guide
ئۇيغۇرلار پۇتبۇل تارىخى
يوللانغان ۋاقتى :
01-29
كۆرۈلۈشى:
1927 قىتىم
بىز ئەمگەكچان ،ئىشچان مىللەت ،بىز پۇتبول سۆيەر مىللەت .بىز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن "پۇتبول" ئاتالغۇسى يىڭىچە ئاتالغۇ بولغىنى بىلەن ،پۇتبول ئاتلىق بۇ تەنﻬەركەت تۈرى ﻫەرگىزمۇ يىڭىلىق ئەمەس ."تۈرۈك قامۇسى"نىڭ 19-توم،384-بىتىدىكى ماتېرياللارغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر "تەپۈك"دەپ ئاتىلىدىغان ،تۇلۇمچىلاپ سويۇلغان قوزىنىڭ ئىچىگە يەل كىرگۈزىلىپ ياسىلىدىغان بىر نەرسە(پۇتبول) نى تىپىش ئارقىلىق ئوينايدىغانلىقى،ﻫەرقايسى قەۋملەر ئۆزئارا قارمۇ-قارشى ئىلىپ بىرىدىغانلىقى ۋە ئويناش جەريانىدا توپنى قارىمۇ-قارشى قەلئەلەرگە كىرگۈزۈدىغانلىقى سۆزلەنگەن(بوۋىمىز مەﻫمۇد كاشىغەرىنىڭ "داۋانۇ لۇغەتىت تۈرك"تىمۇ پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللار بىرىلگەن) .بۇ تارىخى پاكىتلار بىزگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن پۇتبول ﻫەركىتى بىلەن شۇغۇنلۇنۇپ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بىرىدۇ .
   بەلكىم ﻫەممىڭلار ئېكساق ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنگىلىيە كونسۇلىنى ئىككىگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن يەڭگەنكى بىلىشىڭلار مۇمكىن ،ئۇنداق بولسا يۇرتىمىزغا پۇتبولنى كىم ئەككىرگەن؟ ئەمدى تۆۋەندىكى ﻫىكايىگە نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ:1870-يىللىرى ئەنگىلىيەنىڭ مانچېستىر شەﻫىرىدىكى باغچىلاردا ،مەيدانلاردا توپ تىپىشىپ يۈرگەن ئىشچىلار ئارىسىدا بىر ئۇيغۇر يىگىت بارئىدى .ئۇ ئىنتايىن بەستلىك ،چاققان بولغاچقا ﻫەممىنىڭ دىقىتىنى قوزغايتى .ئەنگىلىيىلىكلەر ئۇنىڭغا قىزىقىپ "سەن قەيەرلىك؟"دەپ سورىغاندا ئۇ"مەن ئۈستۈنئاتۇشلۇق ،ئۈستۈنئاتۇشنىڭ ئېكساق دىگەن يىرىدىن"دەپ جاۋاپ بىرەتتى .ئەنگىلىيەلىكلەر بولسا بۇيىگىتنىڭ يۇرتىنىڭ ئورنىنى خەرىتىدىن ئىزدەش بىلەن ئاۋارە ئىدى .لىكىن بۇكىچىككىنە جاينىڭ ئۇچاغلاردىكى خەرىتىلەردىن تىپىش مۇمكىنمۇ؟بۇيىگىت ئۈستۈنئاتۇشنىڭ ئېكساق دىگەن يىرىدە تۇغۇلغان ﻫاشىم بالىخان دىگەن يىتىم ئوغۇل ئىدى .بۇ ئوغۇل 17-18 يىشىدىلا يوقسۇزلۇق ۋە مۇساپىرلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان ،چىدامچان ،پىشقان يىگىت ئىدى .شۇۋاقىتلاردا ئۇ زەرىف باي دىگەن كىشىنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىپ خەلقئارا يۈك پاراخۇتىنىڭ ياردەمچى يۈك تىزىملىغۇچىسى بولدى ۋە ئەنگىلىيە نىڭ مانچېستىر شەﻫىرىدە بىريىل تۇرۇپ قالدى .كىيىن ئۇ تۈركىيەگە ،سىبىريەنىڭ بىرقىسىم جايلىرىغا ،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئالمۇتاغا ، رۇسىيەنىڭ شەمەي شەﻫىرىگە ،كىيىن قازانغا باردى .ئۇچاغلاردا قازان شەرق ۋە غەرب ئوتتۇرسىدىكى مۇﻫىم ئىقتىسادى تۈگۈن بولۇپلا قالماي ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان گۈللىنىۋاتقان ،غەرب دۇنياسى بىلەن شەرىق دۇنياسىنىڭ مەدەنىيىتى ئۆزئارا توقۇنىشىدىغان ۋە بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان شەﻫەر ئىدى .رىقابەت تۈسى قويۇق ،قىزقارلىق بۇتەنﻬەرىكەت تۈرى قازان شەﻫىرىدىكى مەكتەپلەرگە يىڭىدىن قوبۇل قىلىنىۋاتقان ئىدى .
