guide
پارپا قىز 1.8 مېتىر كېلىدىغان سېرژانت بىلەن مۇﻫەببەتلەشتى
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
769 قىتىم
 
    ئەنگلىيە ‹‹ ئەينەك گېزىتى ›› نىڭ 24-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئەنگلىيەدىكى 26 ياشلىق پارپا قىز كەت بوي ئېگىزلىكى 1.8 مېتىر كېلىدىغان ئېيچ بىلەن مۇﻫەببەتلىشىپ، توي قىلىشقا پۈتۈشكەن، بۇ خەۋەر ئاشكارلانغاندىن كېيىن كىشلەر ئارىسىدا غۇل-غۇلا پەيدا بولغان.
    ئىگىلىنىشىچە، بوي ئېگىزلىكى 1.2 مېتىر كېلىدىغان كەت يالاڭ ئۇسسۇلچى بولۇپ، ﻫەپتىسىگە 140 فوندستېرلىڭ ( تەخمىنەن 13 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ) تاپاۋەت قىلىدىكەن. 1.8 مېتىر كېلىدىغان ئېيچ سېرژانت ئىكەن، بۇلارغا ئوخشاش مەيلى بوي تۇرىقى ياكى خىزمىتى تۈپتىن ماس كەلمەيدىغان ئىككىيلەننىڭ مۇﻫەببەتلىشىشى كىشىلەرنى تازا ﻫەيران قالدۇرغان.
    ئېيچنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كەتنىڭ سۈرىتىنى توردا تۈنجى كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالغان، ئىككىيلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن تېزدىنلا مۇﻫەببەت قاينىمىغا چۆككەن. گەرچە كەتنىڭ بوي ئېگىزلىكى بەزى بىر قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كەتكە بولغان مۇﻫەببىتىنى سۇسلاشتۇرالمىغان. كەت ﻫاياجانلانغان ﻫالدا: مەن كىچىكىمدىن نۇرغۇنلىغان كەمسىتىش ۋە مازاق قىلىشلارغا ئۇچرىغان، ئەمما ﻫازىر مەن ئۆزەمنى بەكمۇ بەختلىك ﻫېس قىلىمەن، دېگەن.