. بۇ گەپلەرنى مەن ئۆزۈمچە دەۋالمىدىم، مەن بۇنى ئىگەمدىن كۆپ ئاڭلىغان.
ماڭا ئىشىنىپ راست گېپىڭنى ئېيىتقىنىڭغا رەﻫمەت، ـــ دېدى خىروئىن ﻫەرخىل مەزەلەر بىلەن تويۇپ كەتكەن قورساقلىرىنى سىلىغاچ.
ـــ بەزى ئىنسانلار ﻫەقىقەتەنمۇ بەك نادان، مەنمۇ قايسى مىللەتتە نادانلىق ئەۋج ئالسا شۇ توپ ئىچىدە بەكلا بازار تاپىمەن. مېنى ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ ئىچىدە يېشى كىچىكلەرمۇ مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. مەن ئۇلارنى ئۇ دۇنياغا بالدۇرراق ئۇزىتىۋېتىش بىلەن ئالدىراشلا يۈرۈيمەن.
ـــ مەنمۇ شۇ، ـــ دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى ساختا دورا، ـــ گەرچە نۆۋەتتە تېببىي ئىلىم زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئايرىم كىشىلەرنىڭ ﻫاماقەتلىكى تۈپەيلى، مەنمۇ بازىرى ئىتتىك مەﻫسۇلاتقا ئايلاندىم. جەمئىيەت ماڭا زەربە بېرىۋاتقان بولسىمۇ، مېنىڭ ئىگىلىرىم تۈرلۈك قانۇنسىز يوللار بىلەن مېنى يەنىلا كەڭ كۆلەمدە سېتىپ چىقىرىپ كېسەل داۋالاش تۈگۈل تېخىمۇ ئېغىر، غەلىتە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلماقتا. بىز ﻫازىر رەزىللىكتە رېكورت ياراتتۇق دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. قىسقىسى، ﻫەر ئىككىلىمىز ئىنسانىيەتكە ئاپەت ﻫېسابلىنىمىز. شۇڭا ئىنسانلار بىزگە ﻫەر ۋاقىت غەزەپ-نەپرەت بىلەن مۇئامىلە قىلىپ بىزنى يوقىتىشقا تىرىشماقتا.
ـــ جان-جىگەر دوستۇم، سەن ﻫاراقنى جىق ئىچىۋالدىڭ، سەن بۈگۈن مېنىڭ يېنىمدا قونۇپ قالغىن، بىز كېچىچە ئىگىلىرىمىزگە ئۆمۈر بويى سادىق بولۇش، ئىنسانىيەتكە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشنىڭ يېڭىدىن-يېڭى پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقايلى، ـــ دېدى كەيپى چاغ بولغان خىروئىن.
ئۇلارنىڭ كۆڭۈللۈك سۆﻫبەتلىرى تېخى ئاخىرلىشىدىغاندەك قىلمايتتى.