قايتىش ( پوۋېست )
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 1015 قىتىم

مەن ﻫەممە ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ بۇيەردىن كەتمەكچى بولدۇم . ئىشلىرىم ئۆزۈم ئويلىغاندەك خەيرىلىك ئاخىرلاشقان بولسىمۇ ، ئەمما يەنىلا كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولماقتا ئىدى . << مەن ماڭىدىغان بولدۇم >> دەپ ساڭا تېلىفۇن قىلىپ قويغۇم شۇنداق ئىسىمدە . ئەمما سېنىڭ يا ئۆلۈكۈڭ يا تىرىڭكىندىن تا ﻫازىرغىچەخەۋەر يوق . ئاخىر مەن ۋوگزالغا قاراپ يولغا چىقتىم . بىر سائەت ئەراپىدا ماڭغاندىن كېيىن مەن ۋوگزالغا يېتىپ كەلدىم . ئادەملەر خېلى كۆپ بولۇپ ، ئۆزىنىڭ نەرسە كېرەكلىرى بىلەن ئاۋارە ئىدى . مەن ماڭىدىغان پويىزغا يەنە ئىككى سائاتتىن ئارتۇق ۋاقىت بار بولۇپ ، شۇنىڭ بىلەن مەن بېخەتەر رايۇنغا كىرىپ ۋاقىتنىڭ تىزراق توشۇشنى كۈتۈپ ئولتۇرۇدۇم .
ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ كۆپ سانلىقى خەنزۇلار ئىدى . مەن ناخشا ئاڭلىغاچ ، نەرسە - كېرەكلىرىمنى يېنىمغا تارتىپ ، خىيالغا پېتىپ ئولتۇردۇم . ئىكراندا ياپۇنلارنىڭ بىر كىنۇسى چىقىۋاتماقتا ئىدى . مەن تېلىۋىزۇرغا باقماستىن ، ناخشىغا ئەسرار بولماقتا ئىدىم . راستىنى ئېيىتسام سېنىڭ كېلىشىڭدىن ئۈمىدنى ئۈزگەندىم . ئەمدىلىكتە بولسا سېنىڭ كېلىشىڭنى ئۈمىد قىلمىغاندەك كەيپىياتتا ئولتۇراتتىم . سېنىڭ كېلىشىڭ بولسا ماڭا نىسبەتەن بىر ئارتۇقچە ئىشتەڭ تۇيۇلماقتا ئىدى . شۇڭلاشقا سېنى تامامەن كەلمەيدۇ دەپ ئويلاشقا باشلىدىم . مانا ئەمدى خېلى يەڭگىللەپ قالدىم . ئەسلى خېلى بۇرۇنلا سېنى شۇنداق ئويلىغان بولسام ، بىردەم بولسىمۇ ئازاپتىن خالىي بولاركەنمەن .
ناخشا بىر خىل رىتىمدا چىقماقتا ئىدى . مەن ﻫەممە نەرسىنى ئۇنتۇپ ، خاتىرسىنى يوقاتقان مەﻫبۇستەك ئولتۇراتتىم . چۈنكى سېنىڭ كەلمىگىنىڭ ئۈسىتىگە ئۆزۈمنىڭمۇ يەنە كۆڭلۈم يىرىم ئىدى . چۈنكى مەن بىر ئىشقا تەۋەككۇل قىلىۋاتاتتىم . قانداقلا بولمىسۇن ، بۇ ئىشنى ئۆزۈم يالغۇز قارار قىلغاندىم . شۇڭىلاشقا بۇنى ساڭىمۇ دەپ ئولتۇرمىغاندىم . مەن بۇ ئىشنى ساڭا مەسلىﻬەت سېلىشنىڭ ئورنى يوق دەپ ئويلايىتتىم . چۈنكى سەن بۇنداق چوڭ ئىشلار ئۈستىدە ئويلىنىش ياقتۇرمايىتتىڭ . سەن گەرچە ياقتۇرغان تەقدىردىمۇ ، مەن يەنىلا ئۆزۈم مۇشۇنداق قىلاتىتىم . چۈنكى مېنىڭ ئەزەلدىن شەكىللىنىپ قالغان بۇ خاراكتىرىم مۇشۇنداق قىلىشنى بەلگىلەپ قويغاندى . بۈگۈن مەيلى سەم كەلگىن ياكى كەلمىگىن مېنىڭ كەتمەكچى بولغىنىم بىر مۇقەرەرلىك ئىدى . شۇڭا ساڭىمۇ كېيىن تېلىفۇن قىلغاندىم .
_ قەيسەر !
