guide
ئىنزاجى مەشقاۋۇللۇق قىلغان كوماندا غەلىبىگە ئېرىشتى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
711 قىتىم


ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى: 13-ئىيۇن ئىتالىيە AC مىلان 17 ياشتىن تۆۋەنلەر دۆلەتلىك كوماندىسى مەشقاۋۇل ئىنزاجىنىڭ يېتەكچىلىكىدە 1-0 نەتىجىدە خەلىقئارا مىلان 17 ياشتىن تۆۋەنلەر دۆلەتلىك كوماندىسىنى ئۇتتى، توپچى ۋېدو پۈتۈن مەيدان بويىچە بىردىن-بىر توپنى كىرگۈزدى. مۇسابىقىدە غەلىبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن AC مىلان 17 ياشتىن تۆۋەنلەر دۆلەتلىك كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ئىنزاجى خۇش بولغان ﻫالدا مۇنداق دېدى: بۇ غەلىبە بەك مۇﻫىم، بىز قالتىس بىر مەيدان مۇسابىقە توپ ئوينىدۇق، كۆپچىلىكنىڭ ﻫەممىسى قالتىس ماﻫارىتىنى جارى قىلدۇردى، مەن كۆپچىلىكنىڭ قالتىس ئىپادىسىدىن خۇش بولدىم، كوماندىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە ئىشىنىمەن.