guide
ئۈچ پاي ئوق (فېليەتۇن)
يوللانغان ۋاقتى :
03-16
كۆرۈلۈشى:
1534 قىتىم
فېليەتۇن


لىيۇ ۋەنلى
ئابلەت ئابلىز سەردارى تەرجىمىسى


   شەﻫەر باشلىقى كۇچىدا كېتىۋېتىپ، تۇيۇقسىز پاڭ، پاڭ، پاڭ قىلىپ ئېتىلغان ‹‹ئۈچ پاي ئوق›› ئاۋازىنى ئاڭلاپ يەرگە ‹‹گۇپ››لا قىلىپ يىقىلدى.
   كاتىپ دەرﻫال ئۇنى يۆلەپ، ‹‹مېڭچېڭ›› دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزدى، شەﻫەر باشلىقى ئاخىر ﻫوشىغا كەلدى.
   كاتىپ:
   ـــ مەن ‹‹ئۈچ پاي ئوق››نىڭ ئاۋازىنى ئېنىق ئاڭلاپ، سىزنىڭ يەرگە يىقىلغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتىم. قارىسام بەدىنىڭىزدە قانمۇ يوق، زەخمىمۇ يوق، ئەسلىدە سىز قورقۇپ كېتىپتىكەنسىز، ـــ دېدى.
   شەﻫەر باشلىقى:
   ـــ مېنىڭ ئىسىمدە قېلىشىچە، شۇ چاغدا بەدىنىمگە ‹‹ئۈچ پاي ئوق›› تەگدى، شۇنىڭ بىلەن ئاغرىق ئازابىدا يەرگە ‹‹گۇپ›› قىلىپ يىقىلدىم، ئاندىن كېيىن ﻫېچنېمىنى ئاڭقىرالمىدىم، ـــ دېدى.
   كاتىپ:
   ـــ بۇ بەلكىم ‹‹خىيالى تۇيغۇ›› بولۇشى مۇمكىن، ﻫېچقىسى يوق، ياخشى ئارام ئالسىڭىز ئوڭشىلىپ قالىسىز، ـــ دېدى.
   شۇنىڭدىن كېيىن، ﻫەر كۈنى شەﻫەر باشلىقىنى يوقلاپ كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.
   شەﻫەر باشلىقى بەدىنىنىڭ بىر يەرلىرى ئاغرىۋاتقانلىقىنى ﻫېس قىلدى، ئۇ مەيدىسىنىڭ ئەتراپىدا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بىئارام بولاتتى.
   دوختۇر رېنتىگىن ئاپپاراتىدا تەكشۈردى، نەتىجىدە ﻫېچقانداق غەيرى نەرسە بايقالمىدى، ﻫەممە ئەﻫۋال نۇرمال ئىدى. شەﻫەر باشلىقى دوختۇرغا:
   ـــ دوختۇرخانا باشلىقىڭلارنى چاقىرىپ كېلىڭلار، ـــ دېدى.
   دوختۇرخانا باشلىقى ﻫايال ئۆتمەيلا كەلدى ۋە شەﻫەر باشلىقىنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:
   ـــ قەدىناس ساۋاقدىشىم، قانداق تاپشۇرۇقىڭىز باركىن؟ ـــ دېدى.
   شەﻫەر باشلىقى:
   ـــ مەيدەمگە بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك ﻫېس قىلىۋاتىمەن، بىراق، دوختۇر تەكشۈرۈپ چاتاق يوق، نورمالكەن دەيدۇ، تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا مەسىلە بارمۇ-قانداق؟ دوختۇرخاناڭلاردا چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان تەكشۈرۈش ئاپپاراتى يوقمۇ؟ ـــ دېدى.
   دوختۇرخانا باشلىقى:
   ـــ نىمىشقا شەﻫەر باشلىقىنى دەرﻫال قايتىدىن تەكشۈرمەيسىلەر؟ ـــ دەپ كايىدى دوختۇرلارغا. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانا باشلىقى تەكشۈرۈشكە ئۆزى بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلدى، رېنتېگېن ئاپپاراتىدا قايتىدىن تەكشۈرگەندە يەنىلا نورمال بۇلۇپ چىقتى.
