guide
ئاسان شاللىنىپ كېتىدىغان ئالتە خىل ئادەم
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
745 قىتىم
 

 
بىرىنچى، تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىنى چاقىدىغانلار
    تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىنى چاقىدىغانلار شىركەتنىڭ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، شېرىنكانە ئېلىش، يەڭ ئىچىدە زاكاز قوبۇل قىلىش، شەخسىي ئىشلىرىنى بېجىرىۋېلىش يوللىرى بىلەن ئۆزىگە تېگىشلىك بولمىغان مەنپەئەتكە ئېرىشىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىنى چاقىدىغان بۇنداق ئادەملەرنىڭ خوجايىن تەرىپىدىن بايقالغان ۋاقتى دەل خوجايىننىڭ ئىشەنچىدىن ئايرىلىشقا باشلىغان ۋاقتى بولۇپ، بۇنداق ئادەملەرنىڭ كەسىپ جەﻫەتتە ئىلگىرىلىيەلىشى تولىمۇ قىيىن.

 ئىككىنچى، ئۆگەنمەيدىغانلار
    ﻫەممە نەرسە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىۋاتىدۇ. بىر ئىزدا توختاپ قالغانلىقنىڭ ئۆزى كەينىگە چېكىنگەنلىكتۇر. بىلىم ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە يېڭىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مەكتەپتە ئۆگەنگەن ياكى ﻫازىرغا قەدەر ئۆگىنىپ بولغان بىلىمگىلا تايىنىۋېلىش يېتەرلىك ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ﻫەر بىر خىزمەتچى توختاۋسىز ئۆگىنىشى ۋە تىرىشىشى، ئۆزىنىڭ بىلىمىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرۇشى لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندىلا رىقابەتتە پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئۈچىنچى، زىيادە زىغىرلايدىغانلار
    كەسىپ ساﻫەسىدىكى ئادەملەر ‹‹ئېلىپ بە›› نى بىلىشى لازىم. بېرىشنى بىلگەنلەر ئالالايدۇ، بەرگىنى قانچە كۆپ بولسا، ئالىدىغىنىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، ئاز بەرگەنلەرنىڭ ئالىدىغىنىمۇ ئاز بولىدۇ. زىيادە زىغىرلايدىغان ئادەملەر كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆرۈپ، كەلگۈسىدىكى پۇرسەت ۋە تەرەققىياتقا سەل قارايدۇ. سىز بىلەن ئالاقە قىلىدىغان ئادەملەر سىزنىڭ ئېلىشنىلا بىلىپ بېرىشنى بىلمەيدىغان پىخسىق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلسە، ئۇلارنىڭ سىزگە نەپ بېرىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق كېتىۋەرسىڭىز، تەدرىجىي ﻫالدا ئۆزىڭىز تۇرۇۋاتقان كەسپىي ئالاقە چەمبىرىكىنىڭ سىرتىغا چىقىپ قالىسىز. مۇناسىۋەتكە ئېغىر دەرىجىدە تايىنىدىغان جۇڭگودا زىيادە زىغىرلايدىغان ئادەمنى رەﻫبىرىنىڭ ياخشى كۆرۈشى، شۇنداقلا بۇنداق ئادەمنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىمۇ قىيىن.

تۆتىنچى، ﻫىيلە – نەيرىڭى كۆپلەر
    كەسىپ ساﻫەسىدە ﻫەر بىر قەدەمنى ئېﻬتىيات بىلەن ئېلىش زۆرۈر. ئەمما بۇ ﻫەرگىزمۇ ﻫىيلە – نەيرەڭ بىلەن باشقىلارغا تاقابىل تۇرۇش كېرەك، دېگەنلىك ئەمەس. ئۆزىنىڭ ﻫەر بىر سۆز – ﻫەرىكىتىگە دىققەت قىلىش، ئوچۇق – يورۇق بولۇش، ئىشلارنى زىيادە مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتمەسلىك، ﻫىيلە – نەيرەڭنى كۆپ ئىشقا سالماسلىق كېرەك. بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم، باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلسىڭىز، باشقىلاردىن شۇنداق مۇئامىلىگە ئېرىشىسىز، مەلۇم نەرسىگە قانداق ئۇسۇلدا ئېرىشكەن بولسىڭىز، يەنە شۇنداق ئۇسۇلدا بۇ نەرسىدىن ئايرىلىپ قالىسىز.
بەشىنچى، خۇشامەتچى ۋە تەخسىكەشلەر
    خۇشامەت قىلىشنى مۇتلەق يامان ئىش دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ، كەسىپ ساﻫەسىدىكى ﻫەر قانداق بىر ئادەمدە ئازدۇر – كۆپتۇر خۇشامەتچىلىك خاراكتېرى بولىدۇ، پەقەت دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. خۇشامەتچىلىك چەكتىن ئېشىپ كەتسە، باشقىلارنىڭ بىزارلىقىنى قوزغاپ، ئادەمنى باشقىلارنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈرۈۋېتىدۇ. ئەمىلىڭىز ۋە مائاشىڭىزنىڭ ئۆسۈشىدە ناتوغرا ئۇسۇللارغا ئەمەس، خىزمەت ئىقتىدارىڭىزغا تايىنىشىڭىز لازىم.

 ئالتىنچى، ﻫېسسىياتى كەمچىللەر
    كەسىپ ساﻫەسىدىكى ﻫەر بىر ئادەم ئېغىر خىرىسقا ئۇچراپ تۇرىدۇ، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقى، كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ مۇرەككەپلىكى، خەۋپسىرەش تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ئادەمنى تولىمۇ قىينايدۇ. شاللىنىپ قېلىشنى خالىمايدىغان ﻫەر بىر ئادەم چوقۇم ئۇرغۇپ تۇرغان قايناق ﻫېسسىياتى بىلەن خىرىسنى كۈتۈۋېلىشى لازىم. بۇنداق قايناق ﻫېسسىيات قىسقا مۇددەت يوقاپ كەتسە مەيلى، ئەمما ئەتىگىنى چوقۇم قايناق ﻫېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرغان ﻫالەتتە ئورنىدىن تۇرۇش كېرەك، چۈنكى ﻫايات يەنىلا داۋاملىشىدۇ. خوجايىننىڭ نەزەرىدە چۈشكۈن، روﻫسىز ﻫالەتتىكى خىزمەتچىلەر پۈتۈن كوللېكتىپقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، خىزمەت ﻫەر قانچە جاپالىق بولسىمۇ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەش كېرەك، بۇنداق بولغاندا خىزمەتنى ئەركىن – ئازادە ئىشلىگىلى، شۇنداقلا خوجايىننىمۇ رازى قىلغىلى بولىدۇ.