guide
ئاۋسترالىيەلىك دېﻬقان يېتىشتۈرگەن 743 كىلوگىرام كېلىدىغان كاۋا رېكورت ياراتتى
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
794 قىتىم
  
  جۇڭگو ئاخبارات تورى 3- فېۋرال تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 1-فېۋرال ئاۋسترالىيەنىڭ يېڭى جەنۇبىي ۋالىس ئىشتاتىنىڭ شىمالىدا ئۆتكۈزۈلگەن كاۋا يېتىشتۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئولىف ئىسىملىك بىر دېﻬقان يېتىشتۈرگەن كاۋىنىڭ ئېغىرلىقى 743 كىلوگىرام كەلگەن بولۇپ، مۇسابىقىدە چېمپىيون بولغان ﻫەمدە ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئەڭ ئېغىر كاۋا رېكورتىنى بۇزغان.     خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئولىف يېتىشتۈرگەن 669 كىلوگىراملىق يەنە بىر كاۋا 2-لىككە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: بۇ يىل باﻫاردىكى ﻫاۋارايى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، بىز بۇ كاۋىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ناﻫايىتى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپچىلىك بۇ يىللىق ﻫۆل-يېغىن ۋە قۇرغاقچىلىق ئەﻫۋالىدىن بىخەۋەر، يىغىپ ئېيتقاندا بۇ يىل تازا كۆڭۈلدىكىدەك بىر يىل بولمىدى.
    ئولىف يەنە ئۆزىنىڭ ئىنتايىن تەلەيلىك ئىكەنلىكىنى، بىر يۈرۈش شامالدىن مۇداپىئەلىنىش تاكتىكىسى ۋە يېتەرلىك سۇ مەنبەسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە بۇ كاۋىنىڭ ﻫەقىقەتەن ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئەﻫۋالدا چېمپىيون بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: دەسلەپتە بۇ كاۋىنىڭ يېتىلىشى ئالدىنقى يىللاردىكى كاۋىلارنىڭكىدەك ئوڭۇشلۇق بولمىغانىدى، كاۋا سۇ ئىنتايىن يىتەرلىك بولغان شارائىتتا ئاندىن تېز چوڭىيالايدۇ، بۇ كاۋا ئويلىمىغان يەردىن پەقەت 80 كۈن ئەتراپىدىلا مۇشۇنداق چوڭ بولۇپ كەتتى.
    ئىگىلىنىشىچە، ﻫازىر دۇنيا جېننىس رېكورتىنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان ئەڭ ئېغىر كاۋا 1054 كىلوگرام كېلىدىغان بولۇپ، بۇ كاۋىنى شىۋېيتسارىيەلىك بىر دېﻬقان يېتىشتۈرگەن ئىكەن.