   شەﻫەر باشلىقى قولى بىلەن كۆكرىكىنى تۇتقىنىچە:
   ـــ غەلىتە ئىش، مېنىڭ قولۇم غەيرىي نەرسىنى سېزىۋاتىدۇ، رېنتېگېن ئاپپاراتىدا تەكشۈرگەندە ﻫەجەپ تەكشۈرۈپ تاپالمىدىيا؟ ـــ دېدى. دوختۇرخانا باشلىقى:
   ـــ ياكى بولمىسا مۇنداق قىلايلى، ئەتە دوختۇرخانىمىزغا بېيجىڭدىن ئۈچ نەپەر مۇتەخەسسىس كەلمەكچى ئىدى، ئۇلار سىزنىڭ كېسىلىڭىزنى كۆرۈپ باقسۇنمۇ-يا؟ ـــ دېدى.
   شەﻫەر باشلىقى بېشىنى لىڭشىتتى، شۇ كۈنى كېچىسى شەﻫەر باشلىقى ئاغرىق دەستىدىن كىرپىق قاقماي تاڭنى ئاتقۇزدى.
   ئۈچ نەپەر مۇتەخەسسىس كەلگەندىن كېيىن، شەﻫەر باشلىقىنىڭ بەدىنىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى، ئاندىن يېرىم كۈن دىياگنوز قويدى، ئەڭ ئاخىرى شەﻫەر باشلىقىغا ﻫەقىقەتەن ‹‹ئۈچ پاي ئوق›› تەگكەن دەپ دىياگنوز قويۇلدى.
   كاتىپ:
   ـــ شەﻫەر باشلىقىنىڭ بەدىنىدىن يا قان چىقمىسا، يا زەخمىلەنگەن ئەﻫۋال بولمىسا، قانداقسىگە ئوق تېگىپ زەخمىلەنگەن بولىدۇ؟ ـــ دېدى. مۇتەخەسىسلەر رېنتېگىن پىليونكىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
   ـــ سىز بۇ ئۈچ نۇقتىغا قاراڭ، ئادەتتىكى كىشىلەر كۆرۈپ بىلەلمەيدۇ، نەچچە يۈز ﻫەسسە چوڭايتقاندىلا ئاندىن بىلگىلى بولىدۇ، شەﻫەر باشلىقىنىڭ تەلىيى ئوڭكەن، بۇ ئۈچ پاي ئوق مەيدىسىدىن يىراقراق جايدا ئىكەن، ئەگەر يۈرەكنى زەخمىلەندۈرگەن بولسا، بىزمۇ ئامال قىلالمايتتۇق، ـــ دېدى.
   كاتىپ:
   ـــ بۇ قانداق يۇقىرى تېخنىكىلىق قورال؟ ـــ دەپ سورىدى.
   شەﻫەر باشلىقى:
   ـــ ئۇنىڭ قانداق يۇقىرى تېخنىكىلىق قورال بولۇشى بىلەن نېمە كارىڭىز، پەقەت كېسىلىمنى تاپالىسىلا بولدى، ـــ دېدى.
   مۇتەخەسسىسلەر:
   ـــ سىزنىڭ بۇ كېسىلىڭىزگە بىز كۆپ قېتىم دىياگنوز قويدۇق، بىراق، سىز يەنىلا بىزنىڭ داۋالىشىمىزغا ماسلىشىشڭىز كېرەك، ئادەتتە ‹‹ئۈچ داۋالاش باسقۇچى›› ئارقىلىق ﻫېلىقى ‹‹ئۈچ پاي ئوق››نى ئېلىۋەتكىلى بولىدۇ، ـــ دېدى.
   شەﻫەر باشلىقى:
   ـــ مەن چوقۇم سىلەرگە ياخشى ماسلىشىمەن، ‹‹پۇل››دا چاتاق يوق، ـــ دېدى.
   مۇتەخەسسىسلەر:
   ـــ ئۇنداقتا ياخشى، ﻫازىر بىمارنى ئېغىر كېسەللەر ياتىقىغا ئەكىرىڭلار، ئايرىپ كۆزىتىمىز، ﻫەر قانداق يات كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشقا بولمايدۇ، ـــ دېدى.
   شۇنىڭ بىلەن شەﻫەر باشلىقى ئېغىر كېسەللەر ياتىقىغا ئېلىپ كىرىلدى، بۇ ياتاقنىڭ تېمى، ئۆي جاﻫازىلىرىنىڭ ﻫەممىسى قىپقىزىل ‹‹خەلق پۇلى››دىن ياسالغان ئىدى، ﻫەتتا كارۋات كىرلىكىغىمۇ ‹‹خەلق پۇلى›› ياتقۇزۇلغان ئىدى. شەﻫەر باشلىقى قولىنى سوزۇپ تۇتۇپ بېقىپ، ﻫەممىسىنىڭ راست پۇل ئىكەنلىكىنى بىلدى.
