guide
باشقىلارنىڭ بەختسىزلىكىدىن خۇشال بولغان قۇشقاچ
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
610 قىتىم
 
بىر ياۋا توشقان دالىدا ئوتلاۋاتقانىكەن، تۇيۇقسىز بىر بۈركۈت ئوقتەك كېلىپ ئۇنى تۇتۇۋاپتۇ. تۇيۇقسىز بالا-قازادىن توشقاننىڭ يۈرىكى يېرىلىپ كەتكۈدەك بولۇپ، ئېچىنىشلىق نالە-پەرياد كۆتۈرۈپتۇ.
بۇ چاغدا بىر قۇشقاچ بۈركۈتنىڭ چاڭگىلىدىكى توشقاننى كۆرۈپ، مازاق قىلىپ دەپتۇ:
— سىلەر توشقانلار يەل تاپان ئەمەسمىدىڭلار؟ مۇشۇنداق گۈزەل نامىڭلار تۇرسا يەنە نېمىدەپ بۈركۈتكە تۇتۇلغانسەن؟ پۇتۇڭدا كېسەل بارمۇ ياكى ئېتىڭلار ئۇلۇغ، سۇپۇراڭلار قۇرۇقمىدى؟
قۇشقاچ توختىماي ۋىچىرلاپ كۆرەڭلىگەن ﻫالدا قانىتىنى قېقىپتۇ. قۇشقاچنىڭ بۇ كۆرەڭ تۇرقى ۋە ﻫەرىكىتى يەنە بىر بۈركۈتنىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ، ئۇ ئۇچۇپ بېرىپ قۇشقاچنى تۇتۇۋاپتۇ ۋە شۇ يەردىلا يەۋېتىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ تۇرغان توشقان دەپتۇ:
— يائاللا، ئۇ تېخى بايىلا مېنىڭ بەختسىزلىكىمدىن خۇشال بولۇۋاتاتتى، مانا ئەمدى مەندىن بۇرۇن بەختسىزلىككە يولۇقتى.
شۇنداق، بالا-قازا ئەنە شۇنداق باشقىلارنىڭ بەختسىزلىكىدىن خۇشال بولىدىغان ئادەملەرگە ئامراق. باشقىلارنىڭ يىغىسىدىن كۈلىدىغانلار ئاخىرىدا ئۆزى يىغلايدۇ. بىراق ئۇ چاغدا ئۆزىنىڭ بەختىسزلىكىدىن يىغلايدۇ. يىغلىماسلىقىمۇ مۇمكىن، چۈنكى ئۇ چاغدا ئۇ يىغلاشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيدۇ.