guide
ئەنگلىيەلىك ئەر 12 مىنۇت ئىچىدە ‹‹تەڭداشسىز ناشتا›› نى يەپ تۈگىتىپ يېڭى رېكورد ياراتتى
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
793 قىتىم
 
    ئەنگلىيە ‹‹ئەينەك گېزىتى›› نىڭ 28-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى 28 ياشلىق ‹‹كەسپىي ئاشپاقا›› راندى سانتېل يېقىندا ‹‹چوڭ كۆلەمدىكى ئالۋاستى ناشتىغا جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى›› گە قاتنىشىپ، 12 مىنۇت ئىچىدە ‹‹تەڭداشسىز ناشتا›› نى يەپ تۈگىتىپ، يېڭى رېكورد ياراتقان.
    خەۋەر قىلىنىشىچە، راندى 12 مىنۇت ئىچىدە ئالتە سۈرلەنگەن گۆش، ئالتە قېزا، ئالتە تۇخۇم، ئالتە ياغدا پىشۇرۇلغان بەرەنگە نېنى، ئالتە بولكا ۋە ئالتە ﻫورناننى يەپ تۈگەتكەن، ئەنگلىيەلىك جونسى ياراتقان رېكوردتىن سەككىز مىنۇت بۇرۇن مۇسابىقىنى تاماملىغان. 300 دىن ئارتۇق تاماشىبىن نەق مەيداندا يېڭى رېكوردنىڭ بارلىققا كېلىشىگە شاﻫىد بولغان. راندى مۇسابىقىدىن كېيىن: ‹‹بۇ تائاملار بەكمۇ مەززىلىك ئىكەن، كىشىلەرمۇ بەك قىزغىن بولدى، يېڭى رېكورد ياراتقاندىكى ﻫېسسىيات بەك ياخشى بولىدىكەن›› دېدى.
    ئىگىلىنىشىچە، ‹‹چوڭ كۆلەمدىكى ئالۋاستى ناشتىغا جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى›› نى ئەنگلىيەدىكى بىر قەﻫۋەخانا ئەڭ ئاۋۋال باشلىغان.