ياپونىيەلىك ساقچى جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇش جەريانىدا چېقىلغان سائىتىنى تۆلەتمەكچى بولدى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-10
- كۆرۈلۈشى:
- 875 قىتىم
ياپونىيە ئاخبارات تورىنىڭ 27-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەلىك بىر ساقچى جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇش جەريانىدا ‹‹ رولېكىس ›› ماركىلىق سائىتى چىقىلىپ كەتكەن ، شۇ سەۋەبتىن ساقچى بۇ جىنايەت گۇماندارنى سوتقا ئەرز سۇنۇپ، سائىتىنى ياسىتىش ئۈچۈن 5949 دوللار ( تەخمىنەن 37 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ) تۆلەم تەلەپ قىلغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۈر ساقچى بۇ ئەرنىڭ داۋاملىق تۈردە قىزلارغا لۈكچەكلىك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا دېلو تاپشۇرۇۋېلىپ، ئۇنى تۇتماقچى بولغاندا ئۇ ئاپتوموبىلدىن تاقلاپ قېچىپ كەتمەكچى بولغان، ساقچى ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتقان، شۇ جەرياندا ساقچىنىڭ سائىتى چېقىلىپ كەتكەن. شۇ سەۋەپتىن ساقچى سوتقا ئەرز سۇنۇپ جىنايەت گۇماندارىدىن سائەت ياسىتىش ﻫەققى تەلەپ قىلغان. قارشى تەرەپنىڭ ئادۇكاتى : ساقچىلار جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتقاندا قىممەت باﻫالىق سائەت تاقىماسلىقى كېرەك ، دەپ تۆلەم تۆلەشنى رەت قىلغان. بۇ ئىش ياپونىيە تورلىرىدا ئاشكارلانغاندىن كېيىن، تورداشلارمۇ ئادۇكاتقا ئاۋاز قوشقان.