guide
كەپسىز بالىلارنى باپلايدىغان تاز چاچ پاسونى
يوللانغان ۋاقتى :
03-10
كۆرۈلۈشى:
657 قىتىم
 
    كەپسىز بالىلارنىڭ ‹‹ ئەدىپىنى ›› زادى قانداق بېرىش كېرەك ؟ ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 5-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكىدىكى 34 ياشلىق ساتىراش رۇسسېل كەپسىز بالىلارغا ئامالىسز قالغان ئات-ئانىلار ئۈچۈن ئالاﻫىدە بىر مۇلازىمەت تۈرىنى يولغا قويغان.
    ئىگىلىنىشىچە، رۇسسېل دەرستە ئارقىدا قالغان ئوغلىنى جازالاش ئۈچۈن ئۇنىڭ چېچىنى بوۋايلارنىڭكىدەك تاز پاسوندا ياساپ قويغان. خېجىلچىلىقتا قالغان ئوغلى تېزراق بۇ چاچتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، دەرسكە كۆڭۈل قويۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن رۇسسېل كەپسىز بالىلارنى ‹‹ باپلايدىغان ›› بۇ خىل مۇلازىمەتنى يولغا قويغان.
    يېقىندا رۇسسېل بىر ئانىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇنىڭ بالىسىنىڭ چېچىنىمۇ تاز پاسوندا كېسىپ قويغان. ئانىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ بۇ كەپسىز بالىسى ﻫازىر خېلىلا يۇۋاشلاپ قالغان ئىكەن. رۇسسېلنىڭ بۇ مۇلازىمىتى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئاز ساندىكىلەر بۇنى بالىلارغا قىلىنغان ‹‹ روﻫىي خورلاش ›› دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپۈنچە كىشىلەر بۇ خىل ئامالىنىڭ ﻫەقىقەتەن ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان.