باشقۇرغۇچىلار قەيسەررەك بولغىنى ياخشى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 595 قىتىم
بىر قوي تەڭرىدىن سوراپتۇ:
— بېشىمغا بىر جۈپ مۈڭگۈزنى ئاتا قىلدىلا، ئۇ گەرچە دۈشمەنگە زەربە بېرىپ ئۆزۈمنى قوغدايدىغان قورال بولسىمۇ، ئەمما نېمە ئۈچۈن دائىم بۆرىلەرگە يەم بولۇپ كېتىمەن؟
— گەرچە سەن بىلەن بۆرە ئوخشاشلا سۈت ئەمگۈچى ﻫايۋان بولساڭلارمۇ، ئەمما سەن ئوت-چۆپ، بۆرە بولسا گۆش يەپ ﻫايات كەچۈرىدۇ. يەر شارىدا سۇ كۆپ، قۇرۇقلۇقنى بولسا ياۋا ئوت-چۆپ بىلەن دەل-دەرەخ قاپلىغان. شۇڭا سەن ئاغزىڭنى ئاچساڭلا ئوزۇقلۇق يىيەلەيسەن، كۈن ئۆتكۈزمىكىڭ بۆرىدىن كۆپ ئاسان؛ ئەمما بۆرە ﻫاياتىنى قوغداش ئۈچۈن رەقىبىنى يېڭىشكە، ئولجىسىنى يېيىشكە موﻫتاج، سىلەر ﻫازىر ناﻫايىتى بىخەتەر، شۇڭا سىلەردە ئۆزۈڭلارنى قوغداش ئېڭى بىلەن ئىقتىدار كەمچىل. گەرچە سىلەر توپلىشىپ ياشىساڭلارمۇ، بىراق خەتەرلىك پەيتتە ئىتتىپاقلىشىپ خەتەرگە تاقابىل تۇرمايسىلەر! بۆرىچۇ؟ ئۇلار ئوۋ نىشانىنى بايقاشقا ماﻫىر، پۇراق سەزگۈسى كۈچلۈك، ئالغا بېسىش يولىدا باتۇر ۋە تىز پۈكمەس، ئۇلاردا ۋەﻫشىيلىك بىلەن پاراسەتنى بىرلەشتۈرۈپ، ئولجىنى قولغا چۈشۈرۈش ئىقتىدارى يۇقىرى، نىشانغا توپلىشىپ تاقابىل تۇرۇش روﻫىغا باي. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، سېنىڭدە پەقەت قوينىڭ خاراكتېرى بار، ئەمما بۆرىدە بۆرىنىڭ جاسارىتى بار، مانا بۇ ئاراڭلاردىكى پەرق، — دەپ تەڭرى.
يۇقىرىقى ﻫېكايەتتىكى «بۆرە» روﻫىنى مېنىڭچە، بازار ئىگىلىكى دەۋرىدىكى باشقۇرغۇچىلارغا تەدبىقلاشقا تامامەن بولىدۇ.