   ﻫاشىم بالىخان قازاندىكى بۇ يىڭىلىقنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسچىسى ۋە قاتناشقۇچىسى بولدى .بۇيەردىكىلەرگە ئەنگىلىيە ئويناش قائىدىلىرىنى ئۈگەتتى ،ئۇزاققا بارمايلا ئۇ بۇيەردىكى داڭلىق توپچىلاردىن بوپقالدى .شۇ مەزگىللەردە ئۇ ئۆزى بىلەن بىر يۇرتلۇق ،قازانغا سودائىشى بىلەن كەلگەن،مەرىپەتپەرۋەر،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى داڭلىق باي –باﻫاۋۇدۇن ﻫاجى بىلەن كۆرۈشتى .ﻫاشىم بالىخان يۇرتقا قايتقۇسى بارلىقىنى ،يۇرتتىكى بالىلارغا پۇتبولنى ئۈگەتكۈسى بارلىقىنى باﻫاۋۇدۇن بايغا ئىيتقاندا باﻫاۋۇدۇنباي كۆزلىرىگە ياش ئالدى .باﻫاۋۇدۇن بايمۇ يۇرتىدىكى قاراڭغۇ مەدرىسلەرنى ئىسلاﻫ قىلىش ،يىڭىچە مەكتەپلەرنى قۇرۇش ،تەنتەربىيەسىنى يولغا قويۇش قاتارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىنى سۆزلىدى .....ﻫاشىم بالىخان يۇرتقا قايتماقچى بولدى ،باﻫاۋۇدۇنباي ئۇنى يۇرتقا قايتىدىغان كارۋانلار بىلەن بولغا سالىدىغان چاغدا ئۇنىڭغا ئۈچ توپ ۋە بىر ناسوس يوللۇق تۇتتى .ﻫاشىم بالىخان يۇرتقا قايتتى ،ئۈچ توپمۇ ساق سالامەت ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلدى .تەۋەككۇلچىلىق روﻫىغا باي ئېكساق دىﻬقانلىرى پۇتبولنى ياقتۇرۇپ قىلىشتى .
   1880-يىلى ئېكساقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلدى !ئۇلار دەسلەپتە تۆت ئادەم بىر گورۇپا بولۇپ ئوينايتى .ﻫاشىم بالىخان ،تاياخۇن ،نامانكام ،خەلەمكام ،نەسپاخۇن ،نۇدۇككام ،نەبىكام قاتارلىقلار ئېكساق پۇتبول چىلىقىنىڭ جۈملىدىن ﻫازىرقى ئۇيغۇر پۇتبول چىلىقىنىڭ تۇنجى قۇرلىرىنى يازدى .ئۇلار مۇشۇنداق ئىشچان ،تىرىشچان ئىدى .
   تىرىشچانلىقى سەۋەبلىك كىچىكىدىن پۇتبول ئويناپ چوڭ بولغان ئەنگىلىيە كونسۇللىرىنى ئىككىگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن قىرغىن قىلدى .
   يەنە بىرقىتىم شىۋىتسىيەنى يەتتىگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن يەرگە يەكسان قىلىۋەتتى .
   19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرى ئاكا-ئۇكا مۇسۇبايىفلار "ﻫۆسەيىنىيە"مەكتىپىنى قۇردى ۋە تۇنجى بولۇپ تەنتەربىيە دەرسىنى يولغا قويدى.
   20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دىيارىمىزنى قارابۇلۇت قاپلىۋالدى ،جۇدۇن قاپلىدى .شىنجاڭدا ئۈچ قىتىم ﻫاكىمىيەت ئالماشتى .
   1937-يىلى جاللات شىڭشىسەي شىنجاڭدا نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈدى ،"ﻫۆسەيىنىيە"نىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلىرى كەينى-كەينىدىن تۇتۇلدى ،قىرىپ-چىپىلدى .ئەمما "ﻫۈسەيىنىيە"توختاپ قالمىدى ،ئېكساقلىقلارنىڭ پۇتبولغا بولغان ئىشتىياقى ئۆچمىدى .
   1954-يىلى ئېكساقتا تۇنجى پۇتبول جەمئىيىتى قۇرۇلدى .

    مەيلى پۇتبولدا بولسۇن ،مەيلى ئەنئەنە مەدەنىيەتلەردە بولسۇن ۋە مەيلىباشقا جەﻫەتتى بولسۇن بىز ئۇيغۇر ياشلىرى ،ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئەجداتلار باسقان ئىزلارنى بويلاپ ماڭىمىز .ئەجداتلىرىمىز پۇتبولنى قانداق تەپكەن بولسا بىزمۇ شۇنداق تىپىمىز .ئەجداتلىرىمىز پۇتبولنى قانداق سۆيگەن بولسا بىزمۇ شۇنداق سۆيىمىز .دۈشمەنلەرنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچراپ تۇرساقمۇ ﻫەرگىز بوشاشمايمىز !!!مانابۇ بىزدىكى ئېكساق روﻫى ،ئەجداتلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەت ئىسىل روﻫ .بىز ﻫەرگىز توختاپ قالمايمىز !
