12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنﻬەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول تۈرىدە شىنجاڭ كوماندىسى 4-لىكنى قولغا كەلتۈ
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-11
- كۆرۈلۈشى:
- 1497 قىتىم

بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنﻬەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول تۈرى مۇسابىقىسىغا جەمئىي 6 ئالتۇن مېدال تەسىس قىلىنغان بولۇپ، چېمپىيون بولغان كوماندا ئۈچ ئالتۇن مېدالغا، ئىككىنچى بولغان كوماندا ئىككى ئالتۇن مېدالغا، ئۈچىنچى بولغان كوماندا بىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىدۇ.
بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان يېرىم ﻫەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن جېجياڭ كوماندىسى ئوخشاشلا 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە رەقىبى بىلەن تەڭلىشىپ، نۇقتا توپ جېڭىدە ئۇتتۇرۇپ قويغانىدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە گەرچە چېمپبيون بولۇشقا مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئۈچىنچىلىككە ئېرىشسە، مۇسابىقىنىڭ قائىدىسى بويىچە بىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشەتتى، شۇڭا ئىككىلا كوماندا بۇ قىممەتلىك مېدال ئۈچۈن قاتتىق كۈچىدى.
ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپلا ئىككى كوماندا ئۆز-ئارا شىددەتلىك ﻫۇجۇم قوزغىدى. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 6-نومۇرلۇق ماﻫىرى ئەسئەتجاننىڭ ئىپادىسى ئالاﻫىدە بولغان بولۇپ، قارشى تەرەپكە توختىماي تەﻫدىت ئېلىپ كەلدى. گەرچە ﻫەر ئىككىلا تەرەپ بىر-بىرىگە كۆپ قېتىم تەﻫدىت ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق توپ كىرگۈزەلمىدى، نەتىجىدە ئىككى كوماندا ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە 0 دە 0 بولۇپ تەڭلىشىپ قالدى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپلا، جېجياڭ كوماندىسى ئاكتىپلىق بىلەن ﻫۇجۇمغا ئۆتۈپ، كۆپ قېتىم ﻫۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ قالقاندەك مۇداپىئەسى ئاستىدا توپ كىرگۈزەلمىدى، بولۇپمۇ شىنجاڭ كوماندىسنىڭ ۋاراتارى ئېرجېتنىڭ ئىپادىسى ئالاﻫىدە بولدى.
مۇسابىقە داۋاملىشىپ 86 مېنۇت بولغاندا جېجياڭ كوماندىسى بۇلۇڭ توپ باشلاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بىر توپ كرگۈزۈپ بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، شىنجاڭ كوماندىسى ئارقىدىنلا بىر توپ كىرگۈزۈۋالغان بولسىمۇ بىراق ئوفسايت بولغانلىقى ئۈچۈن ﻫېساب قىلىنمىدى. نەتىجىدە شىنجاڭ كوماندىسى 1 دە 0 نەتىجە بىلەن جېجياڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنﻬەرىكەت مۇسابىقسىنىڭ پۇتبول تۈرى بويىچە 4- بولدى.
12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنﻬەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول تۈرىدە شىنجاڭ كوماندىسى 4-لىكنى قولغا كەلتۈ
ئاپتونوم رايونلۇق ياش – ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ﻫەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە تۇرپان كوماندىسى بىلە