guide
ئەنگلىيەلىك قىزنىڭ ‹‹ قىز ›› دوستى
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
822 قىتىم
 
    ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 30-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدىكى 26 ياشلىق قىز خاننانىڭ ئوغۇل دوستى دەننىي جىنسىنى ئۆزگەرتىپ ئايال كىشىگە ئۆزگەرمەكچى بولغان. كىشىنى ﻫەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، خاننا ئۇنىڭ بۇ قارارىنى قوللىغان ﻫەمدە دەننىي ئايال كىشىگە ئۆزگىرىپ قالسىمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    ئىگىلىنىشىچە، خاننا بىلەن دەننىي 2010-يىلى توردا تونۇشۇپ، تېزدىنلا مۇﻫەببەت قاينىمىغا چۆمگەن. ئىككەيلەن مۇﻫەببەتلىشىۋاتقىنىدا، دەننىي ئۆزىنىڭ ئايال كىشىگە ئۆزگىرىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان، خاننا دەسلىپىدە بۇنى دەننىينىڭ ئايرىلىپ كېتىش ئۈچۈن تاپقان باناسى دەپ ئويلىغان بولسا، كېيىن ئۇنىڭ ﻫەقىقەتەن ئايال كىشى بولۇش ئىستىكىنىڭ بارلىقىنى ﻫېس قىلغان.
    دەننىينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ سەككىز ياش چاغلىرىدىلا ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ﻫېس قىلغان، گەرچە ئۇ ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئەرلەرگە خاس يۈرۈش-تۈرۈش قىلسىمۇ، ئەمما ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، قىزلارچە ياسىنىدىكەن. 
    كىشىنى ﻫەيران قالدۇردىغىنى شۇكى، دەننىي ئۆزىنىڭ ﻫەقىقىي ئويىنى خەنناغا ئېيتقاندىن كېيىن، خەننا ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كېتىش يوق يەنە تېخى ئۇنىڭغا تۈك چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ۋە ئاياللىق جىنسىي ﻫورمۇن ئۇكۇلى ئۇرۇشقا بېرىشىپ بەرگەن، بىللە بازار ئايلىنىپ، بىرگە گىرىم قىلغان. ئۇلارنىڭ مۇﻫەببىتى كۈندىن-كۈنگە چوڭقۇرلاشقان. ﻫازىر ئۇلار دەننىينىڭ كۆكرەك چوڭايتىش ئوپېراتسىيەسى ئۈچۈن پۇل توپلاۋاتىدۇ.