guide
ئايال بايۋەتچىلەر ئۈچۈن ئالاﻫىدە لايىﻬەلەنگەن پاراخوت
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
785 قىتىم
 
    ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 2-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، داڭلىق ماركا لايىﻬەلىگۈچى لىدىئا بېرسانى ئايال بايۋەتچىلەر ئۈچۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ ﻫەشەمەتلىك پاراخوت لايىﻬەلەپ بەرگەن، بۇ پاراخوت خىرىستال، ﻫېقىق، ﻫەرخىل گۈل ۋە نوركا قاتارلىق ئاياللار ياخشى كۆرىدىغان ئامىللار بىلەن زىننەتلەنگەن بولۇپ، كاتتا ئوردىغىلا ئوخشايدىكەن. ئالتۇن رەڭ بىلەن ئاق رەڭ ئارلاش ﻫەل بېرىلگەن بۇ‹‹ ساﻫىبجامال ›› پاراخوتنىڭ ئۇزۇنلىقى 80 مېتىر بولۇپ، ئالتە ﻫەشەمەتلىك ﻫۇجرىسى بار، باش ﻫۇجرىسىغا ﻫەدىدىن زىيادە چوڭ يۇمىلاق شەكىلدىكى كارىۋات قويۇلغان. لىدىئانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پاراخوت مېﻬمانلار ئۈچۈن ئازادە، يورۇق، ئېسل ۋە رومانتىك تۇيغۇ بېرىدىكەن.
    پاراخوتقا قەﻫۋەخانا، كومپيۇتېرخانا، تاماقخانا ، كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش رايونى تەسىس قىلىنغاندىن سىرت يەنە ئالاﻫىدە سۇ بىلەن داۋالىنىش رايونىمۇ تەسىس قىلىنغان. مېﻬمانلار بۇ يەردە ﻫورداق ۋە ئارشاڭغا چۈشىدىكەن. پاراخوتنىڭ ئۈستىدە يەنە تىك ئۇچار قونىدىغان مەيدانمۇ بار ئىكەن.