ﻫۆرمەت قىلساڭ، ﻫۆرمەت تاپارسەن
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 565 قىتىم
خېلى زامانلار ئىلگىرى بىر سودىگەر كىيىملىرى جۇل-جۇل بىر قېرىنداش ساتقۇچىنى ئۇچرىتىپ، ناﻫايىتى سوغۇق مۇئامىلىدە بوپتۇ. ﻫېچقانداق ئويلانمايلا 10 يۈەننى ئۇ مال ساتقۇچىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ ﻫېچنىمە دېمەيلا مېڭىپتۇ. ئۇ بىر قانچە قەدەم ماڭمايلا مال ساتقۇچىغا بۇنداق مۇئامىلە قىلىشنىڭ تازا مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى ﻫېس قىلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆزىنىڭ 10 يۈەننى بېرىپلا سېتىۋالغان قېرىندىشىنى ئالماي كەتكەنلىكىنى دەپتۇ ﻫەمدە ئۆزىنىڭمۇ بىر سودىگەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.
ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە بىر سودا پائالىيىتىدە كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن، تولىمۇ سۆلەتلىك بىرەيلەن بۇ سودىگەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپتۇ:
— بەلكىم سىز مېنى ئۇنتۇپ كەتكەنسىز، بىراق مەنمۇ سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى بىلمەيمەن، ئەمما سىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن. چۈنكى، سىز ماڭا ئۆزىنى قەدىرلەش ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلغان تۇنجى ئادەم. سىز شۇ چاغدا ئارقىڭىزغا يېنىپ كېلىپ ئىككىمىز ئوخشاشلا سودىگەر دېگەنگە قەدەر ئۆزۈمنى بىر قېرىنداش ساتىدىغان قەلەمدار ﻫېسابلاپ كەلگەن ئىدىم. ئەنە شۇ ﻫۆرمەت سۆزىدىن باشلاپ، مەن ئۆز-ئۆزۈمنى تۆۋەن چاغلاشتىن ئۆزۈمنى قەدىرلەشكە يۈزلەندىم. شۇنىڭ بىلەن مانا ﻫازىرقى «مەن» گە ئايلاندىم، — دەپتۇ.
بۇ ئاددىي بىر ﻫېكايەتتىن باشقىلارنى ﻫۆرمەت قىلىشنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلىۋالالايمىز. ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ «ﻫۆرمەت قىلساڭ ﻫۆرمەت تاپارسەن، ئىززەت قىلساڭ ئىززەت تاپارسەن» دېگەن ئېسىل ئەنئەنە مانا بۈگۈنگىچە داۋام قىلماقتا.