guide
مۇﻫەببەت ۋە نىكاﻫ ﻫەققىدە
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
827 قىتىم
 
 
* گۈزەل نىكاﻫ ئىنسان ﻫاياتىدىكى ئەڭ چوڭ بەختتۇر، بەختسىز نىكاﻫ تىرىك تۇرۇپ دوزاخقا كىرىشتۇر.
* مۇﻫەببەت گۈزەل، نىكاﻫ مۇقەددەس.
* مۇﻫەببەت خۇشاللىقنى مەقسەت قىلىدۇ، نىكاﻫ پۈتكۈل ﻫاياتنى مۇددىئا قىلىدۇ.
* ئىشەنچ نىكاﻫ مۇناسىۋىتىدىكى ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئەڭ مۇﻫىم بايلىق، شۇنداقلا، خۇشاللىق ئىزدەش، مۇناسىۋەتنى چىڭىتىشقا كەم بولسا بولمايدىغان گۆﻫەر.
* نىكاﻫ بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ئويۇن سانىلىدۇ، ئاقىۋەتتە ئۇلار ئۆمۈرلۈك دەتتە قالىدۇ؛ لېكىن كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن نىكاﻫ دۇنيادىكى ئەڭ مۇقەددەس ئىش بولۇپ، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ﻫاياتى گۈزەللىككە تولىدۇ.
* مۇﻫەببەتنى ئاساس قىلغان نىكاﻫ ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى تەڭداشسىز بەختتۇر.
* مۇﻫەببەت ئاياللاردىكى ئاجىزلىقنى ئازايتىپ، ئەرلەردىكى جاسارەتنى كۈچەيتىدۇ.