ئاۋستىرالىيەدە 1.5 كىلوگىراملىق غايەت زور ﻫامبۇرگ بولكىسى بازارغا سېلىندى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-10
- كۆرۈلۈشى:
- 648 قىتىم
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ﻫامبۇرگ بولكىسى دۇكىنى بىر تۈرلۈك ئاشقازان پادىشاﻫى مۇسابىقىسى ئويۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ماﻫىرلار پەقەت 50 ئاۋستىرالىيە دوللىرى تىزىملىتىش ﻫەققى تاپشۇرسىلا بولىدىكەن، بىراق ماﻫىرلار چوقۇم 15 مىنۇت ئىچىدە 1.5 كىلوگىرام كېلىدىغان پۈتۈن بىر ﻫامبۇرگ بولكىسىنى يەپ بولۇشى كېرەك ئىكەن.
نۆۋەتتە، پەقەت ئالتە ماﻫىر بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ ، ئەپسۇس ﻫېچكىم ئۇتالمىغان . ئاشپەز ياردەمچىسىنىڭ ئاشكارلىشىچە ، بۇرۇن بىر ماﻫىر بۇ مۇسابىقىدە ئۇتۇۋېلىشقا ئاز قالغان ، ئۇ گەرچە بىر پۈتۈن ﻫامبۇرگ بولكىسىنى يەۋەتكەن بولسىمۇ، بىراق بەلگىلەنگەن 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتكەن .