ﻫەمجىنىس سەۋەبىدىن پىراۋىسى تارتىۋېلىنغان ئەر
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-10
- كۆرۈلۈشى:
- 1054 قىتىم
ئامېرىكا ‹‹ نيۇيورك كۈندىلىك خەۋىرى ›› نىڭ 24-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيەلىك بىر ئەر 15 يىل بۇرۇن ﻫەربىيلىكتە تۇرغاندا، ﻫەمجىنىس سالاﻫىتى ئاشكارلىنىپ، پىراۋىسى تارتىۋېلىنغان.
بۇ يىل 34 ياشقا كىرگەن دانىلونىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ﻫەربىيلىكتە تۇرغىنىدا سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە ﻫەربىي دوختۇرغا ئۆزىنىڭ ﻫەمجىنىس سالاﻫىيىتىنى ئاشكارلىغان. نەچچە ئايدىن كېيىن ﻫەربىي دوختۇر ‹‹ ﻫەمجىنىسلار ئاپتوموبىل ﻫەيدەشكە مۇناسىپ كەلمەيدۇ ›› دېگەن باﻫانە بىلەن ئۇنىڭ پىراۋىسىنى تارتىۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى 15 يىلدا دانىلو ئىتالىيە دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىقى ۋە قاتناش مىنىستىرلىقىنى سوتقا ئەرز قىلىپ، بۇ يىل 23 -يانۋار دەۋادا ئۇتۇپ، پىراۋىسىنى قايتۇرۇۋالغان ﻫەمدە 150 مىڭ دوللار ( تەخمىنەن 930 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) تۆلەمگە ئېرىشكەن.
دانىلونىڭ ئېيتىشىچە، بۇ غەلبە يالغۇز ئۆزىنىڭلا غەلبىسى بولماستىن بەلكى بارلىق ﻫەمجىنىسلارنىڭ غەلبىسى ئىكەن.