ئۆزىڭىزنى دەڭسەشكە سەل قارىماڭ
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 793 قىتىم
ياسىن ﻫاشىم
تۇرمۇشتا مۇنداق ئەﻫۋال كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. بەزىلەر تەقدىرلەنسە گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، تەنقىدلەنسە چىچاڭشىيدۇ. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرىمۇ كۆپ. ئۆزىنىڭ ئىچ – باغرىنى ئۆزى يېرىشنى راۋا كۆرمەسلىك بۇنىڭ مۇﻫىم سەۋەبى. ئۆزىنىڭ ئىچ باغرىنى ئۆزى يېرىش، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ئۆزى دەڭسەش، تارازىغا سېلىپ بېقىشتۇر. ئۆزىنى ئادىللىق بىلەن دەڭسىيەلەيدىغان ئادەم ياخشى ئادەم، ئاقىل ئادەمدۇر. دەرۋەقە، ئۆزىنى دەڭسەش باشقىلارنى دەڭسەشتىن كۆپ قىيىن، ئۆزىنى دەڭسەش بەلگىلىك جۈرئەت تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىچ – باغرىنى دادىللىق بىلەن يېرىپ كۆرسىتىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان ئادەمنىڭ ئاجىزلىق ۋە كەمچىلىكلىرىنى تۈزىتىشى، ئۆزىنى كامال تاپقۇزۇشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
قەدىمدىن ﻫازىرغىچە بەزى ئىجابىي شەخسلەرنىڭ ئوبرازى كىشىلەر قەلبىدە مەڭگۈلۈك ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى ئورتاق قانۇنىيەت شۇكى، ئۇلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويغان، ئۆزىنىڭ ئېسىل – پەزىلەتلىرى ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىدىكى ئوبرازىنى نۇرلاندۇرغان. ئۆزىنىڭ ئاجىزلىق ﻫەم كەمچىلىكلىرىنى دائىم دەڭسەپ تۇرغاندىلا، ئۇنى ۋاقتىدا سېزىۋالغىلى، تۈزەتكىلى بولىدۇ. ﻫەر قانداق ئادەمنىڭ بىرەر ۋاقىتتا بىرەر ئىشتا ئۆزىنى دەڭسىيەلىشى ئاسان، ئەمما ئۇنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزىنى ﻫەممە ئىشتا ئىزچىل دەڭسەپ تۇرالىشى ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس. شۇڭا ئۆزىنى دەڭسەش كىشىلىك ﻫاياتتىكى مەڭگۈلۈك قىيىن تېمىلارنىڭ بىرى. كىشىلىك ﻫاياتنىڭ يولى ئېقىنغا ئوخشاش ئەگرى – توقاي، تاغ يولىدەك ئېگىز – پەس بولىدۇ. كىشىلىك ﻫايات يولىدا مۇۋەپپەقىيەت ۋە غەلىبە قازانغانلارنىڭ قالدۇرغان ئىزىدا مۇنداق بىر يىمىرىلمەس ﻫەقىقەت ئىپادىلەنگەن: ئۇلار تىرىشىش، ئېلىشىش، ئىنتىلىش داۋامىدا ﻫامان ئىزچىل، ئەستايىدىل دەڭسەپ، بۇ ئارقىلىق ﻫامان ئاجىزلىقلىرىنى يېڭىپ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ﻫاياتىدا كۈنسېرى سىلجىيالىغان. ئۆزىنى دەڭسەش پىكىر قىلىشنى خالىمايدىغان، قاراقورساقلار بىر مۇئەمما. پەقەت ئۆز – ئۆزىگە ‹‹سوئال›› قويالايدىغان، ئۆزىگە تەلەپ قويالايدىغان ‹‹ئۆزىنى – ئۆزى ئەيىبلەپ›› تۇرۇشنى بىلگەنلەرلا ئۆزىنى ﻫەقىقىي دەڭسىيەلەيدۇ.