چىشىنى بىلىگەن بۆرە
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 583 قىتىم
بىر بۆرە ئوتلاقتا يېتىپ چىشىنى بىلەۋاتقانىكەن، بىر تۈلكە بۇنى كۆرۈپ:
— ﻫاۋا ياخشى، جاﻫان تىنچ، ﻫېچقانداق خەتەر يوق، كۆپچىلىك خۇشال-خۇرام تۇرسا، سېنىڭ چىشىڭنى بىلىگىنىڭ نېمىسى؟ بىزنىڭ سېپىمىزگە قوشۇلغىنا بولمىسا، — دەپتۇ.
بۆرە ئۈن-تىنسىز چىشىنى بىلەۋېرىپتۇ. بىلىگەنسېرى چىشى ﻫەم ئۇچلۇق ﻫەم ئۆتكۈر بولۇپ كېتىپتۇ. تۈلكە ئەجەبلىنىپ سوراپتۇ:
— چىشىڭنى نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەستايىدىل بىلەيدىغىنىڭنى ﻫېچ چۈشىنەلمىدىم. قارا، ئورمان شۇنداق تىنچ، ئوۋچىمۇ، ئوۋ ئىتىمۇ، ﻫەتتا يولۋاسنىڭ قارىسىمۇ يوق، مۇشۇنداق چىش بىلەش ساڭا قىزىق ئويۇن بىلىنىۋاتامدۇ؟!
بۆرە توختاپ دەپتۇ:
— مەن چىش بىلەن ئويناۋاتقىنىم يوق. ئەگەر بىر كۈنى ئوۋچىلار ياكى يولۋاس قوغلاپ كەلسە، مەن چىش بىلەي دېسەممۇ ئۈلگۈرەلمەيمەندە. ﻫازىر بىكار بولغاندىكىن چىش بىلەپ قوياي، ۋاقتى كەلگەندە ئۆزۈمنى قوغدايمەن، ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرمايمەن.
شۇنداق، كەلكۈن كەلگىچە تۇغان سېلىڭ، كۈلگەندە يىغىنى ئۇنتۇماڭ، تەييارلىقىڭىز بولسىلا تۇيۇقسىز خەتەر ۋە ئاۋارىچىلىككە يولۇققاندا تەمتىرەپ قالمايسىز.