guide
ئىناۋەت ئۇ قەدىر-قىممەت
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
675 قىتىم
 
ۋارىسجان ئەﻫمەد
 
ئادەم ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇش شارائىتىدا ياشاپ، ئۆز كۆڭلىنى ئىش-ﻫەرىكىتى ئارقىلىق خۇش ئېتىدۇ ياكى تەدبىرسىزلىكىدىن نادامەتتە قالىدۇ. ئادەم ئۈچۈن ئۇ مەيلى قانداق ياشىسۇن ۋە قانداق تۇرمۇش شارائىتىدا تۇرسۇن، ﻫامان ئۇنىڭ ئەخلاقى، ئىنسانىي پەزىلىتى، غۇرۇرى، مەسئۇلىيەت ﻫەم بۇرچ تۇيغۇسى شۇ ئادەمنىڭ جەمئىيەتتىكى قەدىر-قىممىتىنى بەلگىلەيدۇ. ئادەم ئۈچۈن ئىناۋەت تىكلىمەك ئانچە ئاسان ئەمەس. ئىناۋەتنى ئۆزىنى ماختاپ ۋە باشقىلارغا ماختىتىپ تىكلىگىلى بولمايدۇ. يېقىندا بىرەيلەننىڭ قىلغانلىرىنى باشقىلارنىڭ كۆرمىگەنلىكىدىن ئۆكۈنۈپ دادلىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئەلۋەتتە، قىلغانلىرىمىزنى خەلق بىلىدۇ، ياخشى ئىش بولسا قەدرىنى قىلىدۇ. ﻫەرقانداق ئادەم مەسئۇلىيەتچان، خىزمەتتە سەمىمىي ﻫەم ئەستايىدىل، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە راستچىل ﻫەم ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغان بولسىلا، ئائىلە، جەمئىيەت ۋە كەسىپتە باشقىلارنىڭ قوللىشىغا، ﻫۆرمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ﻫەربىر كىشىنىڭ ئىناۋىتى شۇ ئادەمنىڭ ئەﻫمىيەتلىك بولغان قەدىمى، ئىش-ﻫەرىكىتى بەدىلىگە تىكلىنىدۇ. ئادەم ئۈچۈن ئىناۋەت تاپماقتىن ئىناۋىتىنى تۆكمەك تولىمۇ ئاسان. بىرەرسىگە پوخۇرلۇق، يالغانچىلىق قىلىش؛ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماسلىق، تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ئەدەپ-ئەخلاقتىن چەتنەش قاتارلىقلار شۇ ئادەمنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكىدۇ.
ئادەم تۇتقان يولىنى توغرا تاللاپ، قانۇن-تۈزۈم ﻫەم ئائىلە، ئىجتىمائىي ۋە كەسىپ ئەخلاقى بىلەن ئۆزىنى ﻫەرۋاقىت چەكلەپ تۇرمىسا، گەپ-سۆز، ئىش-ﻫەرىكەت، يۈرۈش-تۇرۇش، كىيىنىش قاتارلىقلاردا ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەنلىكلەرنى سادىر قىلىپ ئەخلاقنىڭ قارشىلىقىغا، قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچراپ ئىناۋىتىنى تۆكۈۋېلىشى مۇمكىن.