جۇڭگولىق مۇﻫاجىرلارنىڭ ئەۋلادى ليۇ مېيجى ‹‹ مارس ئانىسى ›› بولۇشى مۇمكىن
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-10
- كۆرۈلۈشى:
- 638 قىتىم
ئىگىلىنىشىچە، ‹‹ مارس 1-نومۇر ›› مۇستەملىكە پىلانى بويىچە، مارسقا 2018-يىلى ئادەمسىز پىكاپ ئەۋەتىلىدىكەن، 2024-يىلى تۆت نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى تۇنجى بولۇپ مارسقا ئەۋەتىلىپ، 2025-يىلىدىن باشلاپ مارس مەڭگۈلۈك مۇستەملىكە قۇرۇلۇشى دەسلەپكى قەدەمدە تاماملىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ﻫەر ئىككى يىلدا تۆت نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى مارسقا ئەۋەتىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا 40 ئادەمنى مارستا ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.
ليۇ مېيجى بۇ پىلانغا تاللانغان 600 نەپەر نامزاتنىڭ بىرى بولۇپ، كېلەركى ئايدا مارسقا چىققۇچى 40 نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى رەسىمىي بېكىتىلىدىكەن. مارستا ئولتۇراقلىشىپ، بالىلىق بولۇش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. ئەگەر ليۇ مېيجى بۇ پىلانغا ﻫەققىي تۈردە تاللانسا، كېيىكى ئون يىلدا داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، ئېلېكتىرون، دېﻬقانچىلىق ۋە تۇرۇبا ئادالاش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئۆگىنىدىكەن. مارسقا چىققاندىن كېيىن ئۆزى بىلەن بىرگە چىققان ئالەم ئۇچقۇچىسى بىلەن ئائىلە قۇرۇپ، ‹‹ مارس بوۋاق ›› لىق بولىدىكەن.