guide
دۇنيادىكى ئەڭ سوغۇق مېﻬمانخانا
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
583 قىتىم
    شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىدا مۇزدىن ياسالغان ‹‹ jukkasarvi  ›› ناملىق بىر مېﻬمانخانا بار، دۇنيادىكى ئەڭ سوغۇق مېﻬمانخانا دەپ ئاتالغان بۇ مېﻬمانخانىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن37 بولۇپ، ياتاق ئۆي ، كارىۋاتلار مۇزدىن ياسالغان. بۇ مېﻬمانخانا ﻫەر يىلى 12-ئايدىن 4-ئايغىچە 50 دىن ئارتۇق ساياﻫەتچىنى كۈتۈۋالىدىكەن . مېﻬمانخانىدا 55 ياتاق ئۆي،  مۇزدىن ياسالغان بىر قاۋاقخانا ۋە بىر چېركاۋ بولۇپ ، ﻫەر يىلى 80 جۈپ قىز - يىگىت بۇ يەردە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىكەن. بۇ مېﻬمانخانىنىڭ ئادەتتىكى ياتاق ئۆيلىرىنىڭ بىر كېچىلىكى 420 فوندستېرلىڭ بولۇپ، ﻫەشەمەتلىك ياتاق ئۆيلىرىنىڭ بىر كېچىلىكى 680 فوندستېرلىڭ ئىكەن .