guide
ACمىلان كوماندىسى ئۇتتۇرۇپ قويدى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
1524 قىتىم
بىيجىڭ ۋاقتى 8-ئاينىڭ25-كۈنى تاڭ سەﻫەر سائەت 00:00 ، 14-2013 يىللىق ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسى باشلاندى،AC مىلان كوماندىسى مىﻬمان كوماندا سۈپىتىدە يىڭىلا ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە چىققان ۋىرونا كوماندىسغا جەڭ ئىلان قىلدى.ئالدىنقى يېرىم مەيداندا پولى مىلان كوماندىسى ئۈچۈن تۇنجى توپنى كىرگۈزۈپ كوماندىنىڭ نومۇر پەرقىنى ئالدىغا ئۆتكۈزگەن،تونى كاللا توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرگەن؛كىيىنكى يېرىم مەيداندا تونى يەنە بىر كاللا توپ بىلەن نەتىجىنى ئالدىغا ئۆتكۈزگەن،ACمىلان كوماندىسى شۇنچىلىك تىرىشقان بولسىمۇ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈش پۇرسىتىگىمۇ ئىگە بولالماي رەقىبىنىڭ 3 نومۇرنى ئىلىپ قىلىشىغا قاراپ قالغان.شۇنداق قىلىپ AC مىلان كوماندىسى 2-1 نەتىجە بىلەن رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويغان.
سەپداشلىرى پولىنىڭ كىرگۈزگەن توپىنى تەبرىكلەشمەكتە

مىلان بىلەن ۋىرونا تارىختا جەمئىي 53 قىتىم تۇتۇشقان،مىلان كوماندىسى 23 ئۇتۇق 23 تەڭلىشىش 7 ئۇتتۇرۇق بىلەن ياخشى بولغان نەتىجىنى ساقلاپ كەلگەن؛ئىككى كوماندا ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە 46 قىتىم تۇتۇشقان بولۇپ،مىلان 22 ئۇتۇق 17 تەڭلىشىش 7 ئۇتتۇرۇق بىلەن يەنىلا ياخشى بولغان نەتىجىنى يەنىلا ساقلاپ قالغان؛تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى،ۋىرونانىڭ 7 مەيدان ئۇتۇقىنىڭ ﻫەممىسى ئۆزىنىڭ مەيدانىدا ئوينالغان مۇسابىقدىكى ئۇتۇقلىرى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە باروتىرى،شالاۋى ۋە نىئاڭ قاتارلىق ئۈچ ياش ماﻫىرنىڭ ﻫەممىسى ئاساسى ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان،بۇنىڭ ئىچىدە يىشى ئەڭ چوڭى باروتىرى بولۇپ 23 ياش،يىڭى ماﻫىر پولىمۇ ئاساسى ئەزا بولۇش پۇرسىتىگە نايىل بولغان ،ۋىروناغا كونا ماﻫىر تونى يىتەكچىلىك قىلغان بولۇپ،مىلان ياشلار كوماندىسىدىن چىققان ئاربىتو ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى كوماندىسىغا قارشى ئوينىغان.
تونى توپ كىرگۈزگىنى تەبرىكلىمەكتە

مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى باروتىرى

مۇسابىقىدىكى باروتىرى