guide
ئۆمۈرلۈك پۇشايمان
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
896 قىتىم
 
ئابلەت ئەخمەت
    ئىككى، ئۈچ دوستۇم بار، ﻫەپتە ئاخىرلىرى ئائىلە بويىچە بىر-بىرىمىزنى ئۆيگە چاقىرىشىپ گۇڭۇر-مۇڭۇر بولۇشىمىز. ئۆتكەن شەنبە كۈنى كەچتە دوستىمىز ياسىننىڭ ئۆيىگە يىغىلدۇق، ياسىن سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىكەن، قايتىپ كىرگۈچە ئايالى گۈلشەن خۇددى مۇﻫىم بىر ئىشنى ئۆتۈنگەندەك، ئايالىم ئىككىمىزگە مۇنداق دېدى:
    ـــ مۇشۇ مېﻬمانخانا ئۆيىمىزگە كىرىسلو قويغۇم بار ئىدى، ئىقتىسادىمىزمۇ يار بېرەتتى، لېكىن، ياسىن قەتئىي ئۇنىمايۋاتىدۇ، ياسىن سىلەرنى بەك چوڭ بىلىدۇ، سىلەر دېگەن بولساڭلار، قۇربان ﻫېيتقىچە كىرىسلو قويۇۋالغان بولساق......
    ئايالىم ئىككىمىز قوشۇلدۇق ۋە ياسىن قايتىپ كىرگەندىن كېيىن، پاراڭ ئارىلىقىدا ياسىنلارنىڭ يېڭى ئۆينى ئوبدانلا بېزىۋالغانلىقىنى، لېكىن، مېﻬمانخانىغا كىرىسلو قويغان بولسا تېخىمۇ يارىشىدىغانلىقىنى بىر مۇنچە مىسال، پاكىتلار بىلەن قوشۇپ بىر ﻫازا سۆزلىدۇق، ياسىن ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى ياكى ئىپادە بىلدۈرمىدى.
    تاماقتىن كېيىن ئاياللار ئۆز پارىڭىغا چۈشتى، ياسىن ئىككىمىزمۇ ئايرىم ئۆيگە كىرىپ، سورۇن تۈزدۇق، رومكا ئىككى-ئۈچ ئايلانغاندىن كېيىن، ياسىن ئېغىر خىياللار ئىلكىدە بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى، ئۇنىڭ ئەزەلدىن بەزى پىيەنچۈكلەرگە ئوخشاش ﻫاراق ئىچىۋالسا يىغلاپ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان خۇيى يوق ئىدى. ﻫەيران قالغىنىمدىن نېمە دەپ تەسەللىي بېرىشنىمۇ بىلمىدىم، بىر ئازدىن كېيىن بۇ سىرنى ئۇ ئۆزى يەشتى:
    ـــ دادام ئۆلۈپ كەتكەندە ﻫەدەم، سىڭلىم ئۈچىمىز كىچىكتۇق، ﻫەدەم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان، مەن مەكتەپكە كىرمىگەن، سىڭلىم تېخى بۆشۈكتىن چۈشمىگەن ئىدى، ـــ دەپ سۆز باشلىدى ياسىن، ـــ ئاناممۇ ئەمدىلا 30 ياشتىن ﻫالقىغان چېچەك چوكان ئىكەن. ئەقلىمگە كەلسەم بوۋام، چوڭ ئاناملار (ئانامنىڭ ئاتا-ئانىسى) تېخى ﻫايات بولۇپ، شۇ ئېغىر كۈنلەردە بىزنى قاتارغا قوشقۇچە بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ، ئانامنى قايتا ياتلىق قىلىشنىڭ غېمىدە يۈرەتتىكەن، لېكىن، ئانام بولسا قەتئىي قوشۇلمىغان ئىدى. بىزنى ئۆگەينىڭ ئالدىدا قويماسلىق قارارىغا كەلگەچكە ئۈچىلىمىزنى ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتتى، مەن بىرلا ئوغۇل بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئانامنىڭ تارتىۋاتقان جاپالىرىغا چىدىماي، باشلانغۇچ مەكتەپنى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىككى قېتىم مەكتەپتىن چېكىنىپ، كەتمەننى قولۇمغا ئېلىشنى ئۆتۈندۈم. لېكىن، ئانام قەتئىي قوشۇلمىدى، ئوقۇتقۇچىلىرىممۇ ئانامنىڭ پىكىرىنى قوللىدى، ئانام گەرچە ساۋاتسىز بولسىمۇ، كوپىراتسىيەنىڭ شۇ ئېغىر تاغارلىرىنى كۆتۈرۈپ، مەﻫەللىدىكى بولۇمسىز كىشىلەرنىڭ تاپا-تەنىلىرى ئىچىدە مۈرىسىمۇ، يۈرىكىمۇ قاتمۇ-قات يېغىر بولۇپ كەتكەندىمۇ چىدىدى. خىزمەتكە چىققىنىمىزدىن كېيىن، ﻫەدەم بىلەن سىڭلىم تۇرمۇش، نىكاﻫ مۇناسىۋىتى بىلەن سىرتتا بولۇپ قالدى، ئانام يەنىلا يېزىدىكى ئۆيىمىزدە ئولتۇرۇۋەردى، مەن مائاشىمدىن ئىقتىساد قىلىپ، ئىدارىنىڭ ياردىمىدە خىزمەتكە چىقىپ بەش يىل دېگەندە ناﻫىيە بازىرىدىن ئۆي سېتىۋالماقچى بولدۇم. مېنىڭ مەقسىتىم ئانامنى يېنىمغا ياندۇرۇپ كېلىپ، خىزمىتىنى قىلىۋېلىش ئىدى، لېكىن ئانام قوشۇلمىدى، مەن شۇ چاغدا ﻫۆكۈمەتنىڭ ئىككى ئېغىزلىق ئوپچە ئۆيىدە ئولتۇراتتىم، ئانام ﻫازىرچە ئولتۇرىدىغان ئۆي بولغاندىكىن، ئاۋال ئۆيلىنىۋېلىشمنى قەتئىي تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى، ﻫەتتا، پىكىرىگە قوشۇلمىسام، ئۆي سېتىۋالساممۇ، يېنىمدا تۇرمايدىغانلىقىنى، ئۆيلەنگەندىن كېيىن بىز بىلەن تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئامال يوق قوشۇلدۇم، لايىق تاللاشتا بەك چوڭ يەرگىمۇ ئېسىلمىدىم، ئانامنىڭ ئارزۇسى بويىچە تېزلىكتە ئۆيلەندىم، كېيىنكى يىلى ئىدارە ئائىلىلىك بىناسىنىڭ 5-قەۋىتىدىن ئۆي تەقسىم قىلىپ بېرىۋېدى، قەرز قىلىپ بولسىمۇ سېتىۋالدىم، ئىشلىرىم پۈتكەندەك ﻫېس قىلىپ، بىر شەنبە كۈنلۈكى ئايالىم بىلەن ئانامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئانامنى يېنىمغا ئەكىلىۋېلىش مەسلىﻬەتىنى قىلدۇق، لېكىن ئانام يېنىمدا بىرەر ﻫەپتە تۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى، يەنىلا ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. كۆڭلۈمدە ئانام مۇنداقلا كۆرۈپ باقماقچى، ئەگەر ئايالىم ئىككىمىز كۆڭلىنى تازا بىر ئۇتۇۋالساق، كۆنۈپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىدىم.
    ئايالىم بىلەن بۇ ئىش توغرىسىدا مەسلىﻬەتلەشكەندىمۇ، ئايالىم خۇددى كىنولاردىكى ئاقكۆڭۈل كېلىنلەردەك ئانامنى ئەكىلىۋېلىشقا مەندىن بەكرەك ئالدىرىغان ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ، ‹‹كېيىنچە پەرزەنتلىك بولساقمۇ، بالا باققۇچى ئىزدەپ ئاۋارە بولمايدىكەنمىز›› دېگەن گېپى مېنى باشقىچە ئويلاندۇرۇپمۇ قويغان ئىدى. ئەپسۇس، ئانام بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ 3- كۈنى يوقىلاڭ باﻫانىلەر بىلەن ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇشۇمنى ئۆتۈندى. ئايالىمدىن خاپا بولۇپ قالدىمىكىن دېسەم، ئايالىمنىڭمۇ ياخشى تەرىپىنى قىلىپ تۇرىدۇ، ئايالىممۇ خېلى تۇتۇپ قالماقچى بولدى، بىراق ئانام ئۆز گېپىدە تۇرۇۋالدى. ئۇنى-بۇنى دەپ يۈرۈپ، بىر ﻫەپتە بولغاندا ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدۇم، شۇنىڭدىن كېيىنكى ئون نەچچە يىلدا ئايالىم بىلەن يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئانامنى ﻫەر يىلى بىر، ئىككى قېتىم ئۆيۈمگە ئېلىپ كېلەلىدىم، لېكىن، ئانام ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تۇرغىلى ئۇنىمىدى، بەزىدە 5-قەۋەتتە بېشىم قايىدىكەن دېسە، بەزىدە ئۆيدىن ئەنسىرەپ قالدىم، دېدى. ئىشقىلىپ ئانامنى ئۆيدە تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئانام ياخشى كۆرىدىغان ‹‹ئانارخان››، ‹‹يول باشلىغۇچى››، ‹‹غېرىب-سەنەم›› دېگەندەك ئەينى يىللاردىكى كىنو پىلاستىنكىلىرىنى تېپىپ كېلىپ، قويۇپ بېرىشكە ئوخشاش نۇرغۇن ئاماللىرىممۇ كار قىلمىدى. ئانام ئۈچۈن بولسىمۇ دەپ، بۇلتۇر 1- قەۋەتتىن بۇ چوڭ ئۆينى سېتىۋالدىم، قېرىشقاندەك ئانام كېسەلگە بولۇپ قالدى، يېنىدا ئادەم بولمىغاندىكىن مېنىڭ ئۆيۈمدە تۇرمايمۇ ئامالى بولمىدى. ئايالىمدىن ﻫە رقانداق ئەﻫۋالدىمۇ ئانامغا چوقۇم ياخشى قاراشنى، كۆڭلىنى قەتئىي ئاغرىتماسلىقنى بىردىنبىر ئارزۇيۇم سۈپىتىدە ئۆتۈندۈم. ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى ئاپتاپلىققا ئانامنىڭ ئولتۇرۇشى ئۈچۈن كونا ئۆيىمىزدە ئىشلەتكەن بىر كىشىلىك كىرسلورىمىزدىن بىرنى يەر ئاستى ئۆيدىن ئېلىپ چىقىپ قويۇپ قويدۇم، لېكىن ئەتىسى ﻫېلىقى كىرسلو يەنە يەر ئاستى ئۆيدە تۇرىدۇ، سۈرۈشتۈرسەم، ئايالىم ئانامنىڭ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى، سىرتتا تۇرىۋەرسە كونىراپ كېتىدىغانلىقىنى، شۇڭا يەر ئاستى ئۆيگە ئەكىرىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى، ئاناممۇ دەرﻫال تەستىقلاپ، ئۆزىنىڭ كىرسلودا ئولتۇرۇشقا كۆنەلمەيدىغانلىقىنى دېدى. ‹‹بوپتۇ، ئىختىيارى››، دېدىم ئىچىمدە. ئانامنىڭ كېسىلى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. 80 ياشتىن ئاشقان ئانام يەنە مېنى ئاياپ، ﻫەر خىل سەۋەبلەر بىلەن دوختۇرخانىدا ناﻫايىتى ئاز ياتتى، بالنىستقا ئالدۇرۇپ ئىككى كۈن ئۆتمەيلا ‹‹ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كېتىڭ›› دەپ تۇرۇۋالاتتى، ياق دەي دېسەم ئۆيۈمدىن قىزغانغاندەك بولارمىكىن دەپ، بالنىسىتتىن ياندۇرۇپ چىقاتتىم، ئۆز ﻫاجىتىدىن چىقالمىغۇدەك ئەﻫۋالدا بىر ئايدىن ئارتۇقراق يېتىپ قالدى، ئايالىممۇ ياخشى قارىغاندەك قىلدى، ﻫەدەم، سىڭلىممۇ ﻫەپتە، ئون كۈندە كېلىپ، بىر-ئىككى كۈن تۇرۇپ، كېتىپ قالاتتى. مەن بولۇپمۇ كېيىنكى كۈنلەردە ئانامنىڭ يېنىدىلا ياتتىم، لېكىن، ئادەتمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنمۇ ئانامنىڭ بەدەنلىرىنى كۆرۈپ باقماپتىمەن، رامزاننىڭ 20-كۈنى تاڭ سەﻫەردە 40 يىلدىن بۇيان ئوتۇمدا كۆيگەن، سۈيۈمدە ئاققان، ماڭا ئۆيدە ئانىلىق، سىرتتا دادىلىق مېﻬرىنى يەتكۈزۈپ، بوينۇمنى قىسىلدۇرماي چوڭ قىلغان ئانام نەپەستىن قالدى. سەﻫەرنىڭ جىمجىتلىقى بۇزۇلدى، ‹‹ئانا!!!›› دېگەن بوغۇق ئاۋازىم بىلەن بالىلىرىمغا، ئايالىمغا ئانامنىڭ جان ئۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردۇم، ئۆيىمىزدە ﻫازا ئېچىلدى، ئانامنى قۇچاقلىمىسام، قۇچىقىمغا ئالمىسام بوپتىكەن، ئانامنى كۆتۈرۈپ قۇچىقىمغا ئېلىشىم بىلەن ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قالدىم: ئانامنىڭ دۈمبىسدىن شىلىمشىق بىر نەرسىنى سەزدىم، ئۆرۈپ قارىسام، ياتاق يارىسى بولۇپ، شەلۋەرەپ قارىغۇسىز بولۇپ كېتىپتۇ، نەچچە كۈن بۇرۇن ئايالىمغا ئانامنىڭ كىيىملىرىنى يۆتكەپ قويۇشنى، يوتقان-كۆرپىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى ئېيتقىنىمدا، ئايالىمنىڭ تېخى نەچچە كۈن بۇرۇن ئالماشتۇرۇپ قويغانلىقىنى، يېڭى يوتقان-كۆرپىنىڭ تېزلا چوڭ-كىچىك تەرەت بىلەن بۇلغىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقىنى ئېسىمگە كەلدى.......
    بىز توي قىلغاندا ئانام يېڭىدىن ئون يۈرۈش يوتقان-كۆرپە تەييارلىغان ئىكەن، ئايالىم قەۋەت خۇشال بولغان ئىدى ۋە ﻫازىرغىچە ئۇ يوتقان-كۆرپىلەرنى مېﻬمان كەلگەندە ئىشلىتىشكىمۇ كۆزى قىيماي ئەتىۋارلاپ كېلىۋاتاتتى. پەقەن ئەتىياز ۋە كۈزدە بىرەر قېتىمدىن ئاپتاپقا سالغاندا ﻫوزۇرلىناتتى. ئويلاپ باقسام، ئانامنىڭ خىزمىتىنى قىلىمەن دەپ، چوڭ شەﻫەردىكى ياخشى خىزمەت ئورنى، يۇقىرى ئىمتىيازلاردىن ۋاز كېچىپ، بۇ ناﻫىيەگە كېلىپ خىزمەتكە چىقتىم، ئانامنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋالدىم، دېگەن بىلەن بىر دانە كونا كىرسلو بىلەن ئانام ئۆزى بەرگەن بىر يۈرۈش يوتقان كۆرپىنى بولسىمۇ ئايالىمدىن قورقماي ئېلىپ چىقىپ ئانامنىڭ ئاستىغا قويۇپ بېرەلمەپتىمەن. يوتقان كۆرپىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ گېپى بولسىلا ئاناممۇ شۇنداق يۇمشاق يېتىۋاتقانلىقىنى، ئالماشتۇرمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالاتتى، كىرسلودا ئولتۇرۇشقا كۆنەلمەيدىكەنمەن دېسە، مەن قاپاقباش كىرسلودا ئولتۇرۇشنى ﻫەممە ئادەم ياقتۇرىدىغانلىقىنى نېمىشقا ئويلىمىغاندىمەن. مانا ﻫازىر ئانام يوق، دۈمبە، كاسسىلىرىدىكى جاراﻫەتنى ئايالىم كۆرمىدى، ﻫەدەم بىلەن سىڭلىممۇ ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز، مەن شۇنى بىلگىنىم ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قالدىم، ئەسلىدە، ئانام مېنى سەكراتتىمۇ ئاياپ، ئايالىمنىڭ ئالدىدا تىلى قىسىلمىسۇن، مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتمىسۇن دەپ، شۇنچىلىك ئازابقا چىداپتۇ ئەمەسمۇ. ئانامغا قويۇپ بېرىشكە چىدىمىغان سەككىز سافانى ئايالىمنىڭ مەسلىﻬەتى بىلەن يېقىندا ئايالىمنىڭ يېڭىدىن ئۆي تۇتقان سىڭلىسىغا بېرىۋەتتۇق.
    بۇ ئۆينى سېتىۋالغاندىن كېيىن بىر-ئىككى يىل كىرسلو قويماي گىلەم سېلىپ تۇرۇپ، كېيىنچە كىرسلو قويۇشنى مەسلىﻬەتلەشكەن ئىدۇق. ﻫازىر ئىككى يىلدىن ئاشتى، لېكىن ئانام قازا قىلغاندىن كېيىن ئايالىم كىرسلو ئېلىشنىڭ گېپىنى قىلسىلا ئانام يادىمغا يېتىدۇ، ئايالىم بۇنىڭدىن خەۋەرسىز، ئايالىمنىڭ ئاتا- ئانىسىمۇ بىزنى كىرسلو قويۇشقا ئۈندەۋاتىدۇ، كىرسلومۇ قويارمىز، ئايالىمنىڭ ئاتا-ئانىسى كېلىپ كىرسلودا لۆممىدە ئولتۇرسا، مېنىڭ ئۆپكەم ئۆرۈلىدۇ، مەن ئايالىمنى ياخشى كۆرىمەن، مۇناسىۋىتىمىزمۇ ياخشى (ئىلاﻫىم بالىلارنى يېتىم قىلماي مەڭگۈ ياخشى ئۆتۈپ كېتەرمىز)، ئايالىمنى يامان دېمىدىم، ئايالىمنىڭ يامانلىق قىلغىنىنى بىلمەيمەن، لېكىن، ئىچىمدە شۇنداق بىر ئازابلىق پۇشايمان سايە تاشلاپ تۇرىدۇ، سەن بولساڭمۇ مېنى كىرسلو ئېلىشقا زورلىمىغان بولساڭ.
    ياسىن شۇنلارنى دەپ ﻫېكايىسىنى تۈگەتتى. ياسىن ئادەتتە كۆپ گەپ قىلمىغان بىلەن، ئىچىنىڭ دېڭىزدەك دولقۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ﻫېس قىلدىم، دەرۋەقە، بۇنداق ئەﻫۋال دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشىمىسىمۇ، نۇرغۇن ئائىلىلەردىكى ئومۇملۇق بولسا كېرەك. بىز ئەرلەرنى كىچىك بالىغا ئوخشىتىدىكەن جەمئىيەتشۇناسلار. ئەمەلىيەتتىمۇ بىز نۇرغۇن گەپلەرنى ئىچىمىزگە پاتۇرۇپ يۈرىمىز، ئايالىمىزنى ﻫەر ۋاقىت ماختاپ تۇرمىساقمۇ، ئايالىمىزنىڭ بالىلارنى بېقىش، تەربىيەلەش، بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى قىلىش ئۈچۈن تارتىۋاتقان جاپالىرىنى ﻫېس قىلىپ تۇرىمىز، ئەلۋەتتە. نۇرغۇن ئەرلەر ئايالىمىزدىن چەكسىز مىننەتدار. ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرمىسەكمۇ ئايالىمىزنىڭ ﻫەر بىر ﻫەرىكىتى، گەپ-سۆزى روﻫىيىتىمىزگە تەسىر قىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، مۇشۇ پۇرسەتتە، بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىۋاتقان ئاشۇ پەرىشتە سۈپەت ئاياللىرىمىزنىڭ ئەرنى ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى، ئۆزىنىڭ باشپاناﻫى بىلىپ، تولۇق ئىشەنچ بىلەن بارلىقىنى ئەرلىرىگە تاپشۇرۇپ، بەختلىك ئائىلە، گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.