   شەﻫەر باشلىقى قاقاقلاپ كۈلگىنىچە:
   ـــ مەن مۇشۇ ‹‹پوقنى ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلالمايدىغان›› مۇتەخەسسىسلەر ئوينىغان ‹‹مايمۇن ئويۇنى››نى كۆرۈمەنما؟ ـــ دېگىنىچە تازىلىق ئۆيىگە كىرىشىگە كۆز ئالدى ‹‹ۋاللىدە›› يۇرۇپ كەتكەندەك بولدى، چۈنكى تەرەت تۇڭى، ۋاننا، يۇيۇنۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنىڭ ﻫەممىسى ‹‹ئالتۇن››دىن ياسالغان ئىدى، ﻫەتتا قول سۈرتىدىغان قەغەزمۇ خەلق پۇلىدىن ياسالغان (بۇ يالغان پۇل ئىدى). شەﻫەر باشلىقى تەرەت قىلىپ بولۇپ، خەلق پۇلى بىلەن كاسىسىنى سۈرتتى، كۆڭلىدە: ‹‹پۇل دېگەن بەرىبىر مەينەت نەرسىغۇ›› دېگىنىچە ئىختىيارسىزلا كۈلدى.
   شەﻫەر باشلىقى ﻫەر كۈنى خۇددى ‹‹تاغدەك›› دۆۋىلەنگەن پۇل بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇردى، ۋاقىت ئۇزارغانچە پۇلغىمۇ قىزىقماس بۇلۇپ قالدى، ‹‹پۇل››نى كۆرسىلا، ﻫوشىنى يوقىتىپ يىقىلاتتى ﻫەمدە ‹‹ﻫۆ-ﻫۆ›› دەپ قاتتىق قۇساتتى.
   شەﻫەر باشلىقى ﻫەر كۈنى خۇددى ‹‹ئۈچەي-باغرى ئاغزىدىن يېنىپ كەتكۈدەك›› دەرىجىدە قۇسۇپ بولغاندىن كېيىن، دەرىزە تۈۋىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ:
   ـــ سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى قويۇۋېتىڭلار (چىقىرىۋېتىڭلار)! ـــ دەپ قاتتىق توۋلايتتى.
   ئىشىك ئېچىلىشىغىلا، شەﻫەر باشلىقى ﻫوشىدىن كېتىپ يىقىلدى. مۇتەخەسسىسلەر:
   ـــ ئىككىنچى باسقۇچلۇق داۋالاش لايىﻬەسىنى يولغا قويىمىز، شۇڭا شەﻫەر باشلىقىنى ئوپىراتسىيەخانىغا ئېلىپ كىرىڭلار، دەرﻫال ئوپىراتسىيە قىلىمىز، ــ دېدى.
   ئارىدىن بىر مۇتەخەسسىس:
   ـــ ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ بۇنچىۋالا ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىكەنمەن، باشقىسىنى دېمەيلى، قاراڭلار ئۇنىڭدا ‹‹شەﻫۋەتپەرەسلىك گېنى›› پەۋقۇلئاددە كۆپ ئىكەن، ـــ دېدى.
   يەنە بىر مۇتەخەسىس:
   ـــ بىز يۇقىرى پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭدىكى ‹‹شەﻫۋەتپەرەسلىك گېنى››نى پۈتۈنلەي ئېلىۋېتەيلى، ئازراق قالدۇرۇپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ، بولمىسا ئۇنىڭ زەخمە ئېغىزىنى يۇقۇملاندۇرماي قالمايدۇ، ـــ دېدى.
   ئوپىراتسىيە 10 سائەت داۋاملىشىپ، شەﻫەر باشلىقىنىڭ بەدىنىدىكى ‹‹شەﻫۋەتپەرەسلىك گېنى›› پاك-پاكىز ئېلىۋېتىلدى.
   بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، شەﻫەر باشلىقى كارىۋاتتىن چۈشۈپ ماڭالايدىغان بولدى.
   مۇتەخەسسىسلەر:
   ـــ بىزنىڭ ئوپىراتسىيەمىز ناﻫايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى، بىراق، يەنە كۈزىتىشكە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا دەرﻫال ئۈچىنچى باسقۇچلۇق داۋالاش لايىﻬەسىنى ئىجرا قىلىشىمىز كېرەك، ـــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن شەﻫەر باشلىقى يەنە ئېغىر كېسەللەر ياتىقىغا ئېلىپ كىرىلدى.
