guide
ئېرىشىدىغىنىڭىز تۆلىگەن بەدىلىڭىزگە باغلىق
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
578 قىتىم
 
بىر كىشىنىڭ ئۆيىدە چاشقان كۆپىيىپ كېتىپ، ئۇنى يوقاتقىلى بىر مۈشۈكنى ئېلىپ كەپتۇ. بۇ مۈشۈك چاشقان تۇتۇشقا ناﻫايىتى ماﻫىر ئىكەن، ئەمما توخۇنىمۇ بوغۇپ قويىدىكەن. بىر مەزگىل ئۆتۈپ مۈشۈك ﻫېلىقى كىشىنىڭ ئۆيىدىكى چاشقانلارنى يوقىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ توخۇلىرىمۇ بوغۇپ ئۆلتۈرۈلۈپ تۈگەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىسى دادىسىغا: «دادا، بىز نېمىشقا توخۇلىرىمىزغا زىيان سالىدىغان مۈشۈكنى قوغلىۋەتمىدۇق؟» دەپتۇ. دادىسى: «چاشقان بىزنىڭ ئاشلىقلىرىمىزنى ئوغرىلاپ يەپ، كىيىملىرىمىزنى تىتىۋىتىدۇ، ئەمما توخۇ بولمىسا بىز پەقەت ۋاقتىنچە توخۇ يېيەلمەيمىز خالاس. بۇ ئاچلىقتىن ۋە يالىڭاچلىقتىن ئۆلۈپ قالغانغا سېلىشتۇرغاندا ﻫېچقانچە ئىش ئەمەس، دەپ باقە؟ شۇنداق تۇرسا بىز نېمىشقا مۈشۈكنى قوغلىۋەتكۈدەكمىز؟» دەپتۇ.
شۇنداق، بەدەل تۆلىمەي بىر نەرسىگە ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس، ئېرىشىدىغىنىڭىز تۆلەيدىغان بەدىلىڭىزگە باغلىق.