guide
بىر ئىستاكان سۈت
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
983 قىتىم
 
بىر نامرات ئوقۇغۇچى ئۆتكەنىكەن. ئۇ ئوقۇش پۇلىنى تېپىش ئۈچۈن دەم ئېلىش كۈنلىرى مىلىچماللار دۇكىنىدىن بىر نەرسىلەرنى ئاچىقىپ ساتىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ ئۆيىدىن خېلىلا يىراق بىر جايغا مال ساتقىلى چىقىپتۇ، لېكىن كەچ بولغۇچە سودا قىلالماپتۇ. ئۇ قورسىقىنى توقلىماقچى بولۇپ يانچۇقىغا قارىسا، ئون تىيىندىن باشقا پۇل چىقماپتۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ ئاخىر بىرەر ئۆيدىن ئازراق يېمەكلىك سوراپ يېمەكچى بوپتۇ. ئۇ بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى چېكىپتۇ. ئۆيدىن چىرايلىق بىر قىز چىقىپتۇ. بالا ئۇنىڭدىن يېمەكلىك تەلەپ قىلالماي، بىر ئىستاكان سۇ بېرىشىنى ئېيتىپتۇ. قىز ئۆيىگە كىرىپ كېتىپ، بىر ئىستاكان سۈت ئاچىقىپتۇ.بالا سۈتنى ئىچىپ بولغاندىن نەچچە پۇل بېرىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. قىز پۇل ئالمايدىغانلىقىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ دائىم ئۇنىڭغا ﻫاجەتمەنلەرگە ياردەم قولىنى ئايىماسلىقىنى نەسىﻬەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بالا كېتىپ قاپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ، ﻫېلىقى قىز ئېغىر كېسەل بولۇپ شەﻫەردىكى دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالىنىپتۇ. تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇنىڭغا مەسئۇل دوختۇر ئەينى يىلى ئۇ بەرگەن سۈتنى ئىچكەن بالا چىقىپتۇ. دوختۇر ئۇنىڭ ﻫالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ ئۇنى داۋالاپ ساقايتىپتۇ. قىز دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان چاغدا، داۋالىنىش پۇلىنى تۆلىمەكچى بوپتۇ. ئۇنىڭ پەرىزىدە داۋالىنىش پۇلى چوقۇم كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ تۆلەشكە قۇربى يەتمەيدىكەن. ئۇ تالوننى ئېلىپ ﻫەيران قاپتۇ، چۈنكى تالونغا« داۋالاش ﻫەققى بىر ئىستاكان سۈت» دەپ يېزىلغانىكەن.
شۇنداق، ﻫاياتتا تۈرلۈك ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. كىمكى باشقىلارغا قولىدىن كېلىشىچە غەرەزسىز ياردەم قىلىدىكەن، جەزمەن ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ.