ئائىلە ئىناقلىقىنى بۇزىدىغان ئىشلار
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 914 قىتىم
مۇﻫەممەتجان ئىسمائىل
ئىچى تارلىق، ﻫەسەتخورلۇق، گۇمانخورلۇق، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش، سەپرالىق، قوپاللىق ۋە ئەدەبسىزلىك؛ ئائىلە ئىشلىرىنىڭ ﻫەممىسىنى جورىسىغا تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ ﻫېرىپ ﻫالىدىن كەتكەنلىكىنى كۆرسىمۇ كارى بولماسلىق.
ماختانچاقلىق، يالغانچىلىق قىلىش ۋە يۈرۈش-تۇرۇشىنى جورىسىدىن يوشۇرۇش.
تەكەببۇرلۇق، ﻫاكاۋۇرلۇق قىلىش، جورىسىنىڭ ئەخلاقى ﻫەم ئەقىل-پاراسىتىنى كەمسىتىش، مالىيەنى مونوپول قىلىۋېلىش، جورىسىنىڭ ﻫوقۇقىنى كۆزگە ئىلماسلىق.
باشقىلارغا ئائىلىسى ۋە جورىسىنىڭ بەزى ئىشلىرى توغرىسىدا شىكايەت قىلىش، ئائىلە ئىچى ۋە تۇغقانلار ئارا بولغان مۇناسىۋەتكە زىيان يېتىدىغان سۆز ﻫەرىكەتتە بولۇش.
ئائىلە مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا خالىغانچە ئىش قىلىش، نەسىﻬەت ۋە تەربىيەسىنى قوبۇل قىلماسلىق، ﻫاراقنى زىيادە كۆپ ئىچىش، قىمار ئويناش، زەﻫەر چىكىش، تالاغا قاراش، جورىسى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ تۇرمۇش، ئوقۇش ئەﻫۋالى بىلەن كارى بولماسلىق.
ئائىلىدە زومىگەرلىك قىلىپ جورىسىغا ۋە ئائىلە ئەزالىرىغا زۇلۇم سېلىش، ﻫازازۇل ۋە جېدەلخور بولۇش.