مەن بېشىمنى كۆتۈرۈو قارىسام ، سەن قاراپ تۇراتتىڭ . سېنىڭ چىرايڭدا قان قالمىغان بولۇپ ، جىددىيلەشكىنىڭدىن چىرايىڭمۇ تاتىرىپ كەتكەندى . سېنىڭ ﻫازىرقى كەيپىياتىڭدىن بىر خىل قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى . مەن سېنىڭ ﻫەممە ئىشلانى مەرپۇغەدىن ئۇققانلىقىڭنى بىلسەممۇ ، سېنىڭ ئالدىڭدا بۇنى ئىتراپ قىلغۇم كەلمەيىتتى . چۈنكى سېنىڭ بۇ ئىشلارنى مېنىڭ ئاغزىمدىن ئاڭلىشىڭ مەن ئۈچۈن ئازاپ ئىدى . مېنىڭچە بولغاندا مەن بۇنبى ساڭا ئۆز ئاغزىم بىلەن ئېيىتماسلىقىم كېرەك ئىدى . شۇڭا مەن بۇنى كۆزدە تۇتۇپ ، سېنىڭ يېقىن دوستۇڭ مەرپۇغە ماڭىدىغانلىقىمنى ئېنىق قىلىپ ئېيىتقاندىم . ساڭا بولسا ئازراق ئېيتىپ قويغاندىم . مەن سېنى ئالدى بىلەن يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىم . سەن يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردۇڭ . ماڭا كۆزلىرىڭنى چەكچەيتىپ تۇرۇپ سورىدىڭ :
_ سەن راستىنلا كەتمەكچىمۇ ؟
_ شۇنداق .
_ سەن ساراڭ بولدۇڭمۇ ؟ سەن مېنى ئازراق ئويلاپ قويدۇڭمۇ ؟ مەن بۇ يەردە يالغۇز قالامدىم ؟
_ مەن بەلكىم ساراڭ بولغاندىمەن ياكى ئوڭ بولغاندىمەن . ﻫازىر بۇلار مۇﻫىم ئەمەس . مۇﻫىمى مېنىڭ تىزدىن قايتىپ كېتىشىم . بۇنى سەن بىلىشىڭ ۋە مېنى يولغا سېلىپ قويۇشۇڭ كېرەك . مەن بەلكىم سېنى ئويلىغاندىمەن . سېنى يالغۇز تاشلاپ قويۇشنىمۇ ئاخىرقى قېتىم قارار قىلىپ بولغاندىمەن . ئەمما بىلىشىڭ كېرەك ، سەن يالغۇز ئەمەس .
_ بۇ قانداق گەپ بولدى ، ئەمدى ؟ سەن كەتسەڭ ، مەن يالغۇز قالمامدىم ؟ سەن ﻫەجەپ بۇگەپلەرنى ماڭا دېمەي نېمىشقا مەرپۇغەگە دەيسەن ؟ مەن مۇﻫەببىتىڭمۇ يوق ؟ سەن ﻫازىرغىچە نېمانداق بەزى ئىشلارنى مەندىن يۇشۇرۇىسەن ؟ سەن مېنىڭ ﻫېسياتىمنى بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئويلاپ باقتىڭمۇ ؟ مەن سېنى دەپ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدىم . ئەمما سەن بولساڭ بۇلاردىن بىخەۋەردەك ، يەنىلا پەرۋاسىز يۈرۈيسەن . سەندىن ئۆتۈنەي ، كەتمە بولامدۇ ؟
_ سەن ئۈزۈڭنى بېسىۋال . مەن دېگەن ئوغۇل بالا ، ئۆلۈم بولسىمۇ ئۆزۈم قارار چىقارغان بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قارار چىقارغان ئىشتىن قايىتمايمەن . بىزدە << يولۋاس ئىزىدىن ، يېگىت سۆزىدىن >> دېگەن گەپ بار . مەن بۇ ئىشنى ئاخىرغا چىقارمىسام بولمايدۇ . شۇڭا سەن توغرا چۈشەن .
_ سەن ماڭا مېنى قوللىغىن دېمەكچىمۇ ؟
_ شۇنداق دېسەممۇ بولىدۇ .
_ ئۇنداق بولسا مەن ساڭا قانداق ياردەم قىلىمەن ؟
_ بىز ئايرىلىپ كېتەيلى .
_ نېمە ؟ ! _ دېدىڭ سەن كۆزلىرىمگە تېكىلىپ تۇرۇپ . سېنىڭ چېكە تومۇرلىرىڭ كۆپۈپ ، قۇيقا چاچلىرىڭ تىك تۇرۇپ كەتكەندى . مەن ﻫىچقاچان سېنىڭ بۇنداق ئەپتىڭنى كۆرۈپ باقمىغاندىم .
_ سەن مۇشۇنىمۇ ئاخىرقى قېتىم قارار قالغانمۇ ؟
_ شۇنداق ، مەن بۇنىمۇ شۇنداق قارار چىقارغاندىم . سېنىڭ بۇ قارارىمغا ﻫۆرمەت قىلشىڭنى ۋە ئەمدى ﻫەممە ئىشنى چۈشۈنىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن . مەن سەندىن ۋاز كەچمەكچى ئەمەس . بەلكى سېنى ياخشى كۆرىمەن . ئەمما ياخشى كۆرۈرشكەنلەرنىڭ ﻫەممىسى مەڭگۈ بىرگە ئۆتۈپ بولالمايدۇ . شۇڭا سەنمۇ ئەمدى ئۆزۈڭنى ئالدىمىغىن .
_ مەن قاندساق ئۆزۈمنى ئالداپتىمەن ؟ سەن نېمانداق مەن چۈشەنمەيدىغان گەپلەرنى قلىسەن ؟
_ ماڭا قارا ، ﻫازىر مەن بۇيەردىن كېتىدىغانغا يەنە بىرسائەتتەك ۋاقىت قالدى . ئەمدى راستىنلا بۇيەردىن خوشلىشىمەن . شۇڭا ماڭا دەيدىغان گەپلىرىڭ بولسا ، دېگىنىڭ .ئەگەر بولمىسا ئەمدى بۇ توغۇرلۇق پاراڭلاشمىساق .
_ بولىدۇ . مەن سېنى ئاۋارە قىلماي . سەن قانداق قارار چىقارغان بولساڭ شۇنداق قىل . مەن سېنىڭ ﻫەممە ئىشلىرىڭنى تولۇق چۈشىنىپ كەتمىسەممۇ ، ئەمما سېنىڭ بىر ياخشى يگىت ئىكەنكىلىڭنى ، ئۆزۈڭنى ۋە باشقىلارنى ئالدىمايدىغانلىقىڭنى ، يىراقنى كۆردىغانىلىقىنى ئوبداق بىلىمەن . مەن باشتىن ئاخىر سېنىڭ پىكىرىڭگە ﻫۆرمەت قىلىپ كەلدىم . مەن ﻫىلىﻬەم سېنىڭ پىكىرىڭگە ﻫۆرمەت قىلىمەن . مەن يەنە سېنىڭ ﻫازىرقى ئايرىلىش تەلىپىڭگە ماڭا ئىلگىرى قويغان مۇﻫەببەت تەلىپىڭگە ئوخشاش قوشۇلىمەن . ئەمما سەن شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭ كېرەك . مەن راستىنلا گۈدەك . جىق ئىشلارنى چۈشەنمەيمەن . ئەمما مېنىڭ سېنى قانداق ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى سەن تونۇپ يېتىشڭ ۋە بۇنى ئىتراپ قىلىشىڭ كېرەك . مەن ئۈچۈن ئايرىلىش بەرىبىر . ئەمما مەن سەنسىز ئۆزۈمنىڭ مۇﻫەببەت دۇنياسىنى قىياس قىلالمايمەن . مەن مۇشۇ ئىككى يىلدىن بۇيان ساڭا ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر مۇﻫتاج ئىكەنلكىمنى چوڭقۇر ﻫىس قىلماقتىمەن . سېنىڭ يەنە قايتىپ كېلىشىڭنى ، مېنىڭ سۆيگۈ بېغىمغا قايتىپ كېلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن .
مەن سېنىڭ ﻫەممە سۆزۈڭنى ئاڭلاپ ئولتۇردۇم . سەن بۇ سۆزلەرنى دېيىش جەريانىدا خۇددى كېچىك بالىلاردەك دۇدۇقلاپ ۋە تەمتىرەپ دېدىڭ . سېنىڭ دائىم شۇنداق راۋان سۆزلەيدىغان ﻫالىڭ ﻫازىر نەلەرگىدۇر غايىپ بولغاندى . سېنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ، ساڭا پەقەت بىر خىل مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىنلا تەلەپ قويغانلىقىمنى ئويلىسام ، ساڭا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىمنى چوڭقۇر ﻫىس قىلىمەن . مەن ئەسلى ئۇنداق قىلماسلىقىم كېرەك ئىدى . ئەمما شۇ ۋاقىتتىكى ئوبىكتىپ شارئىت ماڭا شۇنداق بىر ئەخمىقانە ئىشىنى يۈكلەپ قويغاندى . ئەمدىلىكتە بۇنى تەقدىردىن يەنە باشقا نەرسىدىنكۆرۈشۈم تامامەن ئورۇنسىز بولسىمۇ ، مەن شۇنداق قىلىشنى توغرا تاپقاندىم . چۈنكى مەن ېنى ﻫازىرغا قەدەر ياخشى كۆرۈپ باقمىدىم . سەن پەقەت سۆيگۈ بېغىمنىڭ سىرتىدىلا تۇرۇپ كەلدىڭ . چۈنكى مەن خېلى بۇرۇنلا بىرسىنى ياخشى كۆرەتتىم . بۇلارنى ساڭا دېيىشىمنىڭ يەنىلا ئورنى يوق ئىدى . بۇلارنى يەنە ساڭا دەپ سېنىڭ سەبىي ﻫەم پاك قەلبىڭنى ئازاپلىشىمنىڭ تېخىمۇ ئورنى يوق ئىدى . ئەمما بۇلارنى سەن ئازراق بولسىمۇ بىلىپ قىلىشىڭ كېرەك ئىدى .
