جياڭشىلىق دېﻬقان قىزىل ياغاچتا ئۆز قولى بىلەن ئۈستى ئوچۇق ئاپتوموبىل ياسىدى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-10
- كۆرۈلۈشى:
- 664 قىتىم
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاپتوموبىلغا 100 نەچچە مىڭ يۈەن خىراجەت كەتكەن بولۇپ، لايىﻬەلىنىشى، نەقىشلىرىدىن تارتىپ قوراشتۇرۇشقىچە بولغان جەريانلارنى يۈ جيېتاۋ يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا تاماملاپ بولغان. ئاپتوموبىل ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 4 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر، كەڭلىكى 1.5 مېتىر كېلىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى سائىتىگە 30 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن، ئاپتوموبىل ئىككى ئورۇندۇقلۇق بولۇپ، ئۈستى ئوچۇق ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا ئاپتوموبىلنىڭ نەقىشى يارماقتىكى ‹‹ئالتۇن تومۇزغا›› نى ئاساس قىلغان ئىكەن. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ چاقى، موتورىدىن ئىبارەت مۇﻫىم قىسىملىرىدىن باشقا، ئومۇمىي قۇرۇلمىسى ۋە بېزىلىشى ئاكويلارىيە ياغىچى، ئەلا سۈپەتلىك قىزىل ياغاچ ۋە ئادەتتىكى قىزىل ياغاچتىن ياسالغان ئىكەن.
(جو جۇڭۋېي فوتوسى)