مۇﻫەببەت ۋە ۋاقىت
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 871 قىتىم

بۇرۇن بىر كىچىك ئارالغا بەخت، ﻫەسرەت، مۇﻫەببەت ۋە ﻫېسسىيات ماكانلاشقان ئىكەن.
بىر كۈنى ﻫېسسىياتلار ئارالنىڭ چۆكۈپ كېتىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ﻫەممىسى ئۆز ئالدىغا كېمە تەييارلاپ، ئارالدىن ئايرىلماقچى بوپتۇ.
مۇﻫەببەت ئارالدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي قېپقاپتۇ. ئارال چۆكۈپ كېتىشكە ئاز قالغاندا مۇﻫەببەت نائىلاج قوشنىلىرىدىن ياردەم سوراپتۇ.
ئاچكۆز ﻫەشەمەتلىك كېمىسىنى ﻫەيدەپ مۇﻫەببەتنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپتۇ.
ـئاچكۆز، مېنى ئېلىۋالساڭ قانداق؟ دەپتۇ مۇﻫەببەت ئۇنىڭدىن.
ـبولمايدۇ، كېمەمدە نۇرغۇن ئالتۇن – كۈمۈش بار، سەن تۇرغىدەك ئورۇن يوق، دەپتۇ ئاچكۆز.
ئارقىدىن شۆﻫرەتپەرەسمۇ ﻫەشەمەتلىك كېمىسىنى ﻫەيدەپ مۇﻫەببەتنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپتۇ.
ـ شۆﻫرەتپەرەس، مېنى قۇتۇلدۇرۇۋالغىن!
ـ مەن ساڭا ياردەم قىلالمايمەن، سەن ﻫەمىشە ياش تۆكۈپ كېمەمنى مەينەت قىلىۋېتىسەن، دەپتۇ شۆﻫرەتپەرەس.
بۇ چاغدا ﻫەسرەت مۇﻫەببەتنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپتۇ.
ـ ﻫەسرەت، مەن سەن بىلەن مېڭىۋالاي، دەپتۇ مۇﻫەببەت.
ـ ﻫەي......مەن شۇنچە ﻫەسرەت چېكىۋاتسام، سېنىڭ ﻫالىڭدىن قانداق خەۋەر ئالالايمەن، دەپتۇ ﻫەسرەت قايغۇرغان ﻫالدا.
بەخىتمۇ مۇﻫەببەتنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپتۇ، ئەمما ئۇ بەك خۇشال بولۇپ كەتكەچكە، مۇﻫەببەتنىڭ ئۇنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىماپتۇ.
ـ كەلگىن مۇﻫەببەت، مەن سېنى ئالغاچ كېتەي، دەپتۇ توساتتىن بىر ناتونۇش مويسىپىت. ئاللىبۇرۇن ئۈمىدسىزلەنگەن مۇﻫەببەت خۇشاللىقىنى ئىچىگە پاتقۇزالمىغان ﻫالدا كېمىگە چىقىپتۇ، خۇشاللىقىدىن ﻫەتتا مويسىپىتنىڭ ئىسمىنى سوراشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتۇ. ئۇلار قۇرۇقلۇققا يېتىپ كەلگەندە مۇﻫەببەت مويسىپىتقا رەﻫمەت ئېيتىشقا تەمشىلىۋاتقاندا، مويسىپىت تۇيۇقسىز غايىب بوپتۇ.
ـ ماڭا ياردەم قىلغان كىم؟ سوراپتۇ مۇﻫەببەت قوشنىلىرىدىن.
ـ ۋاقىت، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بىرەيلەن.
ـ ۋاقىت؟ ۋاقىت ئاقساقال ئارالدا تۇرمىسا، نېمە ئۈچۈن ماڭا ياردەم قىلىدۇ؟ ﻫەيران قاپتۇ مۇﻫەببەت.
ـ چۈنكى، پەقەت ۋاقىتلا سېنىڭ ئۇلۇغلۇقىڭنى چۈشىنەلەيدۇ،دېگەن بىر ئاۋاز قىرغاق بويلاپ جاراڭلاپتۇ.