_ مەن ياخشى يېگىت ئەمەس ، مەن خېلە بۇرۇنلا بىرسىنى ياخشى كۆرەتتىم .
_ بۇ قانداق گەپ ! ؟ - دەپ سەن ئىككى مۈرەمنى چىڭ تۇتۇپ سىلكىشلەپ كەتتىڭ . مەن بولسام سېنىڭ ئالدىڭدا بىر ئۆلۈكتەك ، تامامەن سېنىڭ ﻫەركىتىڭگە بويسۇنغان ﻫالدا ﻫەركەت قىلاتتىم . سەن ئاخىرى يىغلاپ تاشلىدىڭ . مەن سېنىڭ بار ئاۋازىڭنى قويىۋىتىپ يىغلىشىڭنى ، تازا يىغلاپ ئىچىڭنى بوشىتىۋىلىشىڭنى ئۈمىد قىلاتتىم . ئەمما سەن بىر ئازلا يىغلاپ توخـتاپ قالدىڭ .
_ مەن سەندىن بىر ئىشىنى سوراي ، ﻫازىر سېنىڭ قەلبىڭدە ماڭا ئورۇن بارمۇ ؟
_ كەچۈرگىن . مېنى ئەمدى قىستىما . ئەمدى ﻫەرئىككىمىز ئۆزىمىزنىڭ يولىغا ماڭايلى .
سەن سۆزۈمنى ئاڭلاپ ، ﻫەممىنى چۈشەنگەندەك بولدۇڭ . مەن سېنى خۇددى ئىلگرىكى گۈدەكلىكىڭ بىراقلا يوقاپ كەتكەندەك سەزمەكتە ئىدىم . ئەمدى ﻫەممىمىز ئۆزىمىزنى ئىتاپ قىلمىساق بولمايىتتى . مەن ﻫىلىمۇ ئىككى يىل سېنىڭ ئالدىڭدا ئۆزۈمنى ئالداپ كەلگەندىم . ئەمدىلكىتە بولسىمۇ ئۆزىمىزگە ياخشى مەسئۇل بولمىساق بولمايىتتى . شۇڭا سېنىڭ بۇلارنى قۇبۇل قىلىشىڭ ۋە مېنى توغرا چۈشۈنىشىڭ كېرەك ئىدى . مەن سەندىن پەقەت شۇلارنى ئۈمىد قىلالايىتتىم ۋە تەلەپ قلىىشقا ئورۇنلۇق دەپ ئويلايىتتىم .
_ سەن ئەمدى قايتىپ كەتكىن ، سېنىڭ يەنىمۇ ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن . ﻫەرگىز بوشىشىپ كەتمە .
سەن سكزۈمنى ئاڭلاپ ئاستاغىنە ئورنۇدىن تۇردۇڭ ئاندىن ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدىڭ . مەن ﻫەرﻫالدا سېنىڭ بۇيەردىن تىزراق قايتىپ كېتشىڭمۇ تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم . چۈنكى سېنىڭ پويىزنىڭ كەينىدىن يۈگرەپ يىغلىشىڭنى ﻫەرگىز كۆرگۈم يوق ئىدى .
مەن ماڭىدىغان ۋاقىت ئاخىرى يېتىپ كەلدى . مەن نەرسە - كېرەكلىرىمنى كۆتۈرۈپ بىلەتتىكى ئورنۇمغا كېىلىپ ئولتۇردۇم . پويىز ئۇزاق ئۆتمەت قوزغالدى .
_ ﻫەي ، يېگىت ، _ دېدى ئالدىدا ئولتۇرغان مەندىن سەل چوڭراق كەلگەن خەنزۇ ئايال ، _ ئۇ قىز سېنى چاقىرۋاتسا كرەك .
مەن دەرىزە تەرەپكە قارىسام ، سەن پويىزغا ئەگىشىپ يۈگرەپ كېلىۋاتماقتا ئىدىڭ .
( بۇ ئەسەرنىڭ داۋامى يوللىنىدۇ . )