   بۇ ياتاقنىڭ سەرەمجانلاشتۇرۇلۇشى ناﻫايتى ئۆزگىچە بۇلۇپ، ئۇنىڭغا تىزىلغاننىڭ ﻫەممىسى كىتاپ بولغاچقا، خالىغان ۋاقىتتا كىتاب ئوقۇغىلى بولاتتى. دەسلەپتە شەﻫەر باشلىقى كۈنلىرىنىڭ ناﻫايىتى مەنىلىك ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ﻫېس قىلدى، كېيىن ئۇ، بۇ كىتابلارنىڭ ﻫەممىسىدە تارىختا ئۆتكەن سۇلالىلەردىكى خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ قاتتىق جازالىنىپ، ئۆلۈمگە ﻫۆكۈم قىلىنغانلىقىغا ئائىت مەزمۇنلار سۆزلەنگەنلىكىنى بايقىدى. بارلىق كىتابلارنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئوخشاش بۇلۇپ، ﻫەممىسىگە ‹‹پارىخور ئەمەلدارلارغا ياخشى ئاقىۋەت يوق›› دەپ ماۋزۇ قويۇلغان ئىدى.
   شەﻫەر باشلىقىنى تۇيۇقسىز قورقۇنچ بېسىپ، ئۇ كىتابلارنى ئېلىپ ۋاراقلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى، ﻫەتتا كىتابنى كۆرسىلا، خۇددى ئۆيدە ئاشۇ پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ ‹‹روﻫى›› باردەك، پۈتۈن بەدىننى ‹‹غال-غال›› تىترەك باساتتى. ئۇ ناﻫايىتى ئازابلانغان ﻫالدا:
   ـــ سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى قويۇۋېتىڭلار (چىقىرۋېتىڭلار)! ــ دەپ جېنىنىڭ بارىچە قاتتىق ۋاقىردى.
   شەﻫەر باشلىقى ئېغىر كېسەللەر ياتىقىدىن ئېلىپ چىقىلىپ، يەنە رېنتىگېندا تەكشۈرۈلدى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىلەن رېنتىگېن پىليونكىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
   ـــ مۇبارەك بولسۇن، سىز ئەمدى دوختۇرخانىدىن چىقسىڭىز بولىدۇ، ـــ دېدى. شەﻫەر باشلىقىنىڭ كاتىپى ئېغىز غېرىچلاپ:
   ـــ شەﻫەر باشلىقىمىز زادى قانداق ‹‹غەلىتە كېسەل››گە گىرىپتار بوپتۇ؟ ـــ دەپ سورىدى.
   مۇتەخەسسىسلەر بىردەك:
   ـــ ‹‹ئەمەلدارلىق كېسىلى››، ـــ دەپ جاۋاب بەردى. كاتىپ چۈشىنەلمەي:
   ـــ ‹‹ئەمەلدارلىق كېسىلى››، ـــ دەپ قايتا سورىدى.
   مۇتەخەسسىسلەر:
   ـــ شۇنداق، بۇ بولسا يېڭى تىپتىكى بىر خىل ۋىروستىن يۇققان كېسەل بۇلۇپ، ﻫازىر بىز شەﻫەر باشلىقىنىڭ بەدىندىكى ‹‹ئۈچ پاي ئوق››نى ئېلىۋەتتۇق، ـــ دېدى. كاتىپ:
   ـــ ‹‹ئۈچ پاي ئوق؟›› ـــ دېدى.
   مۇتەخەسسىسلەر:
   ـــ بۇ ‹‹ئۈچ پاي ئوق›› بولسا ئادەتتىكى ‹‹ئوق›› ئەمەس، ئۇ تېببىي ئىلىمدە ‹‹ئوق ۋىروسى›› دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ﻫالدا ‹‹پۇل، ساﻫىبجامال ۋە ﻫوقۇق››تىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلدىن تۈزۈلگەن. ناۋادا ﻫەر قانداق بىر ئادەمگە بۇ ‹‹ئۈچ پاي ئوق›› تېگىپ، ۋاقتىدا قۇتقۇزۇلماي، يۇقۇملىنىپلا قالسا، ‹‹ئۆلۈم››دىن باشقا يول يوق، ـــ دېدى.
   شەﻫەر باشلىقى خىجىللىقتىن يۈزى قىزارغانچە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇراتتى، كاتىپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.
خەنزۇچە ‹‹فېليەتۇنلاردىن تاللانما›› (杂文选刊) ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 7-سانى (ئاي ئوتتۇرسىدىكى نەشرى)دىن ئابلەت ئابلىز سەردارى تەرجىمە قىلدى
تەرجىمان: ئونسۇ ناﻫىيەلىك يېزا ئىگىلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە مەكتىپىدە