كانادالىق بىر ئەر مۈشۈكلەرئۈچۈن دۇبۇلغا ۋە ساۋۇت لايىﻬەلىدى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-10
- كۆرۈلۈشى:
- 809 قىتىم
لايىﻬەلىگۈچى جېف مۈشۈكلەرگە دۇبۇلغا ۋە ساۋۇت لايىﻬەلەشنىڭ ئىنتايىن ئۆزگىچە بولىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ دۇبۇلغا ۋە ساۋۇتقا بولغان كەسپىي بىلىملىرى، شۇنداقلا ئۈنچە-مەرۋايىتقا بولغان ئالاﻫىدە چۈشەنچىسىگە تايىنىپ گۈزەل دۇبۇلغا ۋە ساۋۇتلارنى لايىﻬەلەپ چىققان. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرىنىڭ بازار باﻫاسى ئىنتايىن قىممەت بولۇپ، بىر يۈرۈشىنىڭ باﻫاسى تەخمىنەن 2 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن 15 مىليون 500 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) ئەتراپىدا ئىكەن. گەرچە بۇ دۇبۇلغا ۋە ساۋۇتلار مۈشۈكلەر ئۈچۈن مەخسۇس لايىﻬەلەنگەن بولسىمۇ ئەمما جېف كىشلەرنىڭ بۇ دۇبۇلغا ۋە ساۋۇتلارنى ئەرمەك ﻫايۋانلىرىغا كىيدۇرمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئىيتىشىچە، بۇ كىيىملەرنى كىيىش ﻫايۋانلار ئۈچۈن بەكمۇ خەتەرلىك بولۇپ، ئۇلارنى زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن ئىكەن.