   [پايدىلانغان ماتىرياللار:"مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر"(خالىدە ئىسرائىل)ۋەباشقا تارىخى ماتىرياللار]

   بىزدىكى پۇتبول روﻫى
    بىز توختاپ قالمىدۇق ،مانا قاراڭ! بىزنىڭ ئوتيۈرەك مەستانىلەرگە !ئۇلارنىڭ "ﻫۇررا!"ساداسىغا قۇلاق سىلىڭ ...نىمىدىگەن ﻫەيۋەتلىك !بۇ ﻫالەتنى كۆرگەن بەزىلەر ﻫەيران قىلىشتى ،ئاغزىنى چوڭ ئىچىپ تۇرۇپ قىلىشتى ،ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى مۇسابىقىلەردىمۇ بۇنداق كىشىلەر كەپمۇ قويمايدىغانلىقىنى ئەسكە ئىلىشتى .بىز ئەشۇنداق ئەسەببى !بىز ئاشۇنداق پۇتبولنى يۈرىكىمىز بىلەن سۆيىمىز ! پۇتبول ئوينىغان ئوغلانلىرىمىزنى سۆيىمىز !ئۇلارنى دولىمىزغا ،ياق!بىشىمىزغا ئىلىپ كۆتىرىمىز !چىن دىلىمىز بىلەن ئۇلارغا دۇئا قىلىمىز !بىزدىنمۇ چولپانلار چىقىدۇ ،ﻫازىرقى :مىرئەخمەتجان ،مۇزەپپەر ،بارى مۇﻫەممەتئىلى ،شاۋكەت يالقۇن ،ئۆتكۈر ،دىلمۇرات ،يەﻫيا ،ئىلﻬام ،ئەرپات ،ئابدۇۋەلى قاتارلىقلارنىڭ ﻫەممىسى بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى چولپانلار ،ئۇلار تىخىمۇ تىرىشىشى كىرەك ئۇلارمۇ چاقنىشى كىرەك !بىزنىڭ پەخرىمىزگە گوللاندىيە ئاجاكىس كۇلۇبىنىڭ كۆزى چۈشكەندە مىرئەخمەتجان مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن بارالمىدى ،بەك ئەپسۇس...ئۇيغۇر پۇتبول چىلىقىنىڭ تەرەققىياتى تىخىمۇ پارلاق "ئۈرۈمچى5-باشلانغۇچ "تىكى پالۋانلار بىزنى ﻫەقىقەتەن تونۇتۇپ قويدى ،تىخى يىقىندىلا گىرمانىيە بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى ئاتۇشلىق شاكىچىك ئىرپاننى تاللاپ ئەككەتتى !يەنەبىر ئىش ،بىزنىڭ خوتەندىكى ئوتيۈرەك بايلار ۋە پۇتبول مەستانىلىرى بىرلىشىپ خوتەن بىرلەشمىسىنى قۇردى !ﻫازىر بىرلەشمىنىڭ ئىشلىرى ناﻫايىتى ئوڭۇشلۇق كىتىپ بىرىپتۇ(ئاللاﻫ ئىشلىرىڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن).ئۆتكەن يىلى بىزنىڭ شىنجاڭ كوماندىسى دۆلەتلىك تەنﻬەركەت يىغىنىدا4-لىكنى قولغا كەلتۈرۈپ ﻫەممىنى ﻫەيران قالدۇردى . يانا ئارقا-ئارقىدىن بىزنى خوشقىلىپ مۇشۇ يىلى شىنجاڭدا بىراقلا ئۈچ كەسپى كوماندا قۇرۇلىدۇ دىگەن خۇشخەۋەرمۇ بارتىخى! مانا مۇشۇنداق قاتار-قاتار نەتىجىلەر ۋە خۇشخەۋەرلەر بىزگە ئۈمۈد ئىلىپ كەلمەكتە .
    مەن ﻫەرقىتىم تار كوچىلاردا چۇرقۇرىشىپ پۇتبول ئويناۋاتقان بالىلارنى كۆرۈپ بىرخىل سۆيۈنىمەن !پۇتبول ناﻫايىتى ياخشى بولغان بىرتۈر،ئۇ كىشنىڭ ئەقلىنى ئاچىدۇ ،چاققان ،چەپدەس ،چىدامچان ،قورقماس،كۈچتۈڭگۈرقىلىدۇ .بىزنى ئىتىپاقلىققا ،كۈرۈشكە ئۈندەيدۇ ،بالىلارغا نىمىنىڭ ﻫەمكارلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ .ﻫەرقىتىم يىقىلىپ چۈشكەن رەقىبىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ يۆلىگەندە نىمىنىڭ مىﻬرىبانلىق ،نىمىنىڭ دوستلۇق ئىكەنلىكىنى تونىتىپ قويىدۇ .مانابۇ مەن سۆيگەن پۇتبول!مانابۇ بىز سۆيگەن پۇتبول!











بۇ خەۋەر يەنە بىر خەۋەر تورىدىن ئىلىندى ۋاقىپ بولغايسىلەر!