بىر تېمىم ئادەم
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 1186 قىتىم
بەگمەت يۈسۈپ
سىزغان رەسىمگە ‹‹گۈل پەسلى›› دەپ ئىسىم قويدۇم. گۈل پەسلىنىڭ ئەلۋەتتە كىشىگە ئوماقلىق تۇيغۇسى بېرىدىغان غۇنچە پەسلى بولىدۇ. بۇ چاغدا بەرگى بىلەن ياپراقنىڭ ﻫەممىسى يېقىملىق، ﻫەممىسى نازاكەتلىك.
ﻫاياتقا شۇنداق تەبىر بەرگۈم كەلدى: چۈش بىلەن رېئاللىق بىر تېمىم ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئۇ گۈلنىڭ بەرگىگە تامچىسا تۇيغۇلار ناۋاسى ياڭرايدۇ. تۇپراققا چۈشسە ئۇزاققا سوزۇلغان بىر سۈكۈتكە ئايلىنىدۇ. سۈكۈت بىر زامانلاردا يەنە تامچىغا ئايلىنىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ قىممىتىنى مۇنداق تەسەۋۋۇر قىلدىم: مەن چاڭقىغان گۈلنىڭ يىلتىزىدىكى ﻫاياتلىق سەۋەبكارى. مەن ئېقىن دەريادىكى ئىز – دېرەكسىز سۇ. مەن ياز پەسلىدىكى ئۇچۇپ يۈرگەن يامغۇر تامچىسى. مەن ساﻫىبجامالنىڭ كىرپىكىدىكى قەلب يېشى. ئۇ ئاشۇ ياش ئارقىلىق بارلىق ﻫاياجان، ﻫەسرەتلىرىگە تەسەللى تاپىدۇ. مەن يىگىتلەرنىڭ ماڭلىيىدىكى غەلىبە تەرى نۇرغۇن مۇشەققەتلەر ئاخىرىدىكى خۇشاللىق. مەن بوۋامغا ۋەدە قىلدىم، بىر تېمىم تۇز بولۇشقا ئوقۇيمەن دەپ. ﻫويلىدا تونۇر ياساۋاتقان مومام بۇنى ئاڭلاپ تولىمۇ خۇش بولدى. تونۇر ئوتتا تاۋلىنىدۇ، نان تاۋلانغان تونۇردا پىشىدۇ. بۇ بىر ئەقىدە. ئەمما، نان قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈنلا پىشۇرۇلغان ئەمەس. ئۇنىڭغا نۇرغۇن تۇرمۇش ﻫېكمەتلىرى يۇغۇرۇلغان. تۇغۇلۇپ تا چوڭ بولغىچە تالاي ناخشىلار مېنى ئالقىنىدا ئەللەيلىگەن. تالاي كۈنلەر ماڭا ﻫېكايە ئېيتىپ بەرگەن. ﻫېكايە بىر جەريان، ناخشا يىغىنچاق ﻫېكمەت. ﻫېكمەتتىن ئەقىل تاپىمەن، ناخشىدىن ﻫاياجانلىنىمەن. ئەقىل بىلەن ﻫاياجاننىڭ ﻫېچ بىر قارىمۇقارشىلىقى يوق. ئۇنىڭ مۇۋازىنىتى مۇﻫىم. ﻫاياجان ئەۋجىگە چىققاندا ئادەم تەنتەكلىشىدۇ، ئەقىل چوڭقۇرلاشقاندا قەلب ئازابقا تولىدۇ. ئۇزاق ئۆمۈر ئىچىدە كۆپ ئىش قىلىشنىڭ يولى ﻫەر ئىككىلىسىگە مەيىل بېرىش، ئەلۋەتتە! چۈشكۈن دەرۋىشنىڭ مەززىسىز پەلسەپىسىنىڭ، كۈلۈشتىن پاراكەندە بولغان دۇنيا ئەخمەقلىرىنىڭ ماڭا نېمە كېرىكى، مەن بىر تامچە، ئاستا – ئاستا بۇلاققا ئايلانغان.
مەن بىر تامچە ئاستا – ئاستا ئېقىنغا ئايلانغان.
مەن بىر تامچە ئاستا – ئاستا دەريادەك ئاققان، قىرغاقلاردا يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى پەيدا قىلغان.
مەن ئېتىزلارنى ئاشلىق ئامبىرىغا ئايلاندۇرغۇچى، ئىنسان ئاشقا موﻫتاج بولغاندا.
مەن ئورمانلارنى بەرپا قىلغۇچى، ئىنسان تېخىمۇ كۆپ ياغاچ ئاتلارغا موﻫتاج بولغاندا.
ياغاچ ئات ئۇ بىر تىراگېدىيەلىك سۈكۈتنىڭ يالدامىسى.
مەن چۈشتىن ئويغانغىنىمدا بۇ يالدامىنىڭ بىر مەيدان قايغۇ ئىكەنلىكىنى كۆرىمەن.
مەن چۈشۈمدىلا ئۇنىڭ ئاجايىپ بىر چاقچاق ئىكەنلىكىنى ﻫېس قىلىمەن. ‹‹كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق›› بۇ سۆزنى خاتىرەمگە يېزىۋالدىم – دە، ئاستا ئۇيقۇغا كەتتىم.
ئاسمان بىلەن يەر ئارىلىقىدا – مانا بۇ ﻫاياتلىق!