guide
ياخشىلىق
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
624 قىتىم
 
 
مۇﻫەممەدباي بادۈر شاۋگۈنى (تاجىك)
 
ياخشىلىق — ياخشىلارنىڭ ئالتۇن تەخسىدە سۇنۇلغان بىر دەستە خۇشپۇراق گۈل، گەرچە ئۇنىڭ پۇرىقىدىن مەست-ئەلەس بولالمىساڭمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خۇشبۇي ﻫىدىدىن چوقۇم ﻫۇزۇرلىنىسەن.
ياخشىلىق — بىر قەلبنىڭ ئىككىنچى بىر قەلبكە يەتكۈزۈلگەن مېﻬرىبانلىق بولۇپ، ئۇ تەمەدىن، داۋراڭ سېلىشتىن يىراق.
ياخشىلىق — ياخشىلىق قىلغۇچىنىڭ قەلبىدىن ئوقچىغان، ياخشىلىق قىلىنغۇچىنىڭ قەلبىنى مەڭگۈلۈك ياشارتقۇچى كۆرۈنمەس روﻫ ئوزۇقى.
ياخشىلىق — ئۆز-ئۆزىگە شادلىق ئىزدەش بىلەن بىللە، ئۆزگىلەرگە ياساتقان سائادەت يولى.
ياخشىلىق — سەن ئۇنتۇلغان ۋاقىتتا ﻫوسۇل بېرىدىغان ﻫاياتلىق ئېتىزى! چۈنكى، سېنىڭ ئۇنىڭغا تېرىغىنىڭ دەل كەلگۈسىنىڭ ئۈمىد ئۇرۇقى. شۇڭا دەيمىزكى، ياخشىلىق - دۇنيادىكى بارلىق خەيرلىك ئىشلارنىڭ مۇقەددىمىسى!