ﻫايات ﻫەققىدە ئويلىغانلىرىم
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 631 قىتىم

تەقدىر
كىچىك ۋاقلىرىمدا چوڭلاردىن پات–پات: «ئادەمنىڭ تەقدىرى پىشانىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ، بۇنىڭدىن ﻫېچكىم قىچىپ قۇتۇلالمايدۇ»، دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلايتىم ﻫەم ئۇنىڭغا ئىشىنەتتىم. لېكىن ئەقلىمگە كەلگەندىن كېيىن بۇ گەپكە گۇمان بىلەن قارايدىغان بولدۇم، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان چاغلىرىم ئىدى، بىر كۈنى دوستۇم بىلەن تەقدىر توغرىسىدا سۆﻫبەتلىشىپ قالدىم، ئۇ مەندىن:
ـــ سەن تەقدىرىگە ئىشىنەمسەن؟ ـــ دەپ سورىدى.
ـــ ئىشىنىمەن، ـــ دەپ جاۋاب بەردىم.
ـــ ئۇنداقتا سېنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشۇڭمۇ، تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ؟ سېنىڭ تىرىشىپ ئوقۇشۇڭ نېمە ئۈچۈن؟ ئەگەر سەن تىرىشىپ ئوقۇمىغان بولساڭ، ئىمتىﻬاندىن ئۆتەلمىگەن بولاتتىڭ، ئۇنداقتا سەن يەنە ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلارمىدىڭ؟ ـــ دەپ سورىدى.
توغرا، مەن تىرىشمىغان، ياخشى تەكرار قىلماي ئويناپ يۈرگەن بولسام، بەلكىم تەقدىرىم باشقىچە بولغان بولاتتى. ئۇنداقتا ‹‹سەن تەقدىرىگە قانداق قارايسەن؟›› ـــ دەپ سورىدىم.
ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:
ـــ ئاداش تەقدىرنى بىز ئۆزىمىز، ئۆز تىرىشچانلىقىمىز بىلەن يارىتىمىز، ـــ دەپ جاۋاب بەردى.
بۇ كىچىككىنە سۆﻫبەت ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆز تەقدىرىمنى پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە قىلىپ، كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ، ﻫاياتىمنى ئەﻫمىيەتلىك ئىشلارغا بېغىشلاش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ كېلىۋاتىمەن.
تۇرمۇش
تۇرمۇش شۇنداق بولاركەن تۇرمۇش،
ئۇ دۇنيادا قۇۋ ﻫەم رەﻫىمسىز.
تۇر دېگەندە تۇرمىساڭ، بار مۇشت،
تۇر بىلەن مۇشت قوشۇلۇپ تۇرمۇش.
تۇرمۇش مۇرەككەپ بولىدۇ، ئۇنىڭدا خۇشاللىق، خاپىلىق، غەم-قايغۇ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. لېكىن ئادەملەرنىڭ ئاشۇ خىل تۇرمۇشقا بولغان قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى كىشىلەر خۇشاللىقتىن شادلىنىپ، ئۆزىنى ئەڭ بەختلىك ﻫېس قىلىدۇ، خاپىلىق، غەم-قايغۇغا يولۇققاندا، ئۆزىنى يوقىتىپ، پۈتۈن دۇنيادىن، كىشىلەردىن ئاغرىنىپ ئۆزىنى نابۇت قىلىدۇ. بەزى كىشلەر بولسا خۇشاللىق يولۇقسا ئۇنىڭدىن ﻫەممىنى بەﻫرىمەن قىلىپ، خاپىلىق، قايغۇلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىنى تېخىمۇ قەيسەر تۇتۇپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئالدىنقىلار تۇرمۇشقا توغرا مۇئامىلىدە بولالمايدىغانلار بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ رەﻫىمسىز بورانلىرى ئۇلارنى ﻫالاكەت جىلغىلىرىغا ئاپىرىپ تاشلاپ ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا تاشلايدۇ. كېيىنكىلەر بولسا تۇرمۇشتىن غالىب كەلگۈچىلەر بولۇپ، ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆز قولى بىلەن بەختلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.
ﻫاياتلىق
ئىنسان بۇ دۇنياغا يىغا بىلەن كۆز ئاچىدۇ، يىغا ﻫاياتلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىنسان ﻫاياتىنى قوغداش يولىدا نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەيدۇ، يەنە نۇرغۇن نەرسىگە ئېرىشىدۇ. لېكىن كىشىلەرنىڭ ﻫاياتقا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۇچۇن، ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغان نەتىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەر ئۆز ﻫاياتىنى قەدىرلەپ، قىسقىغىنە ﻫاياتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، نۇرغۇن نەتىجىلەرنى يارىتىپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرىدۇ، بۇنداق كىشلەر ﻫايات ۋاقتىدا كىشىلەرنىڭ ﻫۆرمىتىگە ئېرىشسە، ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغاندىن كېيىن سېغىنىشقا، ئەسلىشىگە ئېرىشىدۇ. بەزى كىشلەر ﻫاياتلىقتا ئۆز ﻫەلەكچىلىكى بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ، ﻫاياتى ئۈن-تىنسىز ئۆتىدۇ، يەنە بەزى كىشلەر ئۆز ﻫاياتىنى باشقىلار ﻫاياتىنىڭ كۈلپىتى ئۈستىگە قۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا ئۇچراپ، ئۆلگەندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ. ﻫاياتلىق مانا مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىدۇ. ﻫاياتلىقنى قەدىرلەش-قەدىرلىمەسلىك، قانداق ئۆتكۈزۇش ﻫەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق بولىدۇ.