guide
ئەنگلىيەدە مەكتەپ پۇتبولچىلىقىغا ئالاﻫىدە ئەﻫمىيەت بېرىلىدۇ
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
753 قىتىم
       
       
    ئەنگلىيە پۇتبول باش جەمئىيىتى 7991 - يىلىدىن باشلاپ مەكتەپ ۋە مەﻫەللىلەر ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇتبول مەشىقى قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق پۇتبول تېپىدىغانلارنى كۆپەيتتى ﻫەم مەكتەپتە ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان كىچىك كۆلەمدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەشىق شارائىتىنى ياخشىلايدىغان ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ تەنﻬەرىكەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئالاﻫىدە رۇخسەت قىلىش بەلگە پىلانىنى يولغا قويدى.
    يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ئالاﻫىدە رۇخسەت قىلىش ئۆلچىمى پىلانى ئارقىلىق ئەنگلىيە ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول مايسىلىرىنى يېتىشتۈرۈش پائالىيىتىنىڭ بوشلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭىيىپ، مەكتەپتىن مەﻫەللىلەرگىچە ئوڭۇشلۇق كېڭەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياشلار، ئۆسمۈرلەر توپىدا ئالاﻫىدە رۇخسەت قىلىش مەكتىپى −− ئالاﻫىدە رۇخسەت قىلىش كۇلۇبى −− مەﻫەللە پۇتبول كۇلۇبى −− كەسپىي پۇتبول كۇلۇبىنى لىنىيە قىلغان تەرەققىيات يولى ۋە رامكىسى ئورنىتىلىپ، چىملىق پۇتبولى بىلەن كەسپىي پۇتبولچىلىق تېخىمۇ چوڭ دائىرىدە جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، ئەنگلىيە مەكتەپلىرى ۋە مەﻫەللە پۇتبولچىلىقى مالىيە، ماددىي كۈچ، ئادەم كۈچى جەﻫەتتە ئۆلچەملىشىشكە ۋە سىستېمىلىشىشقا يۈزلەندۈرۈلۈپ، ئەنگلىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ياخشى ئاساس سالدى.
    شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەنگلىيە مەكتەپ پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى مەبلەغ جەﻫەتتىمۇ ﻫۆكۈمەت، پىدائىيلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانىلار ﻫەم شەخسلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشىغا ئېرىشتى. ئەنگلىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى 3102 - يىلى 9 - ئايدا يېڭىدىن تۈزگەن تەنتەربىيە دەرسلىكىدە پۇتبول ۋە خوككېي توپى قاتارلىق رىقابەت خاراكتېرلىك تەنتەربىيە تۈرلىرىنى باشلانغۇچنىڭ 3 - يىللىقىدىن 6 - يىللىقىغىچە نۇقتىلىق ئۆتۈلىدىغان دەرسلىك قاتارىغا كىرگۈزدى. بۇ، ئالاﻫىدە رۇخسەت قىلىش ئۆلچىمى پىلانىنىڭ مەكتەپ دائىرىسىدە ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.
    ﻫازىر ئەنگلىيەدىكى 23 مىڭ مەكتەپ )باشلانغۇچ 71 مىڭ( پۇتبول تەنﻬەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تىرېنېر 03 مىڭدىن، ئوغۇل ئوقۇغۇچى 004 مىڭدىن، قىز ئوقۇغۇچى 56 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. 1102 - يىلىغىچە ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ كىچىك كۆلەمدىكى پۇتبول كوماندىلىرى 52 مىڭ 239گە يەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا، ياشلار، ئۆسمۈرلەر قىز، ئوغۇل پۇتبول كوماندىلىرى ئايرىم - ئايرىم 63 مىڭ 047 ۋە 3615كە يەتتى، بەش ياشتىن 11 ياشقىچە بولغان 2 مىليون 005 مىڭ بالا تېخنىكا تەربىيەسىنى قوبۇل قىلدى، پۈتكۈل ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبولچىلىقنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئومۇمەن ياخشى بولدى. 3102 - يىلى ئەنگلىيەدە ﻫەرقايسى ياشتىكى پۇتبول تېپىدىغانلار 7 مىليونغا يەتتى ﻫەم 004 مىڭ پۇتبول پىدائىيسى، 003 مىڭ تىرېنېر ۋە 72 مىڭ رېپېر بارلىققا كەلدى.
    لى شياۋپېڭ