ئالەمنىڭ تىنىقى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 613 قىتىم
مۇﻫەممەدباي بادۈر شاۋگۈنى (تاجىك)
ئالەمنىڭ تىنىقى — پۈتكۈل مەۋجۇدلۇقنىڭ تىنىقى!
ئالەمنىڭ تىنىقى — ﻫاياتلىقنىڭ مەۋجۇدلۇقى!
ئالەمنىڭ تىنىقى — ﻫاياتلىق بۆشۈكى، گۈزەللىك باغچىسى.
مەن ئالەمنى ناخشامغا قېتىۋېلىشنى ئويلىدىم. بىراق، يۈرىكىم بۇنىڭغا پەقەتلا يول قويمىدى. چۈنكى ئالەم ئەمگەك ئارقىلىقلا بىنا بولغان.
مەن ئالەمنىڭ سېخىيلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇش مەقسىتىدە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئۇزۇن يىل ئۆمۈر تىلىدىم. بىراق، ئالەم مېنىڭ بۇ تىلىكىمنى پەقەتلا قوبۇل قىلمىدى.
مەن ئالەمنىڭ گۈزەللىكىگە زوقلىنىپ، ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ئەڭ ئېسىل رەڭ بىلەن يۈرىكىمگە سىزماقچى بولدۇم. بىراق، ئالەم بۇنىڭغا يول قويمىدى. چۈنكى ئالەم مېنىڭ ماختىشىمنىڭ ئورنىغا ماڭا چېۋەر قولى بىلەن گۈزەللىك ئۇرۇقىنى چېچىشنى تىلىدى.
مەن شۇ تاپتا بىلدىمكى، ئالەمنىڭ ﻫاياتلىقى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ﻫاياتلىقى ۋە بەختى ئىكەن، ئالەمنىڭ تىنىقىدىن توختىشى ﻫاياتلىقنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
دېمەك، ئالەم مەۋجۇداتلىقى ﻫاياتلىقنىڭ جېنى